ئىسرائىلنىڭ قىلمىشلىرىنىڭ ئاقىۋىتى
5
1 ئەي ئىسرائىل جەمەتىدىن بولغانلار، مەن سىلەر ھەققىدە ئوقۇيدىغان مەرسىيەنى ئاڭلاڭلار: 2 «ئىسرائىل قىزى يىقىلىپ چۈشۈپ، يەنە ئورنىدىن تۇرالماس.
ئۇ ئۆز يۇرتىدا يەردە يېتىپ قالدى،
ئۇنى يۆلەپ تۇرغۇزىدىغان كىشى تېپىلماس».
3 چۈنكى رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئىسرائىل جەمەتىگە شۇنداق بولىدۇكى، بىر شەھىرىدىن مىڭ كىشى جەڭگە چىقسا ئۇلاردىن يۈز كىشىلا ساق قالىدۇ، يەنە بىر شەھىرىدىن يۈز كىشى جەڭگە چىقسا، ئۇلاردىن ئون كىشىلا ساق قالىدۇ».
4 چۈنكى پەرۋەردىگار ئىسرائىل جەمەتىگە مۇنداق دەيدۇ: «مېنى ئىزدىسەڭلار، ياشايسىلەر. 5 لېكىن بەيتەلنى ئىزدىمەڭلار، گىلگالغا كىرمەڭلار، بەئەرشېباغىمۇ بارماڭلار، چۈنكى گىلگال شەكسىز سۈرگۈن قىلىنىدۇ ۋە بەيتەل يوق بولۇپ كېتىدۇ. 6 پەرۋەردىگارنى ئىزدىسەڭلار، ياشايسىلەر. بولمىسا، ئۇ بىر ئوتتەك كېلىپ، يۈسۈپ جەمەتىگە تۇتىشىپ ئۇنى كۆيدۈرۈۋېتىدۇ. ئۇ چاغدا ئوتنى ئۆچۈرۈپ بەيتەلنى قۇتقۇزىدىغان ئادەم تېپىلماس».
7 «ئەي ئادالەتنى ئاچچىق ئەمەنگە ئايلاندۇرغۇچىلار! ئەي ھەققانىيلىقنى يەرگە تاشلىغۇچىلار! 8 سىلەر ئۈكەر يۇلتۇز تۈركۈمى ۋە ئورىئون يۇلتۇز تۈركۈمىنى ياراتقۇچى، ئۆلۈم سايىسىنى تاڭ نۇرىغا ئايلاندۇرغۇچى، كۈندۈزنى زۇلمەت كېچە قىلغۇچى، دېڭىزنىڭ سۈيىنى چاقىرىپ، يەر يۈزىگە سەپكۈچىنى ئىزدەڭلار. پەرۋەردىگار ئۇنىڭ نامىدۇر. 9 ئۇ باتۇرلار ئۈستىگە ھالاكەتلىك چاقماق چۈشۈرىدۇ، قورغانلارنى ۋەيران قىلىدۇ. 10 ئىسرائىل خەلقى بولسا شەھەر دەرۋازىسىدا تۇرغان نەسىھەت بەرگۈچىگە ئۆچ بولۇپ، ھەق سۆزلىگۈچىلەرنى يامان كۆرىدۇ.
11 «سىلەر بىچارىلەرنى ئېزىپ، ئۇلارنىڭ ئاشلىقىنى ئالۋانغا ئالغىنىڭلار ئۈچۈن، سىلەر يونۇلغان تاشلاردىن ياسالغان ئۆيلىرىڭلاردا ئولتۇرالماي قالىسىلەر، ياخشى ئۆستۈرگەن ئۈزۈمزارلىقلىرىڭلارنىڭ شارابىنى ئىچەلمەيسىلەر. 12 چۈنكى مەن يامان ئىشلىرىڭلارنىڭ كۆپلۈكىنى، گۇناھلىرىڭلارنىڭ جىقلىقىنى بىلىمەن. سىلەر ھەققانىيلارنى ئېزىپ، پارا ئېلىپ، شەھەر دەرۋازىسىدا تۇرۇپ مىسكىنلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىسىلەر. 13 بۇنداق دەۋر يامان دەۋر بولغاچقا، ئەقىل-پارەسەتلىك كىشى شۈك تۇرىدۇ».
14 ياشىماقچى بولساڭلار، يامانلىق قىلماي، ياخشىلىقنى ئىزدەڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، سىلەر دېگىنىڭلاردەك ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگار خۇدا سىلەرگە يار بولىدۇ. 15 يامانلىقنى يامان كۆرۈپ ياخشىلىقنى سۆيۈڭلار. شەھەر دەرۋازىسىدا ئادالەتنى ياقلاڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، بەلكىم ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگار خۇدا يۈسۈپنىڭ قالغانلىرىغا مەرھەمەت كۆرسىتەر. 16 شۇڭا ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگار خۇدا، بىزنىڭ ئىگىمىز، مۇنداق دەيدۇ: «ھەممە بازارلاردا ماتەم تۇتۇلىدۇ، ھەممە قوچىلاردا ‹ۋاي، ۋاي› دەپ نالە قىلىنىدۇ. ئۇلار دېھقانلارنى يىغا-زار قىلىشقا، مەرسىيە ئوقۇشقا ئۇستا بولغانلارنى يىغلاشقا چاقىرىدۇ. 17 ھەممە ئۈزۈمزارلىقلاردا يىغا-زار كۆتۈرۈلىدۇ، چۈنكى مەن ئاراڭلاردىن ئۆتۈپ كېتىمەن» دەيدۇ پەرۋەردىگار. ■
18 «ئەي پەرۋەردىگارنىڭ كۈنىنى ئارزۇ قىلىپ كۈتكەنلەر، ھالىڭلارغا ۋاي! پەرۋەردىگارنىڭ كۈنىنى نېمىشقا ئارزۇ قىلىپ كۈتىسىلەر؟ ئۇ كۈن يورۇقلۇق ئەمەس، قاراڭغۇلۇق ئېلىپ كېلىدۇ. 19 ئۇ كۈنى بىر كىشى بىر شىردىن قېچىپ، بىر ئېيىققا ئۇچراپ قالغاندەك ياكى ئۆيگە بېرىپ قولى بىلەن تامغا يۆلەنگەندە يىلان ئۇنى چېقىۋالغاندەك ئەھۋال بولىدۇ. 20 پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى يورۇقلۇقنى ئەمەس، قاراڭغۇلۇقنى ئېلىپ كېلىدۇ ئەمەسمۇ؟ ئۇ كۈن يورۇق ئەمەس، قاپ-قاراڭغۇ بولىدۇ».
21 «مەن ھېيتلىرىڭلارنى يامان كۆرۈپ، ئۇلاردىن نەپرەتلىنىمەن. ھېيت يىغىلىشلىرىڭلاردىن بىزار بولدۇم. 22 سىلەر ماڭا كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئاشلىق ھەدىيەلىرىڭلارنى سۇنساڭلارمۇ، مەن بۇلاردىن رازى بولمايمەن، بورداق مالدىن ئامانلىق قۇربانلىقىنى سۇنساڭلارمۇ ئۇلارغا خۇرسەنلىك بىلەن قارىمايمەن. 23 ناخشىلىرىڭلارنىڭ چۇقىنىنى مەندىن نېرى قىلىڭلار. مەن چىلتارلىرىڭلارنىڭ ئۈنىنى ئاڭلاشنى خالىمايمەن. 24 لېكىن ئادالەتنى سۇدەك ۋە ھەققانىيلىقنى كۈچلۈك ئېقىندەك ئېقىتىڭلار.
25 ئەي ئىسرائىل جەمەتى، چۆل-باياۋاندا قىرىق يىل داۋامىدا ماڭا قۇربانلىق ۋە ھەدىيەلەرنى سۇندۇڭلارمۇ؟ 26 مانا، مولەك بۇتىنىڭ چېدىرىنى ۋە ئۆزۈڭلار ياسىغان يۇلتۇز ئىلاھىڭلارنىڭ بۇت ھەيكەللىرىنى كۆتۈرۈپ ماڭدىڭلار.
27 شۇنىڭ ئۈچۈن مەن سىلەرنى دەمەشقتىنمۇ يىراق يەرلەرگە سۈرگۈن قىلىمەن» دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى خۇدا دەپ ئاتالغان پەرۋەردىگار.