ھوشىيا
ھوشىيانىڭ بۇزۇق ئايالى ۋە بالىلىرى
1
‏1 يەھۇدا پادىشاھلىرى ئۇززىيا، يوتام، ئاھاز ۋە خىزقىيانىڭ كۈنلىرى ۋە ئىسرائىل پادىشاھى يوئاشنىڭ ئوغلى يەروبېئام كۈنلىرىدە پەرۋەردىگاردىن بەئەرىنىڭ ئوغلى ھوشىياغا كەلگەن سۆز.
‏2 پەرۋەردىگار بىرىنچى قېتىم ھوشىياغا سۆز قىلغىنىدا پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: «سەن بېرىپ، ئۆزۈڭگە بىر بۇزۇق ئايالنى خوتۇنلۇققا ئېلىپ، بۇزۇق ئايالدىن تۇغۇلغان پەرزەنتلەر كۆرگىن، چۈنكى زېمىن پەرۋەردىگارنى تاشلاپ، بۇزۇقچىلىققا بېرىلدى» دېدى.
‏3 شۇنىڭ بىلەن ئۇ بېرىپ، دىبلائىمنىڭ قىزى گومەرنى خوتۇنلۇققا ئالدى. ئۇ ھامىلىدار بولۇپ، ئۇنىڭغا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردى. ‏4 پەرۋەردىگار ھوشىياغا: «ئۇنىڭغا يىزرەئەل دەپ ئات قويغىن، چۈنكى مەن ئاز ۋاقىتتىن كېيىن يېھۇنىڭ جەمەتىدىن يىزرەئەلدە تۆككەن قاننىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىپ، ئىسرائىل جەمەتىنىڭ پادىشاھلىقىنى يوق قىلىمەن.    ‏5 ئۇ كۈندە مەن يىزرەئەلنىڭ ۋادىسىدا ئىسرائىلنىڭ ئوقياسىنى سۇندۇرۇۋېتىمەن» دېدى.
‏6 بۇ ئايال يەنە ھامىلىدار بولۇپ بىر قىزنى تۇغدى. پەرۋەردىگار ھوشىياغا: «ئۇنىڭغا لو-رۇخاما دەپ ئات قويغىن، چۈنكى مەن ئىسرائىل جەمەتىگە يەنە رەھىم قىلمايمەن، ئۇلارنى يەنە كەچۈرمەيمەن.    ‏7 لېكىن مەن يەھۇدا جەمەتىگە رەھىم قىلىمەن. ئۇلارنى ئوقيا، قىلىچ، جەڭ، ئات ياكى ئاتلىقلارنىڭ كۈچى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرىنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ كۈچ-قۇدرىتى بىلەن قۇتقۇزىمەن» دېدى.
‏8 بۇ ئايال لو-رۇخامانى ئەمچەكتىن ئايرىغاندىن كېيىن، يەنە ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى. ‏9 ئۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: «ئۇنىڭغا لو-ئاممى دەپ ئات قويغىن، چۈنكى سىلەر ئەمدى مېنىڭ خەلقىم ئەمەسسىلەر، مەنمۇ سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار ئەمەسمەن».