2
1 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «موئابنىڭ ئۈچ گۇناھى، بەرھەق تۆت گۇناھى سەۋەبىدىن ئۇنى جازاسىز قويمايمەن، چۈنكى ئۇ ئېدوم پادىشاھىنىڭ سۆڭەكلىرىنى كۆيدۈرۈپ، ھاككا ئايلاندۇردى. 2 شۇنىڭ ئۈچۈن قىرىيوتنىڭ ئوردىلىرىنى كۆيدۈرۈۋېتىدىغان بىر ئوتنى موئابنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرىمەن. شىددەتلىك جەڭدە غەلىبە چۇقانى كۆتۈرۈلگەندە ۋە بۇرغا ئاۋازى ئاڭلانغاندا موئاب ھالاك بولىدۇ. ■ 3 مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ھۆكۈمدارىنى يوق قىلىپ، ھەممە ئەمەلدارلىرىنى ئۇنىڭغا قوشۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىمەن» دەيدۇ پەرۋەردىگار. 4 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «يەھۇدانىڭ ئۈچ گۇناھى، بەرھەق تۆت گۇناھى سەۋەبىدىن ئۇنى جازاسىز قويمايمەن، چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات قانۇنىنى تاشلاپ، ئۇنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە ئەمەل قىلمىدى. ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى كەينىدىن ئەگەشكەن يالغان ئىلاھلىرى ئۇلارنى ئازدۇرۇپ كەتتى. ■ 5 شۇنىڭ ئۈچۈن يېرۇسالېمنىڭ ئوردىلىرىنى كۆيدۈرۈۋېتىدىغان بىر ئوتنى يەھۇدانىڭ ئۈستىگە چۈشۈرىمەن».
6 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئىسرائىلنىڭ ئۈچ گۇناھى، بەرھەق تۆت گۇناھى سەۋەبىدىن ئۇنى جازاسىز قويمايمەن، چۈنكى ئۇلار ھەققانىيلارنى پۇلغا ساتىدۇ ۋە كەمبەغەللەرنى بىر جۈپ چورۇققا تېگىشىدۇ. 7 ئۇلار نامراتلارنىڭ باشلىرىنى توپىغا مىلەيدۇ، كەمتەر-مۇلايىملارنىڭ يولىنى توسۇۋالىدۇ. ئاتا-بالا ئىككىلىسى بىر ئايالنىڭ يېنىغا بېرىپ، مېنىڭ مۇقەددەس نامىمنى بۇلغايدۇ. 8 ئۇلار ھەر قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ يېنىدا گۆرۈگە قويۇلغان كىيىملەر بىلەن ياتىدۇ، ئۆزلىرىگە توپلىغان جەرىمانە پۇلى بىلەن ئالغان شارابنى ئۆز خۇداسىنىڭ بەيتىدە ئىچىدۇ. ■ 9 مەن بولسام، ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا، ئۆزى كېدىر دەرىخىدەك ئېگىز، دۇب دەرىخىدەك مۇستەھكەم بولغان ئامورىيلارنى يوقىتىۋېتىپ، ئۈستىدىن مېۋىسىنى، ئاستىدىن يىلتىزلىرىنى ھالاك قىلدىم ئەمەسمۇ؟ 10 مەن ئامورىيلارنىڭ زېمىنىنى ئىگىلىسىلەر دەپ سىلەرنى مىسىر زېمىنىدىن ئېلىپ چىقىپ، چۆل-باياۋاندا قىرىق يىل يېتەكلىدىم ئەمەسمۇ؟ 11 مەن ئوغۇللىرىڭلارنىڭ ئىچىدىن بەزىلىرىنى پەيغەمبەر، ياشلىرىڭلارنىڭ ئارىسىدىن بەزىلىرىنى خۇداغا ئاتالغان نازارىي بولۇشقا تاللىدىم ئەمەسمۇ، ئەي بەنى ئىسرائىل؟» دەيدۇ پەرۋەردىگار. ■ 12 «لېكىن سىلەر خۇداغا ئاتالغان نازارىيلارغا شاراب ئىچۈردۈڭلار، پەيغەمبەرلەرگە: ‹پەيغەمبەرلىك قىلماڭلار› دەپ بۇيرۇدۇڭلار. 13 مانا، شۇنىڭ ئۈچۈن مەن سىلەرنى بۇغداي باغلاملىرى بېسىلغان ھارۋا يەرنى باسقاندەك، سىلەرنى بېسىپ ئېزىۋېتىمەن. 14 ئۇ چاغدا چاققانلار قېچىشقا يول تاپمايدۇ، كۈچلۈك كىشىلەردە كۈچ قالمايدۇ ۋە ھەتتا پالۋانلارمۇ ئۆز جېنىنى قۇتقۇزالمايدۇ. 15 ئوقياچىلار تىك تۇرالمايدۇ، تېز يۈگۈرگۈچىلەر قاچالمايدۇ، ئاتقا مىنگۈچىلەرمۇ ئۆز جېنىنى قۇتقۇزالمايدۇ. 16 پالۋانلار ئىچىدىن ئەڭ باتۇرى ئۇ كۈنى يالىڭاچ قېچىپ كېتىدۇ» دەيدۇ پەرۋەردىگار.