بىكارچىلىق ۋە زىنا خەتىرىدىن ئاگاھلاندۇرۇش
6
‏1 ئەي ئوغلۇم، ئەگەر دوستۇڭ ئۈچۈن كېپىل بولغان بولساڭ،
يات كىشىگە قول سوزۇپ ۋەدە بەرگەن بولساڭ،
‏2 ئاغزىڭنىڭ سۆزى بىلەن تۇتۇلغان بولساڭ،
لەۋلىرىڭنىڭ ئېيتقىنى بىلەن باغلىنىپ قالغان بولساڭ،
‏3 يېقىنىڭنىڭ قولىغا چۈشكىنىڭ ئۈچۈن
مۇنداق قىلغىن، ئەي ئوغلۇم:
ئۆزۈڭنى قۇتۇلدۇرۇشۇڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ يېنىغا بارغىن،
ئۇنىڭ ئالدىغا يىقىلىپ، ئۇنىڭغا يالۋۇرغىن.
‏4 كۆزلىرىڭگە ئۇيقۇ بەرمىگىن،
قىرپىقلىرىڭنى قاقمىغىن.
‏5 ئوۋچىنىڭ قولىدىن قېچىۋاتقان كېيىكتەك،
ئوۋچىنىڭ تورىدىن قېچىۋاتقان قۇشتەك قۇتۇلۇشقا تىرىشقىن.
 
‏6 ئەي ھۇرۇن، چۈمۈلىگە بېرىپ قاراپ باققىن،
ئۇنىڭ ھەرىكەتلىرىگە سەپسېلىپ قاراپ دانا بولغىن.
‏7 ئۇنىڭغا نە سەردار، نە نازارەتچى، نە خوجا بولمىسىمۇ،
‏8 ئۇ ياز ۋاقتىدا ئوزۇقىنى تەييارلايدۇ،
ئورما ۋاقتىدا ئاشلىقىنى يىغىدۇ.
‏9 ئەي ھۇرۇن، قاچانغىچە ئۇخلايسەن؟
قاچان ئۇيقۇڭدىن ئويغىنىپ تۇرىسەن؟
‏10 «يەنە ئازغىنە ئۇخلىۋالاي، ئازغىنە مۈگدىۋالاي،
يەنە ئازغىنە ۋاقىت قول قوشتۇرۇپ يېتىۋالاي» دېسەڭ،
‏11 نامراتلىق بىر بۇلاڭچىدەك ئۈستۈڭگە كېلىدۇ،
موھتاجلىق بىر قاراقچىدەك سېنى باسىدۇ.
 
‏12 ھېچنېمىگە يارىمايدىغان يامان ئادەم
ئاغزى بىلەن يالغان سۆزلەپ يۈرىدۇ.
‏13 ئۇ كۆزلىرىنى قىسىپ،
پۇتلىرى ۋە قوللىرى بىلەن شەرەت قىلىپ يۈرىدۇ.
‏14 مۇنداق كىشىنىڭ كۆڭلى قارا نىيەتلىكتۇر،
ئۇ ھەمىشە جېدەل چىقىرىپ يۈرىدۇ.
‏15 شۇڭا ئۇنىڭغا تۇيۇقسىز بالا-قازا كېلىدۇ،
ئۇ قۇتۇلالماي بىردىنلا ئېزىلىدۇ.
 
‏16 پەرۋەردىگار يامان كۆرگەن ئالتە نەرسە بار،
ئۇنىڭغا يىرگىنچلىك بولغان يەتتە نەرسە بار:
‏17 ئۇلار بولسا تەكەببۇر كۆز، يالغانچى تىل،
بىگۇناھ قان تۆكىدىغان قوللار،
‏18 قارا نىيەتلىك كۆڭۈل،
يامانلىققا يۈگۈرىدىغان پۇتلار،
‏19 يالغان سۆزلەيدىغان ساختا گۇۋاھچى
ۋە قېرىنداشلار ئارىسىدا جېدەل تېرىغۇچى.
 
‏20 ئەي ئوغلۇم، ئاتاڭنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنغىن،
ئاناڭنىڭ تەلىمىنى تاشلىمىغىن.
‏21 بۇلارنى يۈرىكىڭگە ئورنىتىۋالغىن،
بوينۇڭغا مارجاندەك ئېسىۋالغىن.
‏22 بارغىنىڭدا ئۇلار سېنى باشلايدۇ،
ياتقىنىڭدا سېنى ساقلايدۇ،
ئويغانغىنىڭدا ساڭا سۆزلەيدۇ.
‏23 چۈنكى بۇيرۇق بىر چىراغدۇر، تەلىم بىر نۇردۇر
ۋە تەربىيىنىڭ تەنبىھلىرى ھايات يولىدۇر.
‏24 ئۇلار سېنى ساقلايدۇ يامان ئايالدىن
ۋە بۇزۇق خوتۇننىڭ سىلىق سۆزلىرىدىن.
‏25 ئۆز كۆڭلۈڭدە ئۇنىڭ گۈزەللىكىنى ئارزۇ قىلمىغىن،
ئۇ سېنى قاش-كۆز ئوينىتىشى بىلەن جەلپ قىلىپ ئازدۇرمىسۇن.
‏26 چۈنكى پاھىشە ئايالنىڭ سەۋەبىدىن
كىشى بىر چىشلەم نانغا موھتاج بولار،
باشقا كىشىنىڭ خوتۇنى كىشىنىڭ ئەزىز جېنىنى ئوۋلىۋالار.
‏27 بىر كىشى قوينىغا ئوت سالسا، كىيىمى كۆيۈپ كەتمەمدۇ؟
‏28 چوغلار ئۈستىدە ماڭسا، پۇتلىرى كۆيۈپ كەتمەمدۇ؟
‏29 ئۆز قوشنىسىنىڭ ئايالى بىلەن بىر ئورۇندا ياتقان كىشى شۇنداق بولار،
كىمكى باشقىسىنىڭ ئايالىغا تەگسە، جازاسىز قالماس.
‏30 ئاچ قېلىپ، ئۆز قورسىقىنى تويغۇزۇش ئۈچۈن
ئوغرىلىق قىلغان ئوغرى كەمسىتىلمەس.
‏31 لېكىن تۇتۇلۇپ قالسا، ئۇ يەتتە ھەسسە تۆلەم تۆلەر،
ئۆيىدىكى ھەممە نەرسىنى بېرىشى لازىم بولار.
‏32 بىر ئايال بىلەن زىنا قىلغۇچى ئەقىلسىزدۇر،
ئۇ ئۆز جېنىغا ھالاكەت ئېلىپ كېلىدۇ.
‏33 ئۇ تاياق ۋە دەشنەم يەيدۇ،
ئۇنىڭ شەرمەندىلىكى ئۆچۈرۈلمەيدۇ.
‏34 چۈنكى كۈنلەش ئوتى ئېرىنىڭ غەزىپىنى قوزغار،
ئۇ ئىنتىقام ئالغان كۈنىدە رەھىم قىلماس.
‏35 ئۇ سوۋغات قوبۇل قىلماس،
قانچىلىك چوڭ تۆلەم بەرسەڭمۇ، ئۇ رازى بولماس.