ھېكمەتكە ئېرىشىش يولى
4
‏1 ئەي ئوغۇللار، ئاتىنىڭ نەسىھەتىنى ئاڭلاڭلار،
ئەقىل-پاراسەت تېپىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىڭلار.
‏2 چۈنكى سىلەرگە بېرىمەن ياخشى تەلىمنى،
شۇڭا تاشلىماڭلار نەسىھەتىمنى.
‏3 مەن ئاتامنىڭ كىچىك بالىسى ئىدىم،
ئانامنىڭ نازۇك يالغۇز ئوغلى ئىدىم.
‏4 ئاتام ماڭا تەلىم بېرىپ مۇنداق دېدى:
مېنىڭ سۆزلىرىمنى يۈرىكىڭدە ساقلىغىن
ۋە بۇيرۇقلىرىمغا بويسۇنغىن،
شۇندا ھاياتىڭنى ساقلايسەن.
‏5 ھېكمەت ۋە ئەقىل-پاراسەت تاپقىن،
ئاغزىمنىڭ سۆزلىرىنى ئۇنتۇمىغىن،
ئۇلاردىن چىقمىغىن.
‏6 ھېكمەتنى تاشلىمىساڭ، ئۇ سېنى ساقلايدۇ.
ئۇنى دوست تۇتساڭ، ئۇ سېنى قوغدايدۇ.
‏7 ھېكمەت ھەممىدىن مۇھىمدۇر.
شۇنىڭ ئۈچۈن ھېكمەت ئىزدىگىن،
پۈتۈن بارلىقىڭ بىلەن
ئەقىل-پاراسەت تېپىش ئۈچۈن تىرىشقىن.
‏8 ئۇنى ئۇلۇغ دەپ بىلسەڭ، ئۇ سېنى كۆتۈرىدۇ،
ئۇنى قۇچىقىڭدا تۇتساڭ، ئۇ ساڭا ئىززەت ئاتا قىلىدۇ.
‏9 ئۇ سېنىڭ بېشىڭغا بىر زىننەتلىك تاجنى تاقايدۇ،
شۆھرەتلىك بىر تاجنى ساڭا تاپشۇرىدۇ.
 
‏10 ئەي ئوغلۇم، مېنى ئاڭلاپ، سۆزلىرىمنى قوبۇل قىلغىن،
شۇنداق قىلساڭ، ئۆمرۈڭ ئۇزاق بولىدۇ.
‏11 مەن ساڭا ھېكمەتنىڭ يوللىرىنى كۆرسىتىمەن،
سېنى توغرا يوللارغا باشلايمەن.
‏12 پۇتلىرىڭ توسالغۇغا ئۇچرىمايدۇ ماڭغىنىڭدا،
ھەرگىز پۇتلاشمايسەن يۈگۈرگىنىڭدە.
‏13 مېنىڭ نەسىھەتىمنى چىڭ تۇتقىن،
ئۇنى قويۇپ بەرمەي ساقلىغىن،
چۈنكى ئۇ سېنىڭ ھاياتىڭ بولىدۇ.
‏14 يامانلارنىڭ ئىزىغا ئەگەشمىگىن،
رەزىللەرنىڭ يولىدا ماڭمىغىن.
‏15 ئۇلارنىڭ يوللىرىدىن قاچقىن، ئۇ يەردىن ئۆتمىگىن،
بۇرۇلۇپ ئۇلاردىن يىراقلىشىپ كەتكىن.
‏16 چۈنكى ئۇلار يامانلىق قىلمىغۇچە ئۇخلىيالماس،
بىر كىشىنى يىقىتمىغۇچە، ئۇيقۇسى كەلمەس.
‏17 يامانلىق ئۇلارنىڭ يەيدىغان نېنىدۇر،
زۇلۇم ئۇلارنىڭ ئىچىدىغان شارابىدۇر.
‏18 ئەمما ھەققانىيلارنىڭ يولى تاڭ نۇرىدەكتۇر،
بارغانسېرى يورۇپ چىڭ چۈشتىكى قۇياشتەك بولۇر.
‏19 لېكىن يامانلارنىڭ يولى قاراڭغۇ زۇلمەتكە ئوخشار،
ئۇلار نېمىگە پۇتلىشىدىغىنىنى بىلمەس.
 
‏20 ئەي ئوغلۇم، سۆزلىرىمنى دىققەت بىلەن ئاڭلىغىن،
گەپلىرىمگە قۇلاق سالغىن.
‏21 ئۇلارنى كۆزلىرىڭدىن يوقاتمىغىن،
قەلبىڭدە چىڭ ساقلىغىن.
‏22 ئۇلارنى تاپقان كىشىگە ئۇلار ھاياتتۇر،
پۈتۈن تېنىگە داۋادۇر.
‏23 ئەڭ ئاۋۋال قەلبىڭنى پاك ساقلىغىن،
چۈنكى ئۇ ھاياتنىڭ بۇلىقىدۇر.
‏24 ئۆزۈڭنى ئېغىزنىڭ ھىيلىسىدىن نېرى تۇتقىن،
لەۋلەرنىڭنى ئەگرى گەپ قىلىشتىن ساقلىغىن.
‏25 كۆزلىرىڭنى ئالدىڭغا تىككىن،
نەزىرىڭنى ئۇدۇلغا سالغىن.
‏26 پۇتۇڭ ماڭىدىغان يولنى تۈز قىلغىن،
ھەممە يوللىرىڭنىڭ توغرا بولۇشىغا دىققەت قىلغىن.
‏27 نە ئوڭغا، نە سولغا بۇرۇلمىغىن،
ئايىغىڭنى يامانلىقتىن يىغقىن.