ئىسرائىلنىڭ جازالىنىشى ۋە قايتا تىكلىنىشى
9
1 مەن ئىگىمىزنىڭ قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ يېنىدا تۇرغىنىنى كۆردۈم. ئۇ مۇنداق دېدى: «بوسۇغىلار تەۋرەپ كەتكۈدەك تەرىقىدە تۈۋرۈكلەرنىڭ بېشىغا ئۇرۇپ، پارە-پارە قىلىپ، ئۇ يەردە بولغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بېشىغا چۈشۈرگىن. ئۇلارنىڭ قالغانلىرىنى مەن قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرىمەن. ئۇلاردىن ھېچبىرى قاچالمايدۇ ۋە ھېچكىم قۇتۇلالمايدۇ. 2 ئەگەر ئۇلار ئۆلۈكلەر دىيارىغىچە كولاپ كىرىۋالسىمۇ، مېنىڭ قولۇم ئۇلارنى ئۇ يەردىن تارتىپ چىقىرىدۇ. ئۇلار ئاسمانغا چىقىۋالسىمۇ، مەن ئۇ يەردىنمۇ ئۇلارنى سۆرەپ چۈشۈرىمەن. 3 ئۇلار كارمەل تېغىنىڭ چوققىسىغا چىقىپ مۆكۈۋالسىمۇ، مەن ئۇلارنى ئۇ يەردە تېپىپ ئېلىپ كېتىمەن. ئۇلار دېڭىزنىڭ تېگىدە مېنىڭ كۆزۈمدىن يوشۇرۇنۇۋالسىمۇ، مەن ئۇ يەردە يىلانغا ئۇلارنى چېقىشنى بۇيرۇيمەن. 4 دۈشمەن ئۇلارنى ئەسىر قىلىپ ئېلىپ كەتسىمۇ، ئۇ يەردە قىلىچقا ئۇلارنى ئۆلتۈرۈۋېتىشنى بۇيرۇيمەن، چۈنكى مەن ئۇلارغا ياخشىلىق بولسۇن دېمەي، بەلكى ئۇلارغا يامانلىق بولسۇن دەپ ئۇلارغا نەزەر سالىمەن». 5 ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى رەب پەرۋەردىگار زېمىنغا قولىنى بىر تەگكۈزسە، زېمىن ئېرىپ كېتىپ، ئۇنىڭدا ياشايدىغانلارنىڭ ھەممىسى يىغا-زار قىلىدۇ. پۈتۈن زېمىن نىل دەرياسىدەك ئۆرلەپ چىقىپ، مىسىرنىڭ دەرياسىدەك يەنە پەسلەپ كېتىدۇ. 6 بالىخانىلىرىنى ئاسماندا قۇرۇپ، ئاسمان گۈمبىزىنىڭ ئۇلىنى يەر ئۈستىگە بېكىتكۈچى، دېڭىزنىڭ سۈيىنى چاقىرىپ، يەر يۈزىگە قۇيغۇچى ئۇدۇر. پەرۋەردىگار ئۇنىڭ نامىدۇر.
7 «ئەي بەنى ئىسرائىل، سىلەر مېنىڭ ئالدىمدا كۇشىيلارنىڭ ئەۋلادىغا ئوخشاش ئەمەسمۇ؟» دەيدۇ پەرۋەردىگار. «مەن ئۆزۈم ئىسرائىلنى مىسىر زېمىنىدىن، فىلىستىنلەرنى كافتور ئارىلىدىن ۋە ئارامىيلارنى كىر شەھىرىدىن چىقاردىم ئەمەسمۇ؟ ■
8 مانا، رەب پەرۋەردىگارنىڭ كۆزلىرى بۇ گۇناھكار پادىشاھلىققا قارشىلىق بىلەن قارايدۇ. شەكسىز مەن ئۇنى يەر يۈزىدىن يوق قىلىۋېتىمەن. لېكىن مەن ياقۇب جەمەتىنى تامامەن يوق قىلمايمەن» دەيدۇ پەرۋەردىگار. 9 «چۈنكى، مانا، كىشى بىر دانمۇ يەرگە چۈشۈرمەي ئاشلىقنى غەلۋىردە تاسقىغاندەك، مەن بۇيرۇق چىقىرىپ، ئىسرائىل جەمەتىنى ھەممە ئەللەر ئارىسىدا تاسقايمەن. 10 خەلقىم ئىچىدىكى: ‹بالايىئاپەت بىزگە يېقىنلىشىپ بېشىمىزغا كەلمەيدۇ› دېگەن بارلىق گۇناھكارلار قىلىچ ئاستىدا ئۆلتۈرۈلىدۇ.
11 ئۇ كۈنى داۋۇدنىڭ يىقىلغان كەپىسىنى قايتىدىن قۇرىمەن، ئۇنىڭ يېرىقلىرىنى ئېتىپ، ۋەيران بولغان جايلىرىنى ئوڭشاپ، ئىلگىرىكى ھالىتىگە كەلتۈرىمەن. 12 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئېدومنىڭ قالغانلىرى ۋە مېنىڭ نامىم بىلەن ئاتالغان ھەممە ئەللەرگە ئىگە بولىدۇ» دەيدۇ بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرغۇچى پەرۋەردىگار. 13 «مانا، قوش ھەيدىگۈچى ئورما ئورغۇچىغا، ئۈزۈم دەسسىگۈچى ئۇرۇق تېرىغۇچىغا يېتىشىپ قالىدىغان كۈنلەر كېلىدۇ. ئۇ چاغدا يېڭى شاراب تاغلاردىن تېمىپ، ھەممە دۆڭلەردىن ئېقىپ چۈشىدۇ» دەيدۇ پەرۋەردىگار. ■ 14 «مەن ئۆز خەلقىم ئىسرائىلنى ئاسارەتتىن قۇتقۇزۇپ ئەسلىگە كەلتۈرىمەن. ئۇلار خاراب بولغان شەھەرلىرىنى قايتا قۇرۇپ، ئۇلاردا ياشايدۇ. ئۇلار ئۈزۈمزارلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ شارابىنى ئىچىدۇ، باغلارنى ئۆستۈرۈپ، مېۋىسىنى يەيدۇ. 15 چۈنكى مەن ئۇلارنى ئۆز زېمىنىدا ئۈندۈرىمەن. مەن ئۇلارغا بەرگەن زېمىندىن ھېچكىم ئۇلارنى يۇلۇۋېتەلمەيدۇ» دەيدۇ سېنىڭ پەرۋەردىگار خۇدايىڭ.