كۈيلەرنىڭ كۈيى
1
‏1 سۇلايمان يازغان «كۈيلەرنىڭ كۈيى».
 
شۇلامىت قىزنىڭ بولغۇسى ئېرى پادىشاھقا بولغان سېغىنىشى
‏2 سۆيسۇن ئۇ مېنى لەۋلىرىنىڭ سۈيۈشلىرى بىلەن.
چۈنكى سېنىڭ مۇھەببىتىڭ شارابتىن ئەۋزەلدۇر.
‏3 خۇشپۇراقتۇر ئەتىرلىرىڭ،
ئىسمىڭ قۇيۇلغان خۇشبۇي ماي كەبى.
شۇڭا پاك قىزلار سۆيىدۇ سېنى.
‏4 مېنى ئۆزۈڭگە ئەگەشتۈر،
بىز يۈگۈرۈپ ساڭا ئەگىشەيلى.
پادىشاھ مېنى ئۆز ئوردا خانىلىرىغا ئېلىپ كىرگەي.
سەندىن خۇشال بولۇپ سۆيۈنەيلى،
مۇھەببىتىڭنى شارابتىن ئارتۇق داڭلايلى.
ئۇلار سېنى سۆيۈشكە ھەقلىق.
‏5 ئەي يېرۇسالېمنىڭ قىزلىرى، قارا بولساممۇ، چىرايلىقمەن،
خۇددى قېدارنىڭ چېدىرلىرىدەك، سۇلايماننىڭ پەردىلىرىدەك.
‏6 قارا بولغىنىمغا قارىمىغىن،
چۈنكى ئاپتاپ مېنى كۆيدۈردى.
ئانامنىڭ ئوغۇللىرى ماڭا ئاچچىقلىنىپ
مېنى ئۈزۈمزارلىق باققۇچىسى قىلدى.
لېكىن ئۆز ئۈزۈمزارلىقىمنى باقالمىدىم.
‏7 ئەي جېنىمنىڭ سۆيگىنى، ئېيتقىن ماڭا،
ئۆز پاداڭنى قەيەردە ئوتلىتىسەن؟
چۈش ۋاقتىدا ئۇنى قەيەردە راھەتلەندۈرىسەن؟
ئېيتمىساڭ ئىزدەپ يۈرىمەن يۈزىنى ئەتكەن ئايالدەك
دوستلىرىڭنىڭ پادىلىرى ئوتلىغان يەردە.
 
‏8 ئەي ئاياللارنىڭ ئەڭ گۈزىلى، ئەگەر بىلمىسەڭ،
پادىنىڭ ئىزلىرىدا يۈرۈپ،
پادىچىلارنىڭ چېدىرلىرىنىڭ يېنىدا
ئوغلاقلىرىڭنى ئوتلاتقىن.
 
يىگىت بىلەن قىزنىڭ ناخشا ئېيتىشىشى
‏9 ئەي سۆيگىنىم، ئوخشىتارمەن سېنى
فىرئەۋننىڭ جەڭ ئاتلىرى ئارىسىدىكى بايتالغا.
‏10 ھالقىلىرىڭ بىلەن زىننەتلەنگەن مەڭزىلىرىڭ،
مارجانلار بىلەن زىننەتلەنگەن بوينۇڭ
نەقەدەر گۆزەلدۇر.
‏11 كۈمۈش كۆزلىرى بار
ئالتۇن زەنجىرلەر ياساپ بېرەيلى ساڭا.
 
‏12 پادىشاھ زىياپىتىدە ئولتۇرغىنىدا
مېنىڭ سۇمبۇلۇم خۇش پۇرىقىنى چاچىدۇ.
‏13 مېنىڭ سۆيۈملۈكۈم ماڭا
قوينۇمدا قويۇلغان مۇرمەككىنىڭ تۈگۈنچىسىدەكتۇر.
‏14 مېنىڭ سۆيۈملۈكۈم ماڭا
ئەن-گەدىنىڭ ئۈزۈمزارلىقلىرىدىكى
بىر خېنە گۈل دەستىسى كەبىدۇر.
 
‏15 ئەي سۆيگىنىم، نەقەدەر چىرايلىقسەن،
نەقەدەر گۈزەلدۇرسەن.
كۆزلىرىڭ كەپتەرلەرنىڭكىدەك.
 
‏16 ئەي سۆيۈملۈكۈم، نەقەدەر كېلىشكەنسەن، جەلىپكارسەن.
يېشىللىقتۇر ئورنىمىز.
‏17 ئۆيىمىزنىڭ لىملىرى كېدىر دەرىخىدىن،
تام-تورۇسىمىز قارىغاي دەرىخىدىندۇر.