ھېكمەتنىڭ چاقىرىشى
8
1 ھېكمەت چاقىرمىدىمۇ؟ ئەقىل-ئىدراك ئۆز ئاۋازىنى ئاڭلاتمىدىمۇ؟
2 ئۇ يول بويىدىكى ئېگىزلىكلەردە
ۋە دوقمۇشلاردا تۇرىدۇ،
3 شەھەرنىڭ دەرۋازىلىرىنىڭ يېنىدا،
دەرۋازا ئىشىكلىرىدە ئاۋازىنى ئاڭلىتىدۇ:
4 ئەي ئادەملەر، سىلەرنى چاقىرىمەن،
ئاۋازىمنى ئادەم بالىلىرىغا ئاڭلىتىمەن.
5 ئەي نادانلار، ھوشيارلىق ئۆگىنىڭلار،
ئەي ئەخمەقلەر، ئەقىل-پاراسەتكە ئېرىشىڭلار.
6 ئاڭلاڭلار، چۈنكى ئۇلۇغ ئىشلار توغرىسىدا سۆزلەيمەن.
لەۋلىرىم ئېچىلىپ دۇرۇسلۇق توغرىسىدا سۆز قىلىمەن.
7 ئاغزىم ھەقىقەتنى بايان قىلىدۇ،
لەۋلىرىم يامانلىقتىن يىرگىنىدۇ.
8 ئاغزىمنىڭ ھەممە سۆزلىرى ھەقتۇر،
ئۇلاردا ھېچ ھىيلە ياكى ئەگرىلىك يوقتۇر.
9 ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئەقىل-پاراسەتلىك كىشىلەرگە ئېنىقتۇر،
ئىلىم-ھېكمەت ئىزدىگەنلەرگە توغرىدۇر.
10 نەسىھەتىمنى كۈمۈشتىن ئەۋزەل كۆرۈڭلار،
ئىلىم-ھېكمەتنى ساپ ئالتۇندىن قىممەت ساناڭلار.
11 چۈنكى ھېكمەت مەرۋايىتتىن ئەۋزەلدۇر،
ھەممە قىممەتلىك نەرسىلەر ئۇنىڭغا تەڭ كېلەلمەيدۇ.
12 مەن، ھېكمەت، ھوشيارلىق بىلەن شېرىك بولىمەن،
پەم-پاراسەت بىلەن بىلىم ئاشۇرىمەن.
13 پەرۋەردىگاردىن قورقۇش يامانلىقتىن نەپرەتلىنىشتۇر.
تەكەببۇرلۇق ۋە يوغانچىلىق،
يامان يول ۋە ئەگرى ئېغىزنى ئۆچ كۆرىمەن.
14 مەندە مەسلىھەت ۋە ھېكمەت بار،
ئەقىل-پاراسەت ۋە قۇدرەت مەندىدۇر.
15 مېنىڭ ياردىمىم بىلەن پادىشاھلار ھۆكۈم سۈرىدۇ
ۋە ئەمىرلەر ئادىل ھۆكۈم چىقىرىدۇ.
16 مېنىڭ ياردىمىم بىلەن ئەمىرلەر، خانزادىلەر
ۋە يەر يۈزىدىكى ھەممە ھاكىملار ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ.
17 مېنى سۆيگەنلەرنى مەن سۆيىمەن،
مېنى ئىزدىگەنلەر مېنى تاپىدۇ.
18 دۆلەت ۋە ئىززەت يېنىمدىدۇر،
تۈگىمەس خەزىنە ۋە ئادالەت مەندىدۇر.
19 مېۋەم ئالتۇندىن قىممەت، ساپ ئالتۇندىن ئەۋزەلدۇر،
مەندىن كېلىدىغان پايدا ساپ كۈمۈشتىن ياخشىدۇر.
20 مەن ھەققانىيەت يولىدا ماڭىمەن،
ئادالەت يوللىرىدا توغرا يۈرىمەن.
21 مېنى سۆيگەنلەرگە رىزقىنى يەتكۈزىمەن،
ئۇلارنىڭ خەزىنىلىرىنى تولدۇرىمەن.
22 پەرۋەردىگار مېنى قەدىمكى زاماندا
ھەممە قىلغان ئىشلىرىدىن ئىلگىرى تۇنجى بولۇپ ياراتتى.
23 ئەزەلدىن تارتىپ، ئىپتىدادىن بېرى،
يەرنىڭ يارىتىلىشىدىن بۇرۇن مەن تاللاندىم.
24 چوڭقۇر سۇلار پەيدا بولماستا،
سۇغا تولغان بۇلاقلار كۆز ئاچماستا مەن تۇغۇلدۇم.
25 تاغلار شەكىللەنمەستە،
دۆڭلۈكلەر بولماستا،
26 خۇدا زېمىن-دالالارنى ۋە يەر يۈزىدىكى
ئاۋۋالقى توپا-چاڭلار ياراتماستا، مەن تۇغۇلدۇم.
27 ئۇ ئاسماننى ئورناتقىنىدا،
ئۇ چوڭقۇر سۇلارنىڭ يۈزىدە بىر گۈمبەزنى بېكىتكىنىدە،
28 بۇلۇتلارنى ئېگىزلىكتە يايغىنىدا،
چوڭقۇر سۇلارنىڭ چەشمىلىرى بۇلدۇقلاپ چىققىنىدا،
29 سۇلار بۇيرۇقۇمدىن ئۆتمىسۇن دەپ دېڭىزغا بىر چەك قويغىنىدا،
يەرنىڭ ئۇللىرىنى سالغىنىدا مەن ئۇ يەردە ئىدىم.
30 مەن ئۇنىڭ يېنىدا ئۇستا ھۈنەرۋەن ئىدىم،
كۈندىن-كۈنگە ئۇنىڭ خۇشاللىقى بولۇپ،
ھەمىشە ئۇنىڭ ھۇزۇرىدا شادلىناتتىم.
31 ئۇ ياراتقان يەر يۈزىدە مەن ئويناپ شادلىناتتتىم
ۋە ئادەم بالىلىرى بىلەن خۇشال بولاتتىم.
32 ئەي ئوغۇللار، ئەمدى ماڭا قۇلاق سېلىڭلار،
چۈنكى يوللىرىمنى تۇتقانلار بەختلىكتۇر!
33 تەلىمنى ئاڭلاپ دانا بولۇڭلار،
نەسىھەتلىرىمنى رەت قىلماڭلار.
34 ماڭا قۇلاق سېلىپ، كۈندىن-كۈنگە
ئىشىكلىرىمنىڭ ئالدىدا ساقلاپ تۇرغانلار،
دەرۋازىلىرىمنىڭ بوسۇغىلىرىدا
ماڭا ئىنتىزار بولۇپ كۈتكەنلەر بەختلىكتۇر!
35 چۈنكى مېنى تاپقان كىشى ھايات تاپىدۇ،
پەرۋەردىگارنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىدۇ.
36 لېكىن ماڭا قارشى گۇناھ قىلغان كىشى
ئۆز جېنىغا زىيان كەلتۈرىدۇ.
مېنى يامان كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى
ئۆلۈمنى ياخشى كۆرىدۇ.