ئاموس
ئاموس پەيغەمبەرنىڭ بېشارەتلىرى
1
1 ئۇززىيا يەھۇداغا ۋە يوئاشنىڭ ئوغلى يەروبېئام ئىسرائىلغا پادىشاھ بولغان كۈنلىرىدە، يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن ئىككى يىل ئىلگىرى تەقوئادىكى پادىچىلارنىڭ بىرى بولغان ئاموس دېگەن كىشىگە ئىسرائىل توغرىسىدا كەلگەن ۋەھىي. ئىسرائىل ۋە قوشنا ئەللەرنىڭ جازالىنىشى
2 ئاموس: «پەرۋەردىگار سىئوندىن گۈلدۈرلەپ، يېرۇسالېمدىن ئاۋازىنى كۆتۈرگەندە، پادىچىلارنىڭ يايلاقلىرى ماتەم تۇتىدۇ، كارمەلنىڭ چوققىسى قۇرۇپ كېتىدۇ» دېدى.
3 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «دەمەشقنىڭ ئۈچ گۇناھى، بەرھەق تۆت گۇناھى سەۋەبىدىن ئۇنى جازاسىز قويمايمەن، چۈنكى ئۇلار گىلېئادنى خاماننىڭ تۆمۈر تۇلۇقى بىلەن دەسسىدى. ■ 4 شۇنىڭ ئۈچۈن خازائەلنىڭ جەمەتى ئۈستىگە ئوت چۈشۈرىمەن. بۇ ئوت بەنھادادنىڭ ئوردىلىرىنى كۆيدۈرۈۋېتىدۇ. 5 مەن دەمەشقنىڭ دەرۋازىسىنىڭ بالداقلىرىنى سۇندۇرۇپ، ئاۋەن ۋادىسىدا تەختتە ئولتۇرغۇچىنى ۋە بەيت-ئېدەندە سەلتەنەت ھاسىسىنى تۇتقۇچىنى يوقىتىۋېتىمەن. ئارامنىڭ خەلقى ئەسىرگە چۈشۈپ، كىرگە ئېلىپ كېتىلىدۇ» دەيدۇ پەرۋەردىگار. ■
6 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «گازانىڭ ئۈچ گۇناھى، بەرھەق تۆت گۇناھى سەۋەبىدىن ئۇنى جازاسىز قويمايمەن، چۈنكى ئۇلار خەلقنىڭ ھەممىسىنى ئەسىرگە ئېلىپ كېتىپ، ئېدومغا تاپشۇرۇپ بەردى. 7 شۇنىڭ ئۈچۈن گازانىڭ ئوردىلىرىنى كۆيدۈرۈۋېتىدىغان بىر ئوتنى ئۇنىڭ سېپىللىرى ئۈستىگە چۈشۈرىمەن. 8 مەن ئاشدود شەھىرىدە تەختتە ئولتۇرغۇچىنى ۋە ئاشقېلون شەھىرىدە سەلتەنەت ھاسىسىنى تۇتقۇچىنى يوقىتىۋېتىمەن. مەن ئەقرون شەھىرىگە قارشى قولۇمنى كۆتۈرىمەن. فىلىستىنلەرنىڭ قالغانلىرى ھالاك بولىدۇ»، دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار.
9 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «تىرنىڭ ئۈچ گۇناھى، بەرھەق تۆت گۇناھى سەۋەبىدىن ئۇنى جازاسىز قويمايمەن، چۈنكى ئۇلار قېرىنداشلىق ئەھدىسىنى ئېسىدا تۇتماي، خەلقنىڭ ھەممىسىنى ئەسىرگە ئېلىپ كېتىپ، ئېدومغا تاپشۇرۇپ بەردى. 10 شۇنىڭ ئۈچۈن تىرنىڭ ئوردىلىرىنى كۆيدۈرۈۋېتىدىغان بىر ئوتنى ئۇنىڭ سېپىللىرى ئۈستىگە چۈشۈرىمەن».
11 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئېدومنىڭ ئۈچ گۇناھى، بەرھەق تۆت گۇناھى سەۋەبىدىن ئۇنى جازاسىز قويمايمەن، چۈنكى ئۇ ھەممە رەھىم-شەپقىتىنى تاشلىۋېتىپ، ئۆز قېرىندىشىنى قىلىچ بىلەن قوغلىدى. ئۇ غەزىپىنى يىغماي زۇلۇم سېلىۋەردى، ئاچچىقىدىن يانماي، توختىماستىن ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىۋەردى. 12 شۇنىڭ ئۈچۈن بوزرانىڭ ئوردىلىرىنى كۆيدۈرۈۋېتىدىغان بىر ئوتنى تېما شەھىرى ئۈستىگە چۈشۈرىمەن».
13 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئاممونىيلارنىڭ ئۈچ گۇناھى، بەرھەق تۆت گۇناھى سەۋەبىدىن ئۇلارنى جازاسىز قويمايمەن، چۈنكى ئۇلار ئۆز زېمىنىنى كەڭەيتىمىز دەپ، گىلېئادتىكى ھامىلىدار ئاياللارنىڭ قورساقلىرىنى يېرىۋەتتى. 14 شۇنىڭ ئۈچۈن جەڭ كۈنىدە چۇقان كۆتۈرۈلگەندە، قارا قۇيۇن كۈنىدە قاتتىق بوران چىققاندا، راببانىڭ سېپىللىرى ئىچىدە ئۇنىڭ ئوردىلىرىنى كۆيدۈرۈۋېتىدىغان بىر ئوت ياقىمەن. 15 ئۇلارنىڭ پادىشاھى ھەممە ئەمەلدارلىرى بىلەن قوشۇلۇپ ئەسىرگە ئېلىپ كېتىلىدۇ» دەيدۇ پەرۋەردىگار.