6
‏1 «ئەي سىلەر، سىئوندا ئامانلىق ئىچىدە ياشىغانلار، سامارىيەنىڭ تاغلىرىدا ئۆزلىرىنى خاتىرجەم ھېس قىلغانلار، ئىسرائىل جەمەتىنىڭ يېتەكچىلىرى بولغان خەلقنىڭ ئېسىلزادىلىرى، سىلەرنىڭ ھالىڭلارغا ۋاي! ‏2 سىلەر كالنە شەھىرىگە بېرىپ نەزەر سېلىڭلار، شۇ يەردىن ئۇلۇغ خامات شېھىرىگە بېرىڭلار، ئاندىن فىلىستىنلەرنىڭ گات دېگەن شەھىرىگە چۈشۈپ سەپسېلىپ قاراڭلار. بۇ جايلار سىلەرنىڭ ئىككى پادىشاھلىقىڭلاردىن ئەۋزەلمۇ؟ ئۇلارنىڭ زېمىنلىرى سىلەرنىڭ زېمىنىڭلاردىن كەڭمۇ؟
‏3 ئەي سىلەر، بېشىڭلارغا بالايىئاپەت ياغىدىغان كۈننى يىراق دەپ ئويلىغان، لېكىن زۇلۇم تەختىنى يېقىن كەلتۈرگەنلەر، سىلەرنىڭ ھالىڭلارغا ۋاي!
‏4 ئەي سىلەر، پىل چىشىدىن ياسالغان سۇپىلىرىڭلاردا كۆرپىلەرنىڭ ئۈستىدە كېرىلىپ ياتقانلار، پادىنىڭ ئىچىدىن قوزىلارنى ۋە قوتاندىن موزايلارنى تاللىۋېلىپ يەۋاتقانلار، سىلەرنىڭ ھالىڭلارغا ۋاي!
‏5 ئەي سىلەر، چىلتارنىڭ ئۈنىگە قوشۇلۇپ ۋارقىراپ ناخشا ئېيتقۇچىلار، داۋۇدقا ئوخشاش ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ھەر خىل ناخشا-سازلارنى ئىچرا قىلغانلار، سىلەرنىڭ ھالىڭلارغا ۋاي!
‏6 ئەي سىلەر، جاۋۇرلاردىن شاراب ئىچىپ، بەدەنلىرىڭلارغا ئەۋزەل ياغلارنى سۈرۈپ، يۈسۈپنىڭ ۋەيران بولۇشى بىلەن كارى بولمىغانلار، سىلەرنىڭ ھالىڭلارغا ۋاي!
‏7 شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار تۇنجى بولۇپ سۈرگۈن قىلىنىدۇ، كېرىلىپ ياتقانلارنىڭ زىياپەتلىرىنى يوق بولىدۇ».
‏8 رەب پەرۋەردىگار ئۆزى بىلەن قەسەم قىلىدۇ، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگار خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «مەن ياقۇبنىڭ ھاكاۋۇرلۇقىدىن نەپرەتلىنىمەن، ئۇنىڭ ئوردىلىرىنى يامان كۆرىمەن، شۇڭا شەھەرنى ئۇنىڭدىكى ھەممە نەرسىسى بىلەن قوشۇپ، دۈشمەنگە تاپشۇرۇپ بېرىمەن. ‏9 شۇنداق بولىدۇكى، ئەگەر بىر ئۆيدە ئون ئادەم ساق قالغان بولسا، ئۇلارمۇ ئۆلىدۇ. ‏10 ئۆلگەن كىشىنىڭ بىر تۇغقىنى، يەنى ئۇنىڭ جەسىتىنى كۆيدۈرىدىغان كىشى كېلىپ، جەسەتنى ئۆيدىن چىقىرىۋېتىش ئۈچۈن جەسەتنى كۆتۈرگىنىدە، ئۆينىڭ ئىچىدە قېلىپ قالغان كىشىدىن: ‹سەندىن باشقا ئۆيدە يانا ئادەم بارمۇ؟› دەپ سورىسا، ئۇ جاۋاب بېرىپ ‹يوق› دەيدۇ. ئاندىن ئۇ ئۇنىڭغا: ‹تىلىڭنى يىغقىن، پەرۋەردىگارنىڭ نامى تىلغا ئېلىنمىسۇن› دەيدۇ».
 
‏11 «مانا، پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقى بىلەن چوڭ-چوڭ ئۆيلەر پارە-پارە قىلىنىدۇ، كىچىك-كىچىك ئۆيلەرمۇ چېقىۋېتىلىپ ۋەيران قىلىنىدۇ.
‏12 ئاتلار قورام تاش ئۈستىدە يۈگۈرەمدۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىدە بىر كىشى ئۆكۈز بىلەن قوش ھەيدەمدۇ؟ بىراق سىلەر ئادالەتنى ئۆت سۈيىگە، ھەققانىيلىقنىڭ مېۋىسىنى ئاچچىق ئەمەنگە ئايلاندۇردۇڭلار. ‏13 سىلەر ئەرسىمەس نەرسىگە پەخىرلىنىپ: ‹ئۆز كۈچىمىز بىلەن قۇدرەتكە ئىگە بولدۇق ئەمەسمۇ؟› دەيسىلەر. ‏14 لېكىن، ئەي ئىسرائىل جەمەتى، مەن سىلەرگە قارشى بىر خەلقنى قوزغىتىمەن» دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگار خۇدا. «ئۇلار كېلىپ، خاماتقا كىرىدىغان يولدىن تارتىپ ئارابا جىلغىسىغىچە سىلەرنى بېسىۋېلىپ سىلەرگە زۇلۇم سالىدۇ».