ھېكمەت ئىزدىگۈچى بەرىكەت تاپىدۇ
3
‏1 ئەي ئوغلۇم، تەلىمىمنى ئۇنتۇمىغىن،
مېنىڭ بۇيرۇقلىرىمنى قەلبىڭدە چىڭ ساقلىغىن.
‏2 چۈنكى بۇنىڭ بىلەن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىسەن،
يىللىرىڭغا يىل قوشۇلۇپ، ئامانلىق تاپىسەن.
‏3 مېھىر-مۇھەببەت ۋە ساداقەت سەندىن ئايرىلمىسۇن.
ئۇلارنى بوينۇڭغا مارجان كەبى ئېسىۋالغىن،
يۈرىكىڭنىڭ تاختىسىغا پۈتۈۋالغىن.
‏4 شۇنداقتا خۇدا ۋە ئادەملەرنىڭ نەزىرىدە
ئىلتىپات تېپىپ، قەدىرلىنىسەن.
‏5 پۈتۈن قەلبىڭ بىلەن پەرۋەردىگارغا ئىشەنگىن،
ئۆز ئەقىل-پاراسىتىڭگە تايانمىغىن.
‏6 ھەممە ئىشلىرىڭدا ئۇنى ياد ئەتسەڭ،
ئۇ ھەممە يوللىرىڭنى ئوچۇق قىلار.
‏7 ئۆزۈڭنى دانا ھېسابلىمىغىن،
پەرۋەردىگاردىن قورقۇپ، يامانلىقتىن قاچقىن.
‏8 بۇ سېنىڭ تېنىڭگە داۋا بولار،
ئۇستىخانلىرىڭغا يىلىك بولار.
‏9 ئۆز مال-مۈلكۈڭ ۋە دەسلەپكى ھوسۇلۇڭنى پەرۋەردىگارغا ئاتىغىن،
شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭغا شان-شەرەپ كەلتۈرگىن.
‏10 شۇندا ئامبارلىرىڭ ئاشلىققا تولار،
ئۈزۈم سىققۇچلىرىڭ يېڭى شارابتىن تاشار.
 
‏11 ئەي ئوغلۇم، پەرۋەردىگارنىڭ تەربىيىسىدىن باش تارتمىغىن،
ئۇنىڭ ئەدەب بېرىشىنى يامان كۆرمىگىن.
‏12 چۈنكى ئاتا ئۆزى سۆيگەن ئوغلىنى تەربىيىلىگەندەك،
پەرۋەردىگار ئۆزى سۆيگەن كىشىنى تەربىيىلەر.
 
‏13 ھېكمەتنى تاپقان ئىنسان
ۋە ئەقىل-پاراسەتنى ئىگىلىگەن ئادەم بەختلىكتۇر!
‏14 ھېكمەتنى تېپىش كۈمۈش تېپىشتىن ياخشىدۇر،
ئۇنىڭ پايدىسى ئالتۇننىڭ پايدىسىدىن ئەۋزەلدۇر.
‏15 ئۇ مەرۋايىتتىن قىممەتلىكتۇر.
ھېچبىر ئارزۇلۇق نەرسە ئۇنىڭغا تەڭ كەلمەيدۇ.
‏16 ئۇنىڭ ئوڭ قولىدا ئۇزۇن ئۆمۈر بار،
سول قولىدا دۆلەت بىلەن ئىززەت بار.
‏17 ئۇنىڭ يوللىرى خۇشاللىققا تولغان يوللار،
ھەممە ئىزلىرىدا ئامانلىق بار.
‏18 ئۇنى چىڭ تۇتقۇچىلارغا ئۇ ھاياتلىق دەرىخىدۇر،
ئۇنى ساقلىغانلار بەختلىكتۇر.
‏19 ھېكمەت بىلەن پەرۋەردىگار يەرنى ياراتتى،
دانالىق بىلەن ئاسماننى ئورناتتى.
‏20 ئۇنىڭ دانالىقى بىلەن چوڭقۇر بۇلاقلارنىڭ سۇلىرى چىقتى
ۋە بۇلۇتلار شەبنەمنى تېمىتتى.
 
‏21 ئەي ئوغلۇم، دانالىق ۋە پەم-پاراسەتنى ساقلىغىن،
ئۇلارنى كۆزلىرىڭدىن يوقاتمىغىن.
‏22 مۇنداق قىلساڭ، ئۇلار جېنىڭغا ھايات بېرىدۇ،
بوينۇڭغا ئېسىلغان مارجاندەك بولىدۇ.
‏23 يولۇڭدا تىنچ-ئامان ماڭىسەن،
ھەرگىز پۇتلاشمايسەن.
‏24 ھېچ نەرسىدىن قورقماي ياتىسەن،
يېتىپلا شېرىن ئۇخلايسەن.
‏25 تۇيۇقسىز كەلگەن دەھشەتتىن
ۋە يامانلارنىڭ ئۈستىگە كېلىدىغان ھالاكەتتىن قورقمىغىن.
‏26 چۈنكى پەرۋەردىگار تايانچىڭدۇر،
ئۇ پۇتۇڭنى قىلتاقتىن ساقلايدۇ.
 
‏27 ئەگەر قولۇڭدىن كەلسە،
ھاجەتمەنلەردىن ياردىمىڭنى ئايىمىغىن.
‏28 قوشناڭغا بەرگىلى يېنىڭدا بىر نەرسە بولسا:
«قايتىپ كېتىپ، ئەتە كەلسەڭ، ساڭا بېرەي» دېمىگىن.
‏29 قوشناڭ ساڭا ئىشىنىپ يېنىڭدا تىنچ-ئامان تۇرسا،
ئۇنىڭغا يامان نىيەتتە بولمىغىن.
‏30 كىشى ساڭا يامانلىق قىلمىغان بولسا،
ئۇنىڭ بىلەن سەۋەبسىز ئۇرۇشمىغىن.
‏31 زۇلۇم قىلغۇچىغا ھەسەت قىلمىغىن،
ئۇنىڭ يوللىرىنىڭ ھېچبىرىنى تاللىمىغىن.
‏32 بۇزۇق كىشى پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر،
لېكىن دۇرۇس كىشىلەر بىلەن ئۇنىڭ يېقىن مۇناسىۋىتى باردۇر.
‏33 پەرۋەردىگارنىڭ لەنىتى يامان كىشىنىڭ ئۆيىگە تېگەر،
لېكىن ئۇ ھەققانىيلارنىڭ ئۆيىگە بەرىكەت ئاتا قىلار.
‏34 ئۇ مەسخىرە قىلغۇچىنى مەسخىرە قىلار،
لېكىن مىسكىنلەرگە شاپائەت قىلار.
‏35 دانالار ئىززەتكە ئېرىشەر،
ئەخمەقلەر بولسا شەرمەندىلىكتا قالار.