ئايرىلىش توغرىسىدا بىر چۈش
3
‏1 مەن كېچىدە ياتقىنىمدا ئورنۇمدا،
جېنىمنىڭ سۆيگىنىنى ئىزدىدىم،
ئىزدىدىم ئۇنى، بىراق ئۇنى تاپالمىدىم.
‏2 مەن: «شەھەرنى ئايلىنىپ، كوچا ۋە مەيدانلاردا يۈرۈپ،
جېنىمنىڭ سۆيگىنىنى ئىزدەي» دېدىم.
ئۇنى ئىزدىدىم، بىراق ئۇنى تاپالمىدىم.
‏3 شەھەر ئىچىدە ئايلىنىپ يۈرگەن قاراۋۇللار ئۇچراپ قالدى ماڭا.
«جېنىمنىڭ سۆيگىنىنى كۆردۈڭلارمۇ؟» دەپ سورىدىم ئۇلاردىن.
‏4 ئۇلاردىن ئۆتۈپلا جېنىمنىڭ سۆيگىنىنى تاپتىم.
مەن ئۇنى تۇتۇپ، ئانامنىڭ ئۆيىگە باشلاپ،
مېنى تۇغقان ئانامنىڭ ھۇجرىسىغا كىرگۈزمىگۈچە
قويۇپ بەرمىدىم.
 
‏5 ئەي يېرۇسالېمنىڭ قىزلىرى،
دالادىكى كېيىك ۋە ماراللار گۇۋاھچىلىققا تارتىپ
سىلەرگە: «سۆيگۈنى، ۋاقتى-سائىتى كەلمىگۈچە
ئويغاتماڭلار ۋە قوزغىماڭلار» دەپ جېكىلەيمەن.
 
سۇلەيمان پادىشاھنىڭ شۇلامىت قىزنى ئېلىپ كېلىشى
‏6 كىم بىر تۈتۈن تۈۋرىكىدەك باياۋاندىن كېلىۋاتقان؟
بۇ مۇرمەككى ۋە مەستىكى بىلەن پۇرىتىلغان،
سودىگەرلەرنىڭ خىلمۇخىل دورا-دەرمەكلىرىنى ئېلىپ كېلىۋاتقان؟
‏7 مانا، سۇلايماننىڭ تەختىراۋانى،
ئىسرائىلنىڭ باتۇرلىرىنىڭ ئارىسىدىن تاللانغان
ئاتمىش پالۋان بار ئەتراپىدا.
‏8 ھەممىسى قىلىچ تۇتقان، جەڭگە ماھىردۇر،
كېچىنىڭ خەتىرىگە قارشى ھەممىسى قىلىچىنى يېنىغا ئاسقاندۇر.
‏9 سۇلايمان پادىشاھ لىۋان ياغىچىدىن
ئۆزىگە بىر سايىۋەنلىك تەختىراۋان ياساتتى.
‏10 ئۇنىڭ تىرەكلىرى كۈمۈشتىن،
يۆلەنچۈكى ئالتۇندىن ياسالغان،
ئولتۇرىدىغان جايى سۆسۈن رەخت بىلەن يېپىلغان.
ئۇنىڭ ئىچىنى يېرۇسالېمنىڭ قىزلىرى
مۇھەببەت بىلەن زىننەتلىگەن.
‏11 ئەي سىئوننىڭ قىزلىرى، چىقىڭلار،
توي كۈنىدە، كۆڭلىنىڭ شادلىق كۈنىدە،
ئانىسى كىيدۈرگەن تاجىنى كىيگەن
سۇلايمان پادىشاھنى كۆرۈڭلار.