ئەخمەقلىقنى تاشلاپ ھېكمەتكە ئىنتىلىش كېرەك
9
‏1 ھېكمەت ئۆزىگە بىر ئۆي ياساپ،
يەتتە تۈۋرۈكىنى يونۇپ ئورناتتى.
‏2 ئۇ ئۆز كالىلىرىنى سويۇپ، شارابنى ئىلەشتۈرۈپ،
داستىخىنىنى راسلىدى.
‏3 ئۇ دېدەكلىرىنى ئەۋەتىپ،
شەھەرنىڭ ئەڭ ئېگىز جايلىرىدا تۇرغۇزۇپ:
‏4 «ئەي ساددا دىللار، بۇ يەرگە كېلىڭلار» دەپ چاقىرتتى.
دانالىققا موھتاج بولغانلارغا ئۇ مۇنداق دېدى:
‏5 «كېلىڭلار، نېنىمدىن يەڭلار،
مەن ئىلەشتۈرگەن شارابتىن ئىچىڭلار.
‏6 ھاياتىڭلارنى ساقلاش ئۈچۈن ئەخمەقلىقنى قويۇڭلار،
ئەقىل-پاراسەتنىڭ يولىدا مېڭىڭلار».
 
‏7 كىمكى مازاق قىلغۇچىغا نەسىھەت بەرسە، ئاھانەتكە قالار.
كىمكى يامان كىشىنى ئەيىبلىسە، ھاقارەت تاپار.
‏8 مازاق قىلغۇچىغا نەسىھەت قىلمىغىن،
بولمىسا ئۇ سېنى يامان كۆرۈپ قالار. ئەمما دانا كىشىگە نەسىھەت قىلساڭ،
ئۇ سېنى ياخشى كۆرەر.
‏9 داناغا مەسلىھەت بەرسەڭ، ئۇ تېخىمۇ دانا بولار،
ھەققانىي ئادەمگە تەلىم بەرسەڭ، ئۇنىڭ بىلىمى ئاشار.
‏10 پەرۋەردىگاردىن قورقۇش ھېكمەتنىڭ باشلىنىشىدۇر.
مۇقەددەس بولغۇچىنى بىلىش ئەقىل-پاراسەتتۇر.
‏11 مېنىڭ ياردىمىم بىلەن كۈنلىرىڭ كۆپ بولار،
سېنىڭ ئۆمرۈڭ ئۇزۇن بولار.
‏12 دانا بولساڭ، دانالىقىڭنىڭ پايدىسى ئۆزۈڭگە تېگەر.
مازاق قىلغۇچى بولساڭ، زىيىنى ئۆزۈڭگە بولار.
 
‏13 ئەخمەق خوتۇن ۋالاقتەگكۈر ۋە ئەقىلسىزدۇر،
ئۇ ھېچنېمە بىلمەستۇر.
‏14 ئۇ ئۆز ئۆيىنىڭ دەرۋازىسى يېنىدا
ۋە شەھەرنىڭ ئېگىزلىكلىرىدە ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ،
‏15 ئۆز يوللىرىدا توغرا مېڭىپ ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلارغا:
‏16 «ساددا دىل بولغانلار بۇ يەرگە كەلسۇن» دەپ چاقىرىدۇ.
ئۇ ئەقىلسىزلەرگە:
‏17 «ئوغرىلىغان سۇ تاتلىقتۇر،
يوشۇرۇنغان نان لەززەتلىكتۇر» دەپ ۋارقىرايدۇ.
‏18 ئەمما ئۇلار ئۇ يەر ئۆلۈكلەرنىڭ ماكانى ئىكەنلىكىنى،
ئۇ يەرگە چاقىرىلغانلار ئۆلۈكلەر دىيارىغا چۈشكىنىنى بىلمەيدۇ.