مېۋە بىلەن تولغان سېۋەت
8
1 رەب پەرۋەردىگار ماڭا شۇنى كۆرسەتتى: مەن پىششىق مېۋە بىلەن تولغان بىر سېۋەتنى كۆردۈم. 2 ئۇ مەندىن: «ئاموس، نېمىنى كۆردۈڭ؟» دەپ سورىدى. مەن جاۋاب بېرىپ: «پىششىق مېۋە بىلەن تولغان بىر سېۋەتنى كۆردۈم» دېدىم. پەرۋەردىگار ماڭا: «مېنىڭ خەلقىم ئىسرائىلنىڭ ھالاكىتى يېتىپ كەلدى. مەن ئۇنى يەنە ئاياپ قويمايمەن» دېدى. 3 «شۇ كۈنى ئوردىدا ئېيتىلغان ناخشىلار يىغا-زارغا ئايلىنىدۇ»، دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، «جەزەتلەر كۆپ بولىدۇ. ئۇلار ھەر يەرگە تاشلىنىدۇ. ئەتراپ جىمجىت بولىدۇ». ■ مىسكىنلەرنى ئەزگۈچىلەرگە كېلىدىغان جازالار
4 ئەي مىسكىنلەرنى يۇتقۇچىلار، ئېزىلگەنلەرنى زېمىندىن يوق قىلغۇچىلار، ئاڭلاڭلار. 5 «يېڭى ئاي قاچان تۈگەيدۇ؟ ئاشلىقنى ساتماقچىمىز. شابات كۈنى قاچان تۈگەيدۇ؟ بۇغداي تاغارلىرىنى ئاچماقچىمىز. ئېفانى كىچىك ۋە شېكەلنى چوڭ قىلىپ، يالغان تارازىلار ئىشلىتىپ ئادەملەرنى ئالدايمىز. ■ 6 نامراتلارنى كۈمۈش پۇلغا ساتىمىز، مىسكىنلەرنى بىر جۈپ چورۇققا تېگىشىمىز، بۇغداينى سامىنى بىلەن قوشۇپ ساتىمىز» دېگەنلەر بۇنى ئاڭلاڭلار. 7 پەرۋەردىگار ياقۇبنىڭ پەخرى بىلەن قەسەم قىلىپ: «مەن ئۇلارنىڭ بارلىق قىلغان ئىشلىرىنى ھەرگىز ئۇنتۇمايمەن! 8 شۇ سەۋەبتىن زېمىن تەۋرىنىپ كېتىپ، ئۇنىڭدا ياشايدىغانلارنىڭ ھەممىسى داد-پەرياد كۆتۈرمەمدۇ؟ پۈتۈن زېمىن نىل دەرياسىدەك ئۆركەشلىمەمدۇ، مىسىردىكى نىل دەرياسىدەك ئۆرلەپ چىقىپ، يەنە پەسلەپ كەتمەمدۇ؟» دەيدۇ. 9 «ئۇ كۈنى چۈش ۋاقتىدا مەن كۈننى پاتتۇرۇۋېتىپ، كۈندۈزى يەر يۈزىنى قاراڭغۇ قىلىمەن» دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، 10 «مەن ھېيتلىرىڭلارنى ماتەمگە، ناخشىلىرىڭلارنى مەرسىيەگە ئايلاندۇرىمەن. ھەربىر كىشىنىڭ بېلىگە بۆز رەخت باغلىتىپ، ھەربىر باشنى تاقىر قىلىۋېتىمەن، سىلەرنى يالغۇز ئوغلىنى يىتتۈرگەن كىشىدەك غەملىككە تاشلاپ، دەرد-ئەلەملىك بىر كۈن ئەۋەتىمەن».
11 رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مانا، مەن بۇ زېمىنغا ئاچارچىلىق ئەۋەتىدىغان كۈنلەر كېلىدۇ. بۇ ئاچلىق نانغا بولغان ئاچلىق ياكى سۇغا بولغان ئۇسسۇزلۇق ئەمەس، بەلكى پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە بولغان ئاچلىق بولىدۇ. 12 ئۇ چاغدا خەلق دېڭىزدىن دېڭىزغا، شىمالدىن شەرققە كېزىپ ماڭىدۇ. ئۇلار ئۇ ياق-بۇ ياققا يۈرۈپ، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئىزدەيدۇ، لېكىن ئۇنى تاپالمايدۇ. 13 ئۇ كۈندە گۈزەل قىزلار ۋە ياش يىگىتلەر ئۇسسۇزلۇقتىن چاڭقاپ ھالىدىن كېتىدۇ. 14 گۇناھقا سەۋەب بولغان سامارىيەنىڭ بۇتىنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىپ، ‹ئەي دان، ئىلاھىڭنىڭ تىرىكلىكى بىلەن› ۋە ‹بەئەرشېبانىڭ ئىلاھىي يولىنىڭ تىرىكلىكى بىلەن› دېگەنلەر ھەممىسى يىقىلىدۇ ۋە ئورنىدىن يەنە تۇرالمايدۇ».