ئىسرائىلنىڭ توۋا قىلماسلىقى
4
1 ئەي باشاننىڭ ئىنەكلىرى، سامارىيە تېغىدا تۇرۇپ، بىچارىلەرگە زۇلۇم قىلىپ، مىسكىنلەرنى ئېزىۋاتقانلار، ئۆز ئەرلىرىگە: «شارابنى ئېلىپ كېلىڭلار، ئىچەيلى» دەيدىغان ئاياللار، بۇ سۆزنى ئاڭلاڭلار. 2 رەب پەرۋەردىگار ئۆز مۇقەددەسلىكى بىلەن قەسەم قىلىپ، مۇنداق دەيدۇ: «مانا، سىلەرنى ئىلمەك بىلەن، قالغان نەسلىڭلارنى قارماق بىلەن تۇتۇپ ئېلىپ كېتىدىغان كۈنلەر بېشىڭلارغا كېلىدۇ. 3 ئۇ ۋاقىتتا ھەربىرىڭلار ئالدىڭلاردىكى سېپىلنىڭ تۆشۈكلىرىدىن ئۆتۈپ چىقىپ، ئۇدۇل مېڭىپ كېتىپ، ھارمون تەرەپكە ھەيدىۋېتىلىسىلەر» دەيدۇ پەرۋەردىگار. 4 «ئەمدى بەيتەلگە بېرىپ يەنە ئاسىيلىق قىلىڭلار، گىلگالدا تېخىمۇ كۆپرەك ئاسىيلىق قىلىڭلار. ھەر ئەتىگەندە قۇربانلىقلىرىڭلارنى سۇنۇپ، ھەر ئۈچىنچى كۈنى ھوسۇلۇڭلاردىن ئوندىن بىر قىسمىنى ئېلىپ كېلىڭلار. 5 شۈكۈر قۇربانلىقى ئۈچۈن بولدۇرۇلغان خېمىردىن پىشۇرۇلغان ناننى ئوتتا كۆيدۈرۈپ، خالىس قۇربانلىقىڭلار بىلەن ماختىنىپ غادىيىپ يۈرىۋېرىڭلار، چۈنكى سىلەر، ئەي بەنى ئىسرائىل، شۇنداق قىلىشقا ئامراقسىلەر» دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. ■
6 «مەن ھەممە شەھەرلىرىڭلاردا ئېغىزلىرىڭلارنى قۇرۇتۇپ قويۇپ، ھەممە تۇرغان جايلىرىڭلاردا نېنىڭلارنى كېمەيتىپ قويدۇم. بىراق سىلەر يەنىلا ماڭا قايتىپ كەلمىدىڭلار» دەيدۇ پەرۋەردىگار.
7 «زىرائەت پىشىشقا ئۈچ ئاي قالغاندا مەن سىلەردىن يامغۇرنى توختىتىپ قويدۇم. يامغۇرنى بىر شەھەرگە ياغدۇردۇم، يەنە بىر شەھەرگە ياغدۇرمىدىم. بىر پارچە يەر ئۈستىگە يامغۇر ياغدى، يەنە بىر پارچە يەرگە يامغۇر ياغمىغاچقا، يەر قاغجىراپ قالدى. 8 ئىككى-ئۈچ شەھەرنىڭ ئادەملىرى سۇ ئىچەيلى دەپ، باشقا بىر شەھەرگە دەلدەڭلىشىپ باردى، لېكىن كانغۇدەك سۇ تاپالمىدى. بىراق سىلەر يەنىلا ماڭا قايتىپ كەلمىدىڭلار» دەيدۇ پەرۋەردىگار.
9 «مەن زىرائەتلىرىڭلارغا چاۋىرىش ئاپىتىنى ئەۋەتتىم، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ھال چۈشۈردۈم. غاچىغۇچى چېكەتكىلەر كېلىپ، كۆپلىگەن باغلىرىڭلار، ئۈزۈمزارلىقلىرىڭلار، ئەنجۈر دەرەخلىرىڭلار ۋە زەيتۇن دەرەخلىرىڭلارنى يەپ كەتتى. بىراق سىلەر يەنىلا ماڭا قايتىپ كەلمىدىڭلار» دەيدۇ پەرۋەردىگار.
10 «مەن مىسىرغا ۋابا ئەۋەتكەندەك، ئاراڭلارغا ۋابا ئەۋەتتتىم. مەن يىگىتلىرىڭلارنى قىلىچ ئاستىدا ئۆلتۈردۈم ۋە ئاتلىرىڭلارنى سىلەردىن تارتىۋالدىم. بارگاھىڭلاردىكى جەسەتلەرنىڭ سېسىق پۇرىقىنى دىمىغىڭلارغا كىرگۈزدۇم. بىراق سىلەر يەنىلا ماڭا قايتىپ كەلمىدىڭلار» دەيدۇ پەرۋەردىگار.
11 «مەن، خۇدا، سودوم ۋە گوموررانى ئۆرۈۋەتكەندەك سىلەرنى ئۆرۈۋەتتىم. سىلەر ئوتتىن تارتىۋېلىنغان چالا كۆيگەن بىر پارچە ئوتۇندەك بولۇپ قالدىڭلار. بىراق سىلەر يەنىلا ماڭا قايتىپ كەلمىدىڭلار» دەيدۇ پەرۋەردىگار.
12 «شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەي ئىسرائىل، ساڭا شۇنداق قىلىمەن. ساڭا شۇنداق قىلىدىغىنىم ئۈچۈن، ئەي ئىسرائىل، ئۆز خۇدايىڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە تەييار بولغىن. 13 چۈنكى مانا، ئۇ تاغلارنى پەيدا قىلغۇچى ۋە شامالنى ياراتقۇچى، ئىنسانغا ئۆز خىيالىنى بىلدۈرگۈچى، تاڭ نۇرىنى قاراڭغۇلۇققا ئايلاندۇرغۇچى ۋە يەرنىڭ ئېگىزلىكلىرىدە ماڭغۇچىدۇر، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگار خۇدا ئۇنىڭ نامىدۇر».