يۇنۇس
يۇنۇسنىڭ خۇدادىن قېچىشى
1
1 پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئامىتتاينىڭ ئوغلى يۇنۇسقا كەلدى. ئۇ يۇنۇسقا: 2 «سەن قوپقىن، نىنەۋە دېگەن چوڭ شەھەرگە بېرىپ، ئۇنى قاتتىق ئەيىبلىگىن، چۈنكى ئۇلارنىڭ يامانلىقلىرى ماڭا يېتىپ كەلدى» دېدى. 3 لېكىن يۇنۇس پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىن قېچىش ئۈچۈن تارشىشقا بارماقچى ئىدى. ئۇ جاففا شەھىرىگە بېرىپ، تارشىشقا بارىدىغان بىر كېمىنى تاپتى. ئۇ كىراسىنى بېرىپ، پەرۋەردىگاردىن ئۇزاقلىشىش نىيىتى بىلەن كېمىچىلەرگە قوشۇلۇپ تارشىشقا بېرىش ئۈچۈن كېمىگە چىقتى. ■ 4 ئەمما پەرۋەردىگار دېڭىزغا كۈچلۈك بوران ئەۋەتتى. دېڭىز سۈيى شۇنداق قاتتىق داۋالغۇپ كەتتىكى، كېمە پارچىلىنىپ چۆكۈپ كەتكىلى تاس قالدى. 5 كېمىچىلەر قورقۇپ كېتىپ، ھەربىرى ئۆز ئىلاھىغا يېلىنىپ يالۋۇردى. ئۇلار كېمىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، كېمىدىكى ماللارنى دېڭىزغا تاشلىدى. لېكىن يۇنۇس كېمىنىڭ ئاستى قىسمىغا چۈشۈپ، شۇ يەردە يېتىپ، قاتتىق ئۇخلاپ قالغانىدى. 6 كېمە باشلىقى ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا: «ئەي ئۇخلىغۇچى، نېمىشقا ئۇخلاپ ياتىسەن؟ تۇرغىن ئەمدى ئورنۇڭدىن، ئۆز ئىلاھىڭغا قاتتىق يالۋۇرغىن. بەلكىم ئۇ بىزنى يوقلاپ، ھالاكەتتىن قۇتقۇزار» دېدى.
7 كېمىچىلەر بىر-بىرىگە: «كېلىڭلار، بۇ بالا بېشىمىزغا كىمنىڭ سەۋەبىدىن كەلدى دەپ بىلىش ئۈچۈن چەك تاشلاپ باقايلى» دېيىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار چەك تاشلىدى ۋە چەك يۇنۇسقا چىقتى. 8 ئۇلار ئۇنىڭدىن: «قېنى ئېيتقىن، بۇ بالايىئاپەت كىمنىڭ سەۋەبىدىن بىزنىڭ بېشىمىزغا كەلدى. نېمە ئىش قىلىسەن؟ نەدىن كەلدىڭ؟ ۋەتىنىڭ، مىللىتىڭ نېمە؟» دەپ سورىدى. 9 يۇنۇس ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: «مەن ئىبرانىيمەن، دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇقنى ياراتقان ئەرشتىكى پەرۋەردىگار خۇدادىن قورقۇپ ئەيمىنىمەن» دېدى. 10 ئۇلار شۇنى ئاڭلىغاندا تېخىمۇ قورقۇپ كېتىپ، ئۇنىڭدىن «زادى نېمە ئىش قىلدىڭ؟» دەپ سورىدى. چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىن قېچىۋاتقانلىقىنى بىلدى، چۈنكى ئۇ ئۆزى ئۇلارغا شۇنداق دېگەنىدى. 11 دېڭىز تېخىمۇ شىددەتلىك داۋالغۇغىنى ئۈچۈن ئۇلار ئۇنىڭدىن: «دېڭىزنىڭ تىنچلىنىشى ئۈچۈن ساڭا نېمە قىلساق بولىدۇ؟» دەپ سورىدى. 12 ئۇ ئۇلارغا: «مېنى كۆتۈرۈپ دېڭىزغا تاشلىساڭلار، دېڭىز سىلەر ئۈچۈن تىنچ بولىدۇ. چۈنكى بىلىمەنكى، سىلەر مېنىڭ سەۋەبىمدىن بۇ قاتتىق بورانغا ئۇچرىدىڭلار» دەپ جاۋاب بەردى. 13 ئەمما ئۇلار پالاق ئۇرۇپ قىرغاققا يېتىشكە تىرىشتى. ئۇلار قانچە تىرىشسىمۇ، يېتەلمىدى، چۈنكى دېڭىز ئۇلارغا قارشى تېخىمۇ داۋالغۇپ كېتىۋاتاتتى. 14 شۇڭا ئۇلار پەرۋەردىگارغا: «ئەي پەرۋەردىگار، بىز شۇ ئادەمنىڭ جېنىنى ئالغانلىقىمىز سەۋەبىدىن بىزنى ھالاك قىلمىغايسەن. بىگۇناھ قان تۆكۈش گۇناھىمۇ بىزگە ئارتمىغايسەن، چۈنكى سەن، ئەي پەرۋەردىگار، ئۆز خالىغىنىڭنى قىلدىڭ» دەپ پەرياد قىلدى. 15 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يۇنۇسنى كۆتۈرۈپ دېڭىزغا تاشلىدى. دېڭىزنىڭ داۋالغۇشى شۇئان توختاپ قالدى. 16 بۇنى كۆرگەن ئادەملەر پەرۋەردىگاردىن قاتتىق قورقۇپ كېتىپ، پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىشتى ۋە ۋەدىلەر بېرىشتى.