ئەقىلسىز يىگىتنىڭ بۇزۇق خوتۇننىڭ تۇزىقىغا چۈشۈشى
7
1 ئەي ئوغلۇم، سۆزلىرىمنى ئېسىڭدە تۇتقىن، بۇيرۇقلىرىمنى يادىڭدا ساقلىغىن.
2 ھاياتىڭنى ساقلاش ئۈچۈن ئەمرلىرىمگە ئەمەل قىلغىن،
تەلىملىرىمنى كۆزۈڭنىڭ قارىچۇقىدەك ساقلىغىن.
3 ئۇلارنى بارماقلىرىڭغا باغلىغىن،
يۈرىكىڭنىڭ تاختىسىغا يېزىۋالغىن.
4 ھېكمەتكە: «ئاچام بولىسەن» دېگىن،
ئەقىل-پاراسەتنى «تۇغقىنىم» دېگىن.
5 بۇلار سېنى ساقلايدۇ بۇزۇق خوتۇندىن
ۋە سىلىق سۆزلەيدىغان يات ئايالدىن.
6 مەن ئۆيۈمنىڭ دېرىزىسىدىن،
ئۇنىڭ پەنجىرىسىدىن قاراپ تۇرغىنىمدا،
7 ساددا يىگىتلەرنىڭ ئارىسىدا
بىر ئەقىلسىز ياش يىگىتنى كۆرۈپ قالدىم.
8 ئۇ كوچىنى بويلاپ مېڭىپ، دوقمۇشتىن ئۆتۈپ،
شۇنداق خوتۇننىڭ ئۆيى تەرەپكە قاراپ ماڭدى.
9 كېچقۇرۇن، كۈن ئولتۇرۇپ،
كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقى چۈشكەن ۋاقىت ئىدى.
10 مانا، بىر خوتۇن چىقىپ ئۇ بىلەن كۆرۈشتى.
ئۇنىڭ كىيىمى پاھىشىنىڭكىدەك ئىدى،
ئۇنىڭ نىيىتى بولسا بۇزۇق ئىدى.
11 ئۇ ۋالاقتەگكۈر ۋە يۈگەنسىز بولۇپ، پۇتلىرى ئۆيىدە تۇرالمايتتى.
12 بىر دەم كوچىدا، بىر دەم بازاردا،
ھەربىر دوقمۇشتا ئەرلەرنى ماراپ تۇراتتى.
13 ئۇ ھېلىقى يىگىتنى تۇتۇۋېلىپ سۆيۈپ،
قېلىن يۈزى بىلەن ئۇنىڭغا ئېيتتى:
14 «بۈگۈن ئامانلىق قۇربانلىقىنى كەلتۈرۈپ،
ۋەدىلىرىمنى ئادا قىلدىم.
15 شۇنىڭ ئۈچۈن سەن بىلەن كۆرۈشكىلى چىقتىم،
دىدارىڭنى ئىزدەپ، ئەمدى سېنى تاپتىم.
16 كارىۋىتىمنى يوپۇقلار بىلەن ياپتىم،
مىسىرنىڭ يىپلىرىدىن توقۇلغان رەڭلىك كۆرپىلەرنى سالدىم.
17 ئورنۇمغا مۇرمەككى، مۇئەتتەر
ۋە قوۋزاقدارچىنلار چاچتىم.
18 كەلگىن، تاڭ ئاتقۇچە تويغۇدەك مۇھەببەتلىشىپ،
بىر-بىرىمىزنىڭ قوينىدا سۆيۈنۈشەيلى.
19 چۈنكى ئېرىم ئۆيدە يوق،
ئۇ ئۇزۇن سەپەرگە كەتتى.
20 پۇل خالتىسىنى ئېلىپ كەتتى،
ئاي تولغۇچە قايتىپ كەلمەيدۇ».
21 چىرايلىق گەپلەر بىلەن ئۇنى ئىشەندۈردى،
لەۋلىرىنىڭ سىلىق سۆزلىرى بىلەن ئۇنى ئېزىقتۇردى.
22 بوغۇزلانغىلى بارىدىغان كالىدەك،
كىشەن سېلىنىپ جازاسىغا بارىدىغان ھاماقەتلىك كىشىدەك،
يىگىت ئۇنىڭ كەينىدىن ماڭدى.
23 ئۆز ھاياتىغا تەھدىت بارلىقىنى سەزمەي،
قىلتاققا ئۇچۇپ چۈشىدىغان قۇشتەك،
يىگىت ئۆزىگە بىر ئوق تېگىپ جىگىرىنى تەشكۈچە
ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى.
24 ئەي ئوغۇللار، گېپىمنى ئاڭلاڭلار،
ئاغزىمنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىڭلار.
25 ئۇنىڭ يوللىرىغا مايىل بولمىسۇن كۆڭلۈڭلار،
ئۇنىڭ ئىزلىرىغا ئەگىشىپ ئېزىقىپ كەتمەڭلار.
26 ئۇ نۇرغۇن ئەجەللىك يارىلانغانلارنى يىقىتتى،
سانسىز ئەرلەرنى ئۆلتۈردى.
27 ئۆلۈكلەر دىيارىغا ئېلىپ بارىدىغان يوللار ئۇنىڭ ئۆيىدىن ئۆتۈپ،
ئۆلۈمنىڭ ماكانلىرىگە ئېلىپ بارىدۇ.