يىگىت ۋە قىزنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى
2
‏1 مەن شارون ئېگىزلىكتىكى بىر زەپىران گۈلىمەن،
ۋادىنىڭ نىلۇپەرىمەن.
 
‏2 مېنىڭ سۆيگىنىم قىزلارنىڭ ئارىسىدا
تىكەنلەرنىڭ ئارىسىدىكى بىر نىلۇپەر كەبىدۇر.
 
‏3 مېنىڭ سۆيۈملۈكۈم ئوغۇللارنىڭ ئارىسىدا
ئورمان دەرەخلىرىنىڭ ئارىسىدىكى بىر ئالما دەرىخى كەبى.
ئۇنىڭ سايىسىدا ھۇزۇرلىنىپ ئولتۇرىمەن،
ئۇنىڭ مېۋىسى شېرىن تېتىدۇ.
‏4 ئۇ مېنى ئۆز زىياپەتخانىسىغا باشلاپ كىردى.
ئۇنىڭ ئۈستۈمدە تىكىلگەن تۇغى مۇھەببەتتۇر.
‏5 كىشمىش توقاچلىرى بىلەن مېنى قۇۋۋەتلەڭلار،
ئالما بىلەن مېنى ياشارتىڭلار،
چۈنكى سۆيگۈ ئىشقىنىڭ دەردىنى تارتىمەن.
‏6 ئۇنىڭ سول قولى بېشىمنىڭ ئاستىدا،
ئوڭ قولى مېنى قۇچاقلايدۇ.
‏7 ئەي يېرۇسالېمنىڭ قىزلىرى،
مەن دالادىكى كېيىك ۋە ماراللار گۇۋاھچىلىققا تارتىپ،
سىلەرگە: «سۆيگۈنى، ۋاقتى-سائىتى كەلمىگۈچە
ئويغاتماڭلار ۋە قوزغىماڭلار» دەپ جېكىلەيمەن.
 
قىزنىڭ سۆيۈملۈك يىگىتىنىڭ كېلىشى توغرىسىدا ئويلىنىشى
‏8 مانا، سۆيۈملۈكۈمنىڭ ئاۋازى!
مانا، ئۇ تاغلارنىڭ ئۈستىدىن ئاتلاپ،
دۆڭلەردىن سەكرەپ كېلىۋاتىدۇ!
‏9 مېنىڭ سۆيۈملۈكۈم كېيىكتەك ياكى ياش بۇغىدەك.
مانا، ئۇ تېمىمىزنىڭ كەينىدە تۇرىدۇ.
ئۇ دېرىزىلەردىن قاراپ، پەنجىرىلەردىن ماراپ تۇرىدۇ.
‏10 مېنىڭ سۆيۈملۈكۈم ماڭا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:
«ئورنۇڭدىن تۇر، ئەي مېنىڭ سۆيگىنىم، ئەي گۈزىلىم،
مەن بىلەن كەل.
‏11 مانا، قىش ئۆتۈپ كەتتى،
يامغۇر ۋاقتى ئاخىرلاشتى.
‏12 يەردە گۈللەر كۆرۈندى،
قۇشلارنىڭ سايراش ۋاقتى يېتىپ كەلدى،
يۇرتىمىزدا پاختەكنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.
‏13 ئەنجۈر دەرىخىنىڭ مېۋىسى پىشتى،
ئۈزۈم تاللىرى چېچەكلەپ، پۇرىقىنى چاچتى.
ئەي مېنىڭ سۆيگىنىم، ئەي مېنىڭ گۈزىلىم،
ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، مەن بىلەن كەل.
 
‏14 ئەي قورام تاش كاۋاكلىرىدا،
قورام تاش دالدىلىرىدا تۇرىدىغان كەپتىرىم،
جامالىڭنى ماڭا كۆرسەتكىن،
ئاۋازىڭنى ماڭا ئاڭلاتقىن.
چۈنكى ئاۋازىڭ شېرىن ۋە جامالىڭ گۈزەلدۇر.
‏15 بىز ئۈچۈن تۈلكىلەرنى تۇتۇڭلار،
ئۈزۈمزارلىقلارنى بۇزىدىغان كىچىك تۈلكىلەرنى تۇتۇڭلار،
چۈنكى ئۈزۈم تاللىرىمىز چېچەك چىقاردى».
 
‏16 سۆيۈملۈكۈمدۇر مېنىڭكىدۇر ۋە مەن ئۇنىڭكىدۇرمەن،
ئۇ پادىسىنى نىلۇپەرلەرنىڭ ئارىسىدا ئوتلىتىدۇ.
‏17 ئەي سۆيۈملۈكۈم، تاڭ شامىلى چىققۇچە،
سايىلار غايىب بولغۇچە بۇرۇلۇپ،
بىر كېيىك كەبى، بىر جەرەن كەبى،
تاغ-داۋانلاردىن سەكرەپ ئاشقايسەن.