بۇزۇق خوتۇننىڭ ئازدۇرۇشىدىن خوشيار بولۇش
5
1 ئەي ئوغلۇم، ھېكمىتىمگە دىققەت قىلغىن، دانا سۆزلىرىمگە قۇلاق سالغىن.
2 شۇنداق قىلساڭ پەم-پاراسەتلىك بولىسەن،
لەۋلىرىڭدە ئىلىم-ھېكمەتنى ساقلايسەن.
3 بۇزۇق خوتۇننىڭ لەۋلىرى ھەرە كۆنىكىدىن ئاققان ھەسەلدەكتۇر،
ئۇنىڭ ئاغزى ياغدەك سىلىقتۇر.
4 لېكىن ئۇ ئاخىردا ئەمەندەك ئاچچىق بولار،
ئىككى بىسلىق قىلىچتەك ئۆتكۈر بولار.
5 ئۇنىڭ پۇتلىرى ئۆلۈم تەرىپىگە ماڭار،
قەدەملىرى ئۆلۈكلەر دىيارىغا ئېلىپ بارار.
6 ئۇنىڭ يوللىرىنىڭ ئەگرى-توقاي ئىكەنلىكىنى بايقىماي قالىسەن.
بولمىسا ھاياتلىق يولىغا بۇرۇلاتتىڭ.
7 ئەي ئوغۇللار، ماڭا قۇلاق سېلىڭلار،
ئاغزىمنىڭ سۆزلىرىدىن چىقماڭلار.
8 ئۆز يولۇڭنى مۇنداق ئايالدىن نېرى قىلغىن،
ئۆيىنىڭ ئىشىكىگە يېقىن بارمىغىن.
9 باشقىلارغا ئىززىتىڭنى بەرمىگىن،
رەھىمسىزلەرگە يىللىرىڭنى تاپشۇرمىغىن.
10 ياتلار بايلىقىڭدىن تويمىسۇن،
جاپا تارتىپ تاپقانلىرىڭ باشقا كىشىنىڭ ئۆيىگە كەتمىسۇن.
11 ئۆمرۈڭنىڭ ئاخىرى كەلگەندە،
ئەت-بەدىنىڭ چىرىپ كەتكەن ھالىتىگە يەتكەندە:
12 «نېمىشقا ئەدەپنى يامان كۆردۈم،
نېمىشقا كۆڭلۈمدە نەسىھەتنى رەت قىلدىم؟
13 نېمىشقا ئۇستازلىرىمنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمىدىم،
نېمىشقا تەلىم بەرگۈچىلىرىمگە قۇلاق سالمىدىم؟
14 مەن يىغىلغان جامائەتنىڭ ئالدىدا
يامانلىققا مۇپتىلا بولغىلى تاس قالدىم» دەپ قالمىغىن.
15 ئۆز قۇدۇقۇڭدىن سۇ تارتقىن،
ئۆز بۇلىقىڭدىن ئاققان سۇنى ئىچكىن.
16 چەشمىلىرىڭ تاشقىرىغا تاشسۇنمۇ؟
ئېرىقلىرىڭنىڭ سۈيى كوچىلارغا ئېقىپ كەتسۇنمۇ؟
17 ئۇلار سېنىڭكى بولسۇن،
ئۇلارنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلاشمىغىن.
18 سېنىڭ قۇدۇقۇڭ بەرىكەتلىك بولسۇن،
ياش ۋاقتىڭدا ئالغان ئايالىڭدىن ھۇزۇرلانغىن.
19 ئۇ ساڭا دىل تارتقان بىر مارالدەك بولسۇن،
گۆزەل بىر كېيىكتەك بولسۇن.
ئۇنىڭ قوينى سېنى سۆيۈندۈرسۇن،
ئۇنىڭ مۇھەببىتىدىن ھەمىشە لەززەت ئالغىن.
20 ئەي ئوغلۇم، نېمىشقا بۇزۇق خوتۇن بىلەن لەززىتىڭ بولغاي؟
نېمىشقا يات ئايالنى قۇچاقلايسەن؟
21 مانا، ئادەمنىڭ يوللىرى پەرۋەردىگارنىڭ كۆز ئالدىدا ئاشكارىدۇر،
ئۇ ئۇنىڭ ھەممە يوللىرىنى كۆزىتىپ تۇرىدۇ.
22 يامان كىشى ئۆز يامانلىقلىرىدىن تۇتۇلۇپ قالار،
گۇناھىنىڭ قىلتىقىغا چىرمىشىپ قالار.
23 ئۇ تەربىيىنى رەت قىلغىنى ئۈچۈن ئۆلەر،
كۆپلىگەن ئەخمەقلىقلىرىدىن ئېزىقىپ كېتەر.