ئوباديا
ئېدوم توغرىسىدىكى بېشارەت
1
‏1 ئوبادياغا كەلگەن ۋەھىي، رەب پەرۋەردىگارنىڭ ئېدوم توغرىسىدىكى سۆزى.
پەرۋەردىگارنىڭ تەرىپىدىن ئەللەر ئارىسىغا ئەۋەتىلگەن بىر ئەلچى ئارقىلىق: «قوپۇڭلار، بىز ئۇنىڭغا قارشى جەڭ قىلىشقا چىقايلى» دېگەن خەۋەرنى ئاڭلىدۇق.   
‏2 «مانا، مەن سېنى ئەللەر ئارىسىدا كىچىك قىلىمەن، سەن ئىنتايىن خار بولىسەن.    ‏3 كۆڭلۈڭنىڭ تەكەببۇرلۇقى سېنى ئازدۇردى. سەن قىيا تاشلارنىڭ دالدىلىرىدا ياشاپ، ئېگىز ماكانىڭدا ئولتۇرۇپ، كۆڭلۈڭدە: ‹مېنى يەرگە كىم چۈشۈرەلەيدۇ؟› دەيسەن. ‏4 لېكىن سەن بۈركۈتتەك ئېگىز ئۇچۇپ، يۇلتۇزلارنىڭ ئارىسىدا ئۇۋاڭنى سالساڭمۇ، مەن سېنى يىقىتىپ چۈشۈرۈۋېتىمەن» دەيدۇ پەرۋەردىگار.
‏5 «ئەگەر ئوغرىلار سېنىڭكىگە كەلسە، بۇلاڭچىلار كېچىدە كىرسە، ئۇلار ئۆزلىرىگە يەتكۈدەكلا ئوغرىلىۋالىدۇ ئەمەسمۇ؟ ئەگەر ئۈزۈم ئۈزگۈچىلەر يېنىڭغا كەلسە، ئازراق قالدۇرۇپ قويىدۇ ئەمەسمۇ؟ لېكىن سەن پۈتۈنلەي قىرىلىپ كېتىسەن. ‏6 ئەساۋنىڭكى قانداق ئاختۇرۇلىدۇ، مەخپىي خەزىنىلىرى قانداق ئىزدىلىدۇ!    ‏7 سېنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىڭنىڭ ھەممىسى سېنى چېگرىغىچە ھەيدىۋېتىدۇ. سەن بىلەن تىنچ-ئىتتىپاق ياشىغانلار سېنى ئالداپ، مەغلۇپ قىلىدۇ. نېنىڭنى يېگەنلەر ئۆزۈڭ سەزمەستىن ساڭا تۇزاق قۇرۇپ قويىدۇ. ‏8 ئۇ كۈندە مەن ئېدومدىن دانىشمەنلەرنى ۋە ئەساۋنىڭ تاغلىرىدىن ئەقىل-پاراسەتنى يوقىتىمەن» دەيدۇ پەرۋەردىگار.
‏9 «ئەي تېمان، پالۋانلىرىڭ قورقۇپ پاراكەندە بولىدۇ. ئەساۋنىڭ تاغلىرىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى قىرغىنچىلىقتا ئۆلتۈرۈلىدۇ.    ‏10 ئۇكاڭ ياقۇبقا قىلغان زۇلۇم-زوراۋانلىقىڭ ئۈچۈن خىجالەت بىلەن قاپلىنىپ، مەڭگۈگە ۋەيران قىلىنىسەن.
‏11 سەن چەتتە قاراپ تۇرغان كۈندە، يەنى ياتلار ئۇنىڭ قوشۇنىنى ئەسىر قىلغان ۋە ئۇنىڭ دەرۋازىلىرىدىن كىرىپ يېرۇسالېم ئۈستىگە چەك تاشلىغان كۈندە، سەن ئۇلارنىڭ بىرىدەك ئىدىڭ.    ‏12 قېرىندىشىڭنىڭ كۈنىدە، يەنى ئۇ بالايىئاپەتكە ئۇچرىغان كۈندە، تاماشا قىلىپ قاراپ تۇرماسلىقىڭ كېرەك ئىدى. بەنى يەھۇدا ھالاك بولغان كۈندە خۇش بولماسلىقىڭ كېرەك ئىدى. ئۇ ئازاب-ئوقۇبەت تارتقان كۈندە يوغان گەپ قىلماسلىقىڭ كېرەك ئىدى. ‏13 ئۇلار بالايىئاپەتكە ئۇچرىغان كۈندە سەن مېنىڭ خەلقىمنىڭ دەرۋازىلىرىدىن كىرمەسلىكىڭ كېرەك ئىدى. ئۇلار بالايىئاپەتكە ئۇچرىغان كۈندە سەن ئۇلارنىڭ زەخمەتلىرىگە قاراپ تاماشا قىلىپ تۇرماسلىقىڭ كېرەك ئىدى. ئۇلار بالايىئاپەتكە ئۇچرىغان كۈندە سەن ئۇلارنىڭ بايلىقلىرىنى بۇلىۋالغىلى قولۇڭنى ئۇزاتماسلىقىڭ كېرەك ئىدى. ‏14 ئاپەتلىك كۈندە سەن قېچىۋاتقانلارنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن يولنىڭ ئاچماقلىرىدا تۇرماسلىقىڭ كېرەك ئىدى، قۇتۇلۇپ قالغانلارنى دۈشمەنگە تۇتۇپ بەرمەسلىكىڭ كېرەك ئىدى.
 
‏15 چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى يېقىنلىشىپ، ھەممە ئەللەرنىڭ ئۈستىگە كېلىدۇ. سەن قىلغاندەك ئۆزۈڭگە قىلىنىدۇ، قىلمىشلىرىڭ ئۆز بېشىڭغا يېنىپ كېلىدۇ. ‏16 سىلەر مېنىڭ مۇقەددەس تېغىمدا ئىچكىنىڭلاردەك، ھەممە ئەللەر توختىماي جازا قەدىھىنى ئىچىدۇ. ئۇلار قەدەھنىڭ دۇرىنى ئىچىپ بولۇپ، ھېچ مەۋجۇت بولمىغاندەك يوقاپ كېتىدۇ.
‏17 ئەمما سىئون تېغىدا قۇتۇلۇپ قالغانلار پاناھ تاپىدۇ. ئۇ بىر مۇقەددەس جاي بولىدۇ ۋە ياقۇب جەمەتىدىن بولغانلار ئۆز مىراس يەرلىرىگە ئىگە بولىدۇ. ‏18 ياقۇب جەمەتى بىر ئوتتەك ۋە يۈسۈپ جەمەتى بىر ئوت يالقۇنىدەك بولىدۇ، ئەساۋ جەمەتى بولسا ئۇلارغا پاخالدەك بولىدۇ. ئۇلار ئۇنىڭغا ئوت تۇتاشتۇرۇپ، ئۇنى يوق قىلىدۇ. ئەساۋ جەمەتىدىن ھېچكىم قالمايدۇ». مانا، بۇ پەرۋەردىگار ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!
‏19 جەنۇبىي زېمىندىكى خەلق ئەساۋنىڭ تاغلىرىغا ئىگە بولىدۇ، غەربىي ئويمانلىقتىكىلەر فىلىستىنلەرنىڭ زېمىنىغا ئىگە بولىدۇ. ئۇلار ئەفرائىمنىڭ زېمىنىغا ۋە سامارىيەنىڭ زېمىنىغىمۇ ئىگە بولىدۇ. بەنيامىن بولسا گىلېئادقا ئىگە بولىدۇ. ‏20 بەنى ئىسرائىلنىڭ بۇ قوشۇنىنىڭ ئىچىدىن سۈرگۈن قىلىنغانلار كەنئانلىقلارنىڭ زېمىنىغا زەرەپەتكىچە ئىگە بولىدۇ. يېرۇسالېمنىڭ ئىچىدىن سېفارادتا سۈرگۈندە تۇرغانلار بولسا جەنۇبتىكى شەھەرلەرگە ئىگە بولىدۇ. ‏21 قۇتقۇزغۇچىلار ئەساۋنىڭ تاغلىرى ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلىش ئۈچۈن سىئون تېغىغا چىقىدۇ. سەلتەنەت پەرۋەردىگارنىڭ بولىدۇ.