چېكەتكىلەرنىڭ ھەممە ئوت-چۆپلەرنى يەۋېتىشى
7
1 رەب پەرۋەردىگار ماڭا شۇنى كۆرسەتتى: ئاخىركى زىرائەت باش تارتقان ۋاقتىدا، پەرۋەردىگار چېكەتكىلەرنى ياراتتى. بۇ پادىشاھنىڭ ئورمىسى ئورۇلغاندىن كېيىن ئۈنگەن زىرائەت ئىدى. 2 چېكەتكىلەر يەرنىڭ ھەممە ئوت-چۆپلىرىنى يەپ بولغاندىن كېيىن، مەن ئىلتىجا قىلىپ: «ئەي رەببىم پەرۋەردىگار، كەچۈرگەيسەن. ياقۇب كىچىككۇ، ئۇ قانداقمۇ چىداپ تۇرالايدۇ؟» دېدىم. 3 شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار نىيىتىدىن ياندى. «ماقۇل، ئۇنداق بولمايدۇ» دېدى پەرۋەردىگار. ۋەيران قىلىدىغان ئوت
4 ئاندىن رەب پەرۋەردىگار ماڭا شۇنى كۆرسەتتى: مانا، رەب پەرۋەردىگار جازالاش ئۈچۈن ئوتنى چاقىردى. ئوت كېلىپ، چوڭقۇر دېڭىزنى يۇتۇپ كەتتى، مىراس بولغان زېمىننىمۇ يۇتۇپ كەتكىلى تاس قالدى. 5 ئۇ ۋاقىتتا مەن ئىلتىجا قىلىپ: «ئەي رەببىم پەرۋەردىگار، توختىغايسەن! ياقۇب كىچىككۇ، ئۇ قانداقمۇ چىداپ تۇرالايدۇ؟» دېدىم. 6 شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار نىيىتىدىن ياندى. «ماقۇل، ئۇنداق بولمايدۇ» دېدى رەب پەرۋەردىگار.
ئۆلچەم يىپى
7 يەنە ئۇ ماڭا شۇنى كۆرسەتتى: ئىگەم تىك قۇرۇلغان تامنىڭ ئۈستىدە قولىدا تىكلىكنى تەكشۈرۈش تانىسىنى تۇتۇپ تۇردى. 8 پەرۋەردىگار مەندىن: «ئاموس، نېمىنى كۆردۈڭ؟» دەپ سورىدى. مەن جاۋاب بېرىپ: «تىكلىكنى تەكشۈرۈش تانىسىنى كۆردۈم» دېدىم. ئاندىن ئىگەم: «مانا، مەن خەلقىم ئىسرائىلنىڭ ئارىسىدا تىكلىكنى تەكشۈرۈش تانىسىنى ساڭگىلىتىپ، ئۇلارنى يەنە ئاياپ قويمايمەن. 9 ئىسئھاقنىڭ تۆپىلىكلەردىكى سەجدىگاھلىرى ۋەيران بولىدۇ. ئىسرائىلنىڭ مۇقەددەس جايلىرى خارابىلىككە ئايلىنىدۇ. مەن قوپۇپ، يەروبېئامنىڭ جەمەتىگە قارشى قىلىچ كۆتۈرىمەن» دېدى.
ئامازيا ئاموسنى بېشارەت بېرىشتىن توختاتماقچى
10 بەيتەلنىڭ كاھىنى ئامازيا ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يەروبېئامغا ئەلچى ئەۋەتىپ: «ئاموس ئىسرائىل جەمەتىنىڭ ئىچىدە ساڭا قارشى پىتنە قوزغىۋاتىدۇ. زېمىن ئۇنىڭ قىلغان ھەممە گەپلىرىنى كۆتۈرەلمەيدۇ. 11 چۈنكى ئاموس: ‹يەروبېئام قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلىدۇ ۋە ئىسرائىل خەلقى شەكسىز ئۆز زېمىنىدىن سۈرگۈن قىلىنىدۇ› دەيدۇ» دېدى. 12 ئاندىن ئامازيا ئاموسقا: «ئەي غايىبنى كۆرگۈچى، سەن يەھۇدا زېمىنىغا قېچىپ بېرىپ، ئۇ يەردە نېنىڭنى يەپ، پەيغەمبەرلىك قىلغىن. 13 ئەمما بەيتەل پادىشاھنىڭ مۇقەددەس جايى ۋە بۇ يەردە پادىشاھلىقنىڭ ئىبادەتخانىسى بولغاچقا، بەيتەلدە يەنە پەيغەمبەرلىك قىلمىغىن» دېدى.
14 ئاموس ئامازياغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «مەن ئەسلى پەيغەمبەر ئەمەس ۋە پەيغەمبەرنىڭ ئوغلىمۇ ئەمەس، بەلكى مال باقىدىغان پادىچى ۋە ياۋا ئەنجۈر تېرىپ يەيدىغان بىر كىشىدۇرمەن. 15 لېكىن پەرۋەردىگار مېنى پادىنىڭ كەينىدىن ئېلىپ: ‹سەن بېرىپ، مېنىڭ خەلقىم ئىسرائىل ئۈچۈن پەيغەمبەرلىك قىلغىن› دېدى. 16 ئەمدى سەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغىن. ‹ئىسرائىلغا قارشى بېشارەت بەرمىگىن ۋە ئىسئھاق جەمەتى ئۈستىگە ھۆكۈم سۆزلىرىنى ياغدۇرمىغىن› دېگىنىڭ ئۈچۈن، 17 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹سېنىڭ ئايالىڭ بۇ شەھەردە پاھىشە بولۇپ قالىدۇ، ئوغۇل-قىزلىرىڭ قىلىچ ئاستىدا ھالاك بولىدۇ ۋە زېمىنىڭ ئۆلچەش تانىسى تارتىلىشى ئارقىلىق بۆلۈنىدۇ. سەن ئۆزۈڭ ناپاك بىر زېمىندا ئۆلىسەن ۋە ئىسرائىل خەلقى شەكسىز ئۆز زېمىنىدىن سۈرگۈن قىلىنىدۇ».