دانىيال
دانىيال نېبۇكادنەزارنىڭ ئوردىسىدا
1
‏1 يەھۇدا پادىشاھى يەھوياقىمنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئۈچىنچى يىلى بابىل پادىشاھى نېبۇكادنەزار يېرۇسالېمغا چىقىپ، شەھەرنى مۇھاسىرىگە ئالدى. ‏2 پەرۋەردىگار يەھۇدا پادىشاھى يەھوياقىمنى، شۇنداقلا خۇدانىڭ بەيتىدىكى قاچا-قۇچىلارنىڭ بىر قىسمىنى نېبۇكادنەزارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەردى. ئۇ بۇلارنى شىنار زېمىنىدىكى ئۆز بۇتخانىسىغا ئېلىپ باردى ۋە قاچا-قۇچىلارنى ئۆز ئىلاھىنىڭ خەزىنىسىگە ئېلىپ كېلىپ قويدى.
‏3 پادىشاھ ئوردا ئەمەلدارلىرىنىڭ بېگى ئاشپىنازغا: «بەنى ئىسرائىل ئىچىدىن شاھزادە ۋە ئېسىلزادە يىگىتلەردىن بىرنەچچىسىنى تاللىۋالغىن. ‏4 بۇ ياش يىگىتلەر ئەيىبسىز، كېلىشكەن، ئۇقۇمۇشلۇق، بىلىملىك، پادىشاھنىڭ ئوردىسىدا خىزمەت قىلىشقا يارىغۇدەك ئەقىل-پاراسەتلىك ۋە ھوشيار يىگىتلەر بولسۇن. ئۇلارغا كالدىيلارنىڭ ئىلمى ۋە تىلى ئۆگىتىلسۇن» دەپ بۇيرۇدى. ‏5 پادىشاھ ساراي تاماقلىرى ۋە ئۆزى ئىچىدىغان شارابىدىن ئۇلارغا بېرىلسۇن دەپ ئۇلار ئۈچۈن ھەر كۈندىكى يېمەك-ئىچىملىكنى بېكىتتى، ھەمدە ئۇلار ئۈچ يىلغىچە تەربىيە قىلىنىپ، شۇ مۇددەتتىن كېيىن پادىشاھنىڭ ئالدىدا خىزمەت قىلسۇن دەپ ئەمر قىلدى.
‏6 بۇ يىگىتلەرنىڭ ئارىسىدا يەھۇدا قەبىلىسىدىن دانىيال، خانانيا، مىشائەل ۋە ئازاريا دېگەنلەر بار ئىدى. ‏7 لېكىن ئوردا ئەمەلدارلىرىنىڭ بېگى ئۇلارنىڭ ئىسىملىرىنى ئۆزگەرتىپ، دانىيالنى بەلتشازار، خانانيانى شادراك، مىشائەلنى مېشاك، ئازاريانى ئەبەدنېگو دەپ ئاتىدى.
‏8 دانىيال ئۆز كۆڭلىدە ساراي تاماقلىرى ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىغان شارابى بىلەن ئۆزىنى ناپاك قىلماسلىقىنى قارار قىلىپ، ئوردا ئەمەلدارلىرنىڭ بېگىدىن ئۆزىنى ناپاك قىلىشقا زورلانماسلىقىنى ئىلتىماس قىلدى. ‏9 پەرۋەردىگار دانىيالغا ئوردا ئەمەلدارلىرىنىڭ بېگىنىڭ ئالدىدا ئىلتىپات ۋە رەھىم-شەپقەتكە ئېرىشتۈردى. ‏10 ئەمما ئوردا ئەمەلدارلىرىنىڭ بېگى دانىيالغا: «سىلەرنىڭ يېمەك-ئىچمىكىڭلارنى بېكىتكەن غوجام پادىشاھ سىلەرنىڭ چىرايلىرىڭلارنى سىلەر بىلەن تەڭداش يىگىتلەرنىڭكىدىن ئورۇقراق بولغىنىنى كۆرسە، پادىشاھنىڭ ئالدىدا مېنىڭ بېشىمغا بالا كەلتۈرىسىلەر دەپ قورقىمەن» دېدى.
‏11 شۇنىڭ بىلەن دانىيال ئوردا ئەمەلدارلىرىنىڭ بېگى دانىيال، خانانيا، مىشائەل ۋە ئازاريانى باشقۇرۇشقا قويغان غوجىدارغا مۇنداق دېدى: ‏12 «ئىلتىماس قىلىمەنكى، قۇللىرىڭنى ئون كۈن سىناپ بېقىپ، بىزگە يېگىلى كۆكتەت ۋە ئىچكىلى سۇ بېرىپ تۇرغايسەن. ‏13 ئاندىن بىزنىڭ چىرايلىرىمىزنى پادىشاھنىڭ تاماقلىرىدىن يېگەن يىگىتلەرنىڭكى بىلەن سېلىشتۇرۇپ بېقىپ، ئۆز كۆزلىرىڭ كۆرگىنىگە ئاساسەن قۇللىرىڭغا قىلغايسەن» دېدى. ‏14 ئۇ ئۇلارنىڭ ئىلتىماسىغا قۇلاق سېلىپ، ئون كۈن سىناپ باقتى. ‏15 ئون كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ چىرايلىرى پادىشاھنىڭ تاماقلىرىدىن يېگەن يىگىتلەرنىڭكىدىن پارقىراپ تۇرۇپ، ساغلام كۆرۈندى. ‏16 شۇنىڭ بىلەن غوجىدار ئۇلارغا تەيىنلەنگەن تاماقلارنى ۋە ئىچىدىغان شارابنى بېرىشنى توختىتىپ، ئۇلارغا كۆكتەت بېرىشكە باشلىدى. ‏17 خۇدا بۇ تۆت يىگىتكە ھەر خىل ئىلىم ۋە ھېكمەتنى بىلىش ۋە ئۇقۇش قابىلىيىتىنى ئاتا قىلدى ۋە دانىيالغا ھەر خىل غايىبانە ئالامەتلەر ۋە چۈشلەرگە تەبىر بېرىشكىمۇ ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلدى.
‏18 پادىشاھ بەلگىلىگەن كۈنلەر ئۆتۈپ، ئۇلارنى ئۆز ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈش ۋاقتى كەلگەندە، ئوردا ئەمەلدارلىرىنىڭ بېگى ئۇلارنى نېبۇكادنەزارنىڭ ھۇزۇرىغا ئېلىپ باردى. ‏19 پادىشاھ ئۇلار بىلەن سۆزلەشتى. يىگىتلەرنىڭ ئىچىدىن دانىيال، خانانيا، مىشائەل ۋە ئازارياغا تەڭ كېلىدىغان ھېچكىم تېپىلمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پادىشاھنىڭ خىزمىتىگە كىردى. ‏20 پادىشاھ ئۇلاردىن ھېكمەت ۋە ئەقىل-پاراسەت لازىم بولغان ھەرقانداق ئىش توغرىسىدا سورىغاندا، ئۇلارنى ئۇنىڭ بارچە پادىشاھلىقىدىكى پالچى-سېھىرگەرلەر ۋە مۇنەججىملەردىن ئون ھەسسە داناراق ئىكەنلىكىنى بايقىدى.
‏21 دانىيال كورەشنىڭ سەلتەنىتىنىڭ بىرىنچى يىلىغىچە ئوردىدا خىزمەت قىلاتتى.