ھېكمەت ئادەمنى يامان يوللاردىن ساقلايدۇ
2
‏1 ئەي ئوغلۇم، ئەگەر سۆزلىرىمنى قوبۇل قىلساڭ،
ئەمرلىرىمنى قەلبىڭدە ساقلىساڭ،
‏2 ھېكمەتكە قۇلاق سالساڭ،
دانالىققا كۆڭلۈڭ قويساڭ،
‏3 ئەقىل-پاراسەتنى تىلىسەڭ،
دانالىققا ئېرىشىش ئۈچۈن ئاۋازىڭنى كۆتۈرسەڭ،
‏4 كۈمۈشنى ئارزۇ قىلغاندەك ئۇنى ئارزۇ قىلساڭ،
يوشۇرۇن خەزىنىنى ئىزدىگەندەك ئۇنى ئىزدىسەڭ،
‏5 شۇ چاغدا پەرۋەردىگاردىن قورقۇشنى بىلىسەن،
خۇدانى تونۇيالايسەن.
‏6 چۈنكى پەرۋەردىگار ھېكمەت بەرگۈچىدۇر.
ئۇنىڭ ئاغزىدىن بىلىم ۋە دانالىق چىقىدۇ.
‏7 ئۇ دۇرۇسلارغا مەدەت بېرىشكە تەييار تۇرىدۇ،
ئۇ ئادىل يولدا ماڭغانلارغا قالقاندۇر.
‏8 ئۇ ئادىللارنىڭ يوللىرىنى ساقلايدۇ،
تەقۋادارلارنىڭ يوللىرىنى قوغدايدۇ.
 
‏9 شۇ چاغدا ھەققانىيلىق، ئادىللىق ۋە دۇرۇسلۇقنى تونۇيسەن،
ھەممە ياخشى يوللارنى چۈشىنىسەن.
‏10 چۈنكى دانالىق كۆڭلۈڭگە كىرىدۇ،
جېنىڭ ئىلىم-ھېكمەتكە ئامراق بولىدۇ.
‏11 پەم-پاراسەت سېنى قوغدايدۇ،
دانالىق سېنى ساقلايدۇ.
‏12 چۈنكى ھېكمەت سېنى يامان يولدىن قۇتقۇزۇپ،
ئەگرى گەپ قىلغۇچىلاردىن ساقلايدۇ.
‏13 توغرا يوللارنى تاشلاپ قاراڭغۇلۇق يوللاردا ماڭغۇچىلاردىن
ئۇ سېنى خالاس قىلىدۇ.
‏14 ئۇ سېنى يامانلىق قىلىشتىن خۇشال بولغانلاردىن،
يامانلارنىڭ يالغانچىلىقىدىن شادلانغانلاردىن ساقلايدۇ.
‏15 ئۇ ئەگرى يوللاردا ماڭىدىغانلاردىن،
تەتۈر يوللاردا يۈرگۈچىلەردىن قۇتقۇزىدۇ.
 
‏16 ئۇ سېنى بۇزۇق خوتۇندىن،
سىلىق سۆزلەيدىغان يات ئايالدىن ساقلايدۇ.
‏17 ياش ۋاقتىدا تەگكەن يولدىشىنى تاشلاپ،
خۇدانىڭ ئالدىدا قىلغان ئەھدىسىنى ئۇنتۇغان ئايالدىن ئۇ سېنى قۇتقۇزىدۇ.
‏18 چۈنكى شۇنداق ئايال ئۆز ئۆيى بىلەن قوشۇلۇپ ئۆلۈمگە بارار،
ئۇنىڭ يوللىرى ئۆلۈكلەرنىڭ ماكانىغا باشلار.
‏19 ئۇنىڭ يېنىغا بارغانلارنىڭ بىرىمۇ قايتىپ كەلمەس،
ئۇلار ھاياتقا ئېرىشتۈرىدىغان يولنى تاپالماس.
 
‏20 ئەمما سەن ياخشىلارنىڭ يولىدا ماڭغىن،
ھەققانىيلارنىڭ ئىزلىرىدىن چىقمىغىن.
‏21 چۈنكى دۇرۇس كىشىلەر زېمىندا ياشار،
توغرا كىشىلەر ئۇ يەردە تۇرۇپ قالار.
‏22 لېكىن يامانلار زېمىندىن يوقىتىلار،
ۋاپاسىزلار ئۇنىڭدىن يۇلۇپ تاشلىنار.