پەرۋەردىگار ئىسرائىلنى ئاگاھلاندۇرىدۇ
3
1 «ئەي بەنى ئىسرائىل، پەرۋەردىگار سىلەرگە قارشى ئېيتقان، يەنى مەن ئۆزۈم مىسىر زېمىنىدىن ئېلىپ چىققان ھەممە شۇ نەسىلگە قارشى ئېيتقان بۇ سۆزنى ئاڭلاڭلار: 2 مەن يەر يۈزىدىكى بارلىق جەمەتلەرنىڭ ئىچىدىن پەقەت سىلەرنى تاللىدىم ئەمەسمۇ؟ شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەرگە بارلىق يامانلىقلىرىڭلارنىڭ جازاسىنى بېرىمەن. 3 بىر نىيەتتە بولمىغان ئىككى كىشى بىللە ماڭالامدۇ؟ 4 ئوۋ تاپمىغان بىر شىر جاڭگالدا ھۆركىرەمدۇ؟ ئوۋ تۇتمىغان ئارسلان ئۇۋىسىدا ھۇۋلامدۇ؟ 5 يەرگە قويۇلغان قاپقاننىڭ يەمچۈكى بولمىسا، بىر قۇشقاچ قاپقانغا چۈشەمدۇ؟ بىر نېمىنى تۇتقان بولمىسا، قاپقان يەردىن سەكرەپ كۆتۈرۈلەمدۇ؟ 6 شەھەردە بۇرغا چېلىنسا، خەلق قورقماي قالامدۇ؟ پەرۋەردىگار ئەۋەتمىسە، شەھەرگە بىر بالايىئاپەت كېلەمدۇ؟ 7 دەرھەقىقەت، رەب پەرۋەردىگار ئۇنىڭ خىزمەتكارلىرى بولغان پەيغەمبەرلەرگە نىيىتىنى ئاشكارىلىمىغۇچە بىر ئىش قىلمايدۇ. 8 شىر ھۆركىرەپ تۇرسا، كىم قورقمايدۇ؟ رەب پەرۋەردىگار سۆزلىسە، كىم ئۇنىڭ بېشارىتىنى يەتكۈزمەي تۇرالايدۇ؟»
9 «ئاشدودنىڭ ئوردىلىرى ۋە مىسىر زېمىنىنىڭ ئوردىلىرىدا ئېلان قىلىڭلار: ‹سامارىيە تاغلىرىغا يىغىلىپ، شەھەردىكى قالايمىقانچىلىقنى كۆرۈپ بېقىڭلار، ئۇنىڭ ئىچىدىكى زۇلۇملارغا نەزەر سېلىڭلار›. 10 چۈنكى ئۇلار زوراۋانلىق ۋە بۇلاڭچىلىق بىلەن تاپقانلىرىنى ئۆز ئوردىلىرىدا يىغىپ، ياخشىلىق قىلىشنى ھېچ بىلمەيدۇ» دەيدۇ پەرۋەردىگار. 11 شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ھەر تەرەپتىن دۈشمەن زېمىنغا بېسىپ كىرىپ، سېنىڭ قەلئە-قورغانلىرىڭنى ۋەيران قىلىپ، ئوردا-سارايلىرىڭنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىدۇ». ■
12 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «بىر پادىچى قوينىڭ ئىككى پاچىقىنى ياكى قۇلىقىنىڭ بىر پارچىسىنىلا شىرنىڭ ئاغزىدىن ئاجرىتىۋالغاندەك، سامارىيەدە سۇپىنىڭ بۇرجىكىدە، يۇمشاق كۆرپىسىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغان بەنى ئىسرائىل قۇتقۇزۇلىدۇ».
13 «قۇلاق سېلىڭلار، ياقۇب جەمەتىگە قارشى گۇۋاھلىق بېرىڭلار» دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى خۇدا. 14 «مەن ئىسرائىلغا يامان ئىشلىرى ئۈچۈن جازا بەرگەن كۈندە بەيتەلدىكى قۇربانلىق سۇپىلارغىمۇ جازا بېرىمەن. قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ مۈڭگۈزلىرى كېسىلىپ، يەرگە چۈشۈرۈلىدۇ. 15 مەن قىشلىق ساراي ۋە يازلىق ساراينى بۇزۇپ چاقىمەن. پىل چىشى بىلەن بېسەلگەن ئۆيلەر ۋەيران بولىدۇ، كۆپلىگەن ئۆيلەر ئۆرۈلۈپ يوق بولۇپ كېتىدۇ» دەيدۇ پەرۋەردىگار. ■