ھاياتنىڭ لەززەتلىرى
2
‏1 مەن ئۆز كۆڭلۈمدە: «ھاياتنىڭ لەززەتلىرىنى تېتىپ باقاي. شۇنىڭ ئۈچۈن كۆڭلۈم تاماشا قىلىپ شادلانسۇن» دېدىم. لېكىن، مانا، بۇمۇ بىھۇدە بىر ئىش ئىكەن. ‏2 مەن كۈلكىگە: «ئەخمەقلىق» ۋە خۇشاللىققا: «نېمە پايدىسى بار؟» دېدىم. ‏3 مەن كۆڭلۈمنى ھېكمەت بىلەن يېتەكلەۋاتقاندا، ۋۇجۇدۇمنى قانداق قىلىپ شاراب بىلەن جانلاندۇرۇشنى، تاكى ئادەم بالىلىرىنىڭ ئاسماننىڭ ئاستىدىكى ھاياتىنىڭ پۈتۈن كۈنلىرىدە نېمە قىلىشنىڭ ئۇلار ئۈچۈن ياخشى بولىدىغانلىقىنى كۆرگەنگە قەدەر، ئەخمەقلىقنى قانداق تۇتۇپ تۇرۇشنى كۆڭلۈمدە ئىزدەندىم.
‏4 مەن چوڭ ئىشلار قىلىپ، ئۆزۈمگە ئىمارەتلەرنى سېلىپ، ئۈزۈمزارلىقلارنى يېتىشتۈردۈم. ‏5 ئۆزۈم ئۈچۈن گۈلزارلىق باغچىلار ۋە مېۋىلىك باغلار بەرپا قىلىپ، ئۇ يەردە ھەر خىل مېۋىلىك دەرەخلەرنى تىكتىم. ‏6 ئۆزۈم ئۈچۈن سۇغا تولغان كۆللەر ياساپ، ئۇلاردىن دەرەخزارلىقنىڭ كۆچەتلىرىنى سۇغاردىم. ‏7 مەن قۇل-دېدەكلەر سېتىۋالدىم ۋە ئۆيۈمدە تۇغۇلغان خىزمەتكارلارمۇ بار ئىدى. مەندىن ئىلگىرى يېرۇسالېمدا بولغانلارنىڭ ھەممىسىدىن كۆپرەك مال-ۋارانلىرىم، كالا ۋە قوي پادىلىرىم بار ئىدى. ‏8 ئۆزۈمگە ئالتۇن-كۈمۈش يىغدىم، پادىشاھلارنىڭ ۋە ۋىلايەتلەرنىڭ بايلىقلىرىدىن دۆلەت يىغدىم. مەن ئەر-ئايال ناخشىچىلارنى كەلتۈردۈم ۋە ئادەم بالىلىرىنىڭ لەززىتى بولغان خوتۇن-كېنىزەكلەر ئالدىم. ‏9 شۇنىڭ بىلەن ئۇلۇغ بولدۇم، يېرۇسالېمدا بۇرۇنقىلارنىڭ ھەممىسىدىن ئاشتىم. ھېكمېتىممۇ مەن بىلەن قالدى. ‏10 كۆزلىرىمگە ياققان ھېچقانداق نەرسىنى ئۇلاردىن ئايىمىدىم. كۆڭلۈمنىڭ ھېچقانداق لەززىتىگە ياق دېمىدىم. مېنىڭ كۆڭلۈم بارلىق ئەمگىكىمدىن خۇشلۇق تاپتى. ۋە بۇ مېنىڭ پۈتۈن جاپالىق ئەمگىكىمدىن تەگكەن نېسىۋەم بولدى. ‏11 لېكىن قوللىرىمنىڭ قىلغان ھەممە ئىشلىرىغا، سىڭدۈرگەن جاپالىق مەھنىتىمگە قارىسام، مانا، ھەممىسى بىھۇدە ۋە شامالنى قوغلىغانلىق ئىكەن، ۋە قۇياش ئاستىدا ھېچبىر پايدا يوق ئىكەن.
 
ھېكمەت ۋە ئەخمەقلىق
‏12 ئاندىن مەن ھېكمەتكە، تەلۋىلىككە ۋە ئەخمەقلىققە قاراپ باقتىم، چۈنكى پادىشاھتىن كېيىن كېلىدىغان ئادەم بۇرۇنقىلارنىڭ قىلغىنىدىن باشقا نېمە قىلالايدۇ؟ ‏13 مەن كۆردۈمكى، يورۇقلۇق قاراڭغۇلۇقتىن ئەۋزەل بولغاندەك دانالىق ئەخمەقلىقتىن ئەۋزەلدۇر. ‏14 دانا كىشىنىڭ كۆزلىرى بېشىدىدۇر، لېكىن ئەخمەق قاراڭغۇلۇقتا ماڭىدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدىكى تەقدىرىنىڭ ئوخشاش ئىكەنلىكىنى چۈشەندىم. ‏15 شۇنىڭ بىلەن كۆڭلۈمدە: «ئەخمەقنىڭ بېشىغا كەلگەن مېنىڭ بېشىمغىمۇ كېلىدۇ. ئۇنداقتا داناراق بولغىنىمنىڭ نېمە پايدىسى بار؟» دېدىم، ئاندىن: «بۇمۇ بىھۇدىلىكتۇر» دېدىم كۆڭلۈمدە. ‏16 چۈنكى ئەخمەق مەڭگۈ ئەسلەنمىگەندەك، دانامۇ مەڭگۈ ئەسلەنمەيدۇ. كېلىدىغان كۈنلەردە ھەممىسى ئۇنتۇلۇپ كېتىدۇ. ئەخمەق ئۆلگەندەك دانامۇ ئۆلىدۇ ئەمەسمۇ؟
‏17 شۇڭا مەن ھاياتتىن تويدۇم، چۈنكى قۇياش ئاستىدا قىلىنغان ئىش مەن ئۈچۈن پاجىئەلىك ئىدى، چۈنكى ھەممىسى بىھۇدە ۋە شامالنى قوغلىغانلىق ئىدى.
‏18 قۇياش ئاستىدا جاپا تارتىپ قىلغان بارلىق ئەمگىكىمدىن نەپرەتلەندىم، چۈنكى ھەممىسىنى مەندىن كېيىن كېلىدىغان كىشىگە قالدۇرۇشقا مەجبۇرمەن. ‏19 ئۇ كىشىنىڭ دانا ياكى ئەخمەق ئىكەنلىكىنى كىم بىلىدۇ؟ شۇنداق تۇرۇقلۇق، ئۇ مەن قۇياش ئاستىدا مۇشەققەت تارتىپ ھېكمەت بىلەن قىلغان ھەممە ئەمگىكىم ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. بۇمۇ بىھۇدىلىكتۇر.
‏20 شۇڭا، قۇياش ئاستىدا سەرپ قىلغان پۈتۈن ئەمگىكىمدىن كۆڭلۈمدە ئۈمىدسىزلەندىم. ‏21 چۈنكى بىر ئادەم دانالىق، بىلىم ۋە ماھارەت بىلەن جاپا تارتىپ ئىشلەپ، روناق تاپار، ئەمما ئۇنىڭ ئەمگىكىنىڭ مېۋىسى ئۇنىڭ ئۈچۈن مۇشەققەت تارتمىغان كىشىگە قالار. بۇمۇ بىھۇدىلىقتۇر ۋە ئىنتايىن ياماندۇر. ‏22 چۈنكى ئىنسان قۇياش ئاستىدا قىلغان پۈتۈن جاپالىق ئەمگىكىدىن ۋە كۆڭۈل تەشۋىشىدىن نېمە پايدا تاپىدۇ؟ ‏23 ئۇنىڭ ھەممە كۈنلىرى غەم بىلەن، ئۇنىڭ مېھنىتى دەرد بىلەن تولغاندۇر. ئۇنىڭ كۆڭلى كېچىدىمۇ ئارام تاپمايدۇ. بۇمۇ بىھۇدىلىكتۇر.
‏24 ئىنسان ئۈچۈن يەپ-ئىچىپ، ئۆز ئەمگىكىدىن ھۇزۇرلىنىپ ياشاشتىن ئارتۇق ياخشى ئىش يوقتۇر. بۇنىڭمۇ خۇدانىڭ قولىدىن بولغانلىقىنى كۆردۈم. ‏25 ئۇنىڭسىز كىم يېيەلەيدۇ، كىم لەززەت تاپالايدۇ؟ ‏26 چۈنكى ئۇ ئۆزىگە ياقىدىغان كىشىگە دانالىق، بىلىم ۋە شادلىق بېرىدۇ. لېكىن گۇناھكار ئادەمگە بولسا، خۇدا ئۆزىگە ياقىدىغان كىشىگە تەگسۇن دەپ يىغىش ۋە ساقلاش ئىشىنى بېرىدۇ. بۇ ئىشمۇ بىھۇدە ۋە شامالنى قوغلىغانلىقۇر.