ھايات ھېكمەتلىرى
10
‏1 سۇلايماننىڭ ھېكمەتلىك سۆزلىرى.
 
دانا ئوغۇل ئاتىسىنى شادلاندۇرار،
جاھىل ئوغۇل ئانىسىغا غەم يېگۈزەر.
‏2 يامانلىقنىڭ خەزىنىلىرىنىڭ پايدىسى بولماس،
لېكىن ھەققانىيلىق ئۆلۈمدىن قۇتقۇزار.
‏3 پەرۋەردىگار ھەققانىيلارنىڭ جېنىنى ئاچ قويماس،
لېكىن ئۇ يامانلارنىڭ نەپسىنى قاندۇرماس.
‏4 ھۇرۇن قول كەمبەغەل قىلار،
لېكىن چاققان قول باي قىلار.
‏5 يازدا ئاشلىق يىغقان ئوغۇل ئەقىللىقتۇر،
ئورمىنىڭ ۋاقتىدا ئۇخلىغان ئوغۇل ئۇياتقا قالدۇرغۇچىدۇر.
‏6 بەرىكەت ھەققانىينىڭ بېشىغا كېلەر،
يامانلارنىڭ ئاغزى زوراۋانلىقىنى يوشۇرار.
‏7 ھەققانىي ئادەم مۇبارەك يادىكار قالدۇرار،
لېكىن يامانلارنىڭ نامى چىرىپ كېتەر.
‏8 دانا كۆڭۈللۈك كىشى نەسىھەتكە قۇلاق سالار،
لەۋلىرىدە ئەخمەقلەرچە سۆزلىگەن كىشى يىقىلار.
‏9 يولى دۇرۇس بولغان كىشى تىنچ-ئامان يۈرەر،
يوللىرىنى ئەگرى قىلغان كىشىنىڭ قىلمىشلىرى ئاشكارا بولار.
‏10 كۆزلىرىنى قىسىپ يۈرگەن كىشى خاپىلىق پەيدا قىلار،
لەۋلىرىدە ئەخمەقلەرچە سۆزلىگەن كىشى يىقىلار.
‏11 ھەققانىينىڭ ئاغزى ھايات بۇلىقىدەكتۇر ،
يامانلارنىڭ ئاغزى زوراۋانلىقنى يوشۇرىدۇ.
‏12 ئۆچمەنلىك ئۇرۇش-جېدەل قوزغار،
لېكىن مۇھەببەت ھەممە گۇناھلارنى ياپار.
‏13 ئەقىل-پاراسەتلىك كىشىنىڭ لەۋلىرىدە ھېكمەت بار،
لېكىن ئەقىلسىزنىڭ دۈمبىسىگە تاياق تېگەر.
‏14 دانالار ئۆز بىلىمىنى ئىچىدە ساقلار،
ئەخمەقنىڭ ئاغزى ھالاكەت ئېلىپ كېلەر.
‏15 باينىڭ دۆلىتى ئۇنىڭغا مۇستەھكەم شەھەردەكتۇر،
مىسكىنلەرنىڭ كەمبەغەللىكى ئۇلارنىڭ ھالاكىتىدۇر.
‏16 ھەققانىينىڭ مېھنىتى ھاياتقا ئېلىپ بارار،
يامان كىشىنىڭ پايدىسى گۇناھقا ئېلىپ بارار.
‏17 تەربىيىنى قوبۇل قىلغۇچى ھاياتلىق يولىدا ماڭار،
نەسىھەتنى رەت قىلغۇچى ئېزىقىپ كېتەر.
‏18 ئۆچمەنلىكنى يوشۇرغان كىشى يالغانچىدۇر،
تۆھمەت قىلغان كىشى ئەخمەقتۇر.
‏19 سۆز كۆپ بولسا، گۇناھ ئاز بولماس،
لېكىن لەۋلىرىنى ساقلىغان كىشى دانادۇر.
‏20 ساپ كۈمۈشتەكتۇر ھەققانىينىڭ تىلى،
ھېچنېمىگە يارىماس يامانلارنىڭ كۆڭلى.
‏21 ھەققانىينىڭ لەۋلىرى كۆپ كىشىنى يېتەكلەر،
ئەخمەقلەر ئەقىلسىزلىقىدىن ھالاك بولار.
‏22 پەرۋەردىگارنىڭ بەرىكىتى دۆلەت بېرەر،
بۇ بەرىكەتكە دەرد-مۇشەققەت قوشۇلماس.
‏23 ئەخمەق يامان ئىشتىن لەززەت تاپار،
دانا كىشى ھېكمەتتىن ھۇزۇر ئالار.
‏24 يامان كىشىنىڭ قورققىنى ئۇنىڭ بېشىغا كېلەر،
ھەققانىيلار ئارزۇ قىلغىنىغا ئېرىشەر.
‏25 قۇيۇن ئۆتۈپ كەتسە يامان كىشى يوق بولار،
لېكىن ھەققانىيلار يوقالماس ئۇلدەك مەزمۇت تۇرار.
‏26 سىركە چىشلارنى ۋە تۈتۈن كۆزلەرنى ئېچىشتۇرغاندەك،
ھۇرۇن كىشى ئۇنى ئەۋەتكەنلەرنى ئازابلايدۇ.
‏27 پەرۋەردىگاردىن قورقۇش ئۆمۈرنى ئۇزۇن قىلار،
ئەمما يامانلارنىڭ يىللىرى كېمەيتىلەر.
‏28 ھەققانىيلارنىڭ ئىنتىزارى خۇشاللىق بولار،
لېكىن يامانلارنىڭ ئۈمىدى ئۈزۈلۈپ كېتەر.
‏29 پەرۋەردىگارنىڭ يولى دۇرۇسلار ئۈچۈن ئامانلىقتۇر،
لېكىن يامانلىق قىلغۇچىلارغا ھالاكەتتۇر.
‏30 ھەققانىي ئادەم ئەسلا تەۋرەنمەس،
لېكىن يامانلار زېمىندا قالماس.
‏31 ھەققانىي ئادەمنىڭ ئاغزىدىن ھېكمەت چىقار،
ئەمما ئەگرى تىل كېسىلىپ كېتەر.
‏32 ھەققانىينىڭ لەۋلىرى قوبۇل قىلغۇدەك سۆزلەشنى بىلەر،
لېكىن يامان كىشىنىڭ ئاغزىدىن ئەگرى گەپ چىقار.