يوئەل
چېكەتكە ئاپىتى پەرۋەردىگارنىڭ كۈنىدىن بېشارەت بېرىدۇ
1
1 پەرۋەردىگاردىن پېتۇئەلنىڭ ئوغلى يوئەلگە كەلگەن سۆز. 2 ئەي قېرىلار، ئاڭلاڭلار! ئەي زېمىندا ياشاۋاتقانلار، قۇلاق سېلىڭلار! ئىلگىرى سىلەرنىڭ كۈنلىرىڭلاردا ياكى ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ كۈنلىرىدە شۇنداق ئىش بولۇپ باققانمۇ؟ 3 سىلەر شۇ توغرىسىدا بالىلىرىڭلارغا سۆزلەپ بېرىڭلار، بالىلىرىڭلار ئۆز بالىلىرىغا ۋە ئۇلارنىڭ بالىلىرىمۇ ئۆز بالىلىرىغا شۇ توغرىسىدا سۆزلەپ بەرسۇن: 4 غاچىغۇچى چېكەتكىلەردىن ئېشىپ قالغاننى توپلىغۇچى چېكەتكىلەر يەپ كەتتى، توپلىغۇچى چېكەتكىلەردىن قالغاننى، يالىچۇچى چېكەتكىلەر يەپ كەتتى، يالىغۇچى چېكەتكىلەردىن قالغاننى يۇتقۇچى چېكەتكىلەر يەپ تۈگەتتى.
5 ئەي مەست بولغانلار، ئويغىنىپ، يىغا-زار قىلىڭلار. ئەي شاراب ئىچكۈچىلەر، ئۈزۈم شىرنىسى ئاغزىڭلاردىن تارتىلىپ كەتكىنى ئۈچۈن پەرياد قىلىڭلار. 6 چۈنكى بىر خەلق زېمىنىمغا بېسىپ كىردى. ئۇ خەلق كۈچلۈك ۋە سانسىزدۇر، ئۇنىڭ چىشلىرى شىرنىڭكىدەك، يىرتىدىغان ھىڭگاڭ چىشلىرى شىرنىڭكىدەكتۇر. 7 ئۇ مېنىڭ ئۈزۈم تاللىرىمنى ۋەيران قىلدى، ئەنجۈر دەرەخلىرىمنى سۇندۇرۇپ، ئۇنىڭ قوۋزاقلىرىنى سويۇۋېتىپ، شاخلىرىنى يالىڭاچلاپ قىلىپ تاشلىدى. ئۇلارنىڭ شاخلىرى ئاقلىۋېتىلدى.
8 ياشلىقىدا لايىقىدىن مەھرۇم قېلىپ، بۆز رەختكە يۆگىنىپ ماتەم تۇتقان بىر قىزدەك نالە-پەرياد قىلغىن. 9 ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە ئىچىملىك ھەدىيەسى پەرۋەردىگارنىڭ بەيتىدىن يوق بولۇپ كەتكەچكە، پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارلىرى بولغان كاھىنلار ماتەم تۇتىدۇ. 10 زىرائەتلەر بۇزۇلۇپ، بۇغداي يوق بولۇپ، يېڭى شاراب قۇرۇپ كېلىپ، ياغ تۈگەپ كەتكەچكە، زېمىن ماتەم تۇتىدۇ. 11 ئەي دېھقانلار، خىجالەت بولۇڭلار. ئەي باغۋەنلەر، بۇغداي ۋە ئارپا ئۈچۈن پەرياد قىلىڭلار، چۈنكى ئېتىزلارنىڭ ھوسۇلى ۋەيران بولدى. 12 ئۈزۈم تېلى قۇرۇپ كەتتى، ئەنجۈر دەرىخى سولىشىپ قالدى، ئانار دارىخى، خورما دەرىخى، ئالما دەرىخى ۋە يەرنىڭ ھەممە باشقا دەرەخلىرىمۇ قۇرۇپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئادەم بالىلىرىنىڭ خۇشاللىقىمۇ يوقاپ كەتتى.
13 ئەي كاھىنلار، بەل باغلاپ پەرياد قىلىڭلار. ئەي قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ خىزمەتكارلىرى، نالە قىلىڭلار. ئەي خۇدايىمنىڭ خىزمەتكارلىرى، كېچىچە بۆز رەختكە يۆگىنىپ يېتىڭلار. چۈنكى خۇدايىڭلارنىڭ بەيتىدىن ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە ئىچىملىك ھەدىيەسى يوق بولۇپ كەتتى. 14 خەلقنى روزا تۇتۇشقا ۋە مەخسۇس بىر يىغىنغا چاقىرىڭلار. ئاقساقاللارنى ۋە زېمىندا ياشاۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىنى خۇدايىڭلار پەرۋەردىگارنىڭ بەيتىگە يىغىپ، پەرۋەردىگارغا پەرياد قىلىڭلار.
15 ئاھ، شۇ كۈنى! چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى يېقىنلىشىپ، ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ تەرىپىدىن بىر ھالاكەتتەك كېلىدۇ. 16 كۆز ئالدىمىزدا ئوزۇقىمىز تۈگەپ كەتتى ئەمەسمۇ؟ خۇشاللىق ۋە شادلىق خۇدايىمىزنىڭ بەيتىدىن يوق بولۇپ كەتتى ئەمەسمۇ؟ 17 تېرىغان ئۇرۇقلار چالما ئاستىدا چىرىپ كەتتى. زىرائەتلەر خاراب بولغاچقا، ئامبارلار خالىي بولۇپ قالدى ۋە ساڭلار يىقىتىلدى. 18 چارۋا مال ئاھ ئۇرۇۋاتىدۇ. يايلاق بولمىغاچقا، كالا پادىلىرى پەرىشان بولدى، قوي پادىلىرىمۇ قىينىلىۋاتىدۇ.
19 ئەي پەرۋەردىگار، مەن ساڭا پەرياد قىلىمەن، چۈنكى ئوت يالقۇنلىرى ئوت-چۆپلۈك يايلاقلارنى يەۋەتتى، يالقۇنلار دالادىكى ھەممە دەرەخلەرنى كۆيدۈرۈۋەتتى. 20 دالانىڭ ھايۋانلىرىمۇ ساڭا تەلمۈرۈپ پەرياد قىلىدۇ، چۈنكى ئېقىنلارنىڭ سۈيى قۇرۇپ كەتتى ۋە ئوت يالقۇنلىرى ئوت-چۆپلۈك يايلاقلارنى يەۋەتتى.