مىكا
سامارىيە ۋە يېرۇسالېم توغرىسىدىكى ۋەھىي
1
‏1 يوتام، ئاھاز ۋە خىزقىيا دېگەن يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ كۈنلىرىدە مورەشەتلىق مىكاغا كەلگەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى، ئۇنىڭغا سامارىيە ۋە يېرۇسالېم توغرىسىدا كەلگەن ۋەھىي.
‏2 «ئەي بارلىق خەلقلەر، ئاڭلاڭلار! ئەي يەر يۈزى ۋە ئۇنىڭدا ياشاۋاتقانلار، قۇلاق سېلىڭلار! ئىگىمىز پەرۋەردىگار سىلەرگە قارشى گۇۋاھلىق بېرىدۇ، ئۆز مۇقەددەس بەيتىدىن ئىگىمىز سىلەرنى ئەيىبلەيدۇ.
‏3 مانا، پەرۋەردىگار ئۆز ماكانىدىن چىقىدۇ. ئۇ چۈشۈپ، يەر يۈزىنىڭ ئېگىزلىكلىرىنى دەسسەيدۇ. ‏4 موم ئوتنىڭ ئالدىدا ئېرىپ كەتكەندەك، سۇلار تىك دۆڭدىن پەسكە ئېقىپ چۈشكەندەك، ئۇنىڭ ئاستىدا تاغلار ئېرىپ كېتىدۇ، جىلغىلار يېرىلىدۇ. ‏5 بۇنىڭ ھەممىسى ياقۇبنىڭ ئاسىيلىقىنىڭ سەۋەبىدىن بولىدۇ، ئىسرائىل جەمەتىنىڭ گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن بولىدۇ. ياقۇبنىڭ ئاسىيلىقى نەدىن باشلاندى؟ سامارىيەدىن ئەمەسمۇ؟ يەھۇدانىڭ تۆپىلىكلەردىكى سەجدىگاھلىرى نەدىن باشلاندى؟ يېرۇسالېمدىن ئەمەسمۇ؟ ‏6 شۇنىڭ ئۈچۈن مەن سامارىيەنى دالادىكى بىر خارابىگە، ئۈزۈم تاللىرى تىكىلىدىغان يەرگە ئايلاندۇرىمەن. مەن ئۇنىڭ تاشلىرىنى جىلغىغا تاشلىۋېتىمەن، ئۇنىڭ ئۇللىرىنى ئېچىۋېتىمەن. ‏7 ئۇنىڭ ھەممە ئويما بۇت ھەيكەللىرى پارە-پارە قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ پاھىشىنىڭ ھەققىدەك يىغقان سوۋغاتلىرى ھەممىسى ئوتتا كۆيدۈرۈلىدۇ. مەن ئۇنىڭ ھەممە بۇتلىرىنى ۋەيران قىلىمەن. چۈنكى ئۇ بۇلارنى پاھىشىنىڭ ھەققىدەك تاپقاچقا، ئۇلار يەنە پاھىشىلىكنىڭ ھەققىگە قايتۇرۇلىدۇ».
 
مىكانىڭ قايغۇسى ۋە يىغىسى
‏8 بۇنىڭ ئۈچۈن مەن ماتەم تۇتۇپ يىغا-زار قىلىمەن. مەن كىيىمىمنى سېلىۋېتىپ، يالاڭ ئاياغ يۈرىمەن. چىلبۆرىدەك ھۆركىرىمەن، تۆگىقۇشتەك چىرقىرىمەن. ‏9 چۈنكى ئۇنىڭغا تەگكەن ۋابا داۋاسىز. ئۇ يەھۇداغىمۇ يېتىپ كەلدى، ھەتتە مېنىڭ خەلقىمنىڭ دەرۋازىسىغىچە، يەنى يېرۇسالېمغىمۇ يېتىپ كەلدى.
‏10 بۇنىڭ خەۋىرىنى گات ئىچىدە تارقاتماڭلار. ھەتتا ياش تۆكمەڭلار. بەيت-ئافرادا توپىغا مىلىنىپ ئولتۇرۇڭلار.
‏11 ئەي شافىر خەلقى، يالىڭاچلىق ۋە خىجالەت ئىچىدە چىقىپ كەتكىن. زائانان خەلقى تالاغا چىقىشقا جۈرئەت قىلمايدۇ. بەيت-خاېزەل نالە-زار قىلىدۇ. خۇدا سەندىن ئارقا تىرەكنى تارتىپ ئالىدۇ. ‏12 ماروت خەلقى ياخشىلىقنى كۈتۈپ تەلمۈرۈپ ئولتۇرىدۇ، چۈنكى پەرۋەردىگار تەرىپىدىن ئاپەت چۈشۈپ، يېرۇسالېمنىڭ دەرۋازىسىغا يېتىپ كەلدى.
‏13 ئەي لاكىش خەلقى، چاپقۇر ئاتلارنى جەڭ ھارۋىسىغا قوشقىن. سەن سىئون قىزىنىڭ گۇناھقا چۈشۈشىگە سەۋەب بولدۇڭ، ئىسرائىلنىڭ ئاسىيلىقى سېنىڭدىن چىققان.    ‏14 شۇڭا مورەشەت-گات بىلەن خەيرلىشىپ، خۇشلىشىش ھەدىيەلىرىنى بەرگىن. ئىسرائىل پادىشاھلىرى ئىشەنچ باغلىغان ئاكزىب ئاھالىسى ئالدامچى بولۇپ چىقىدۇ.
‏15 ئەي مارەشا خەلقى، مەن مەغلۇپ قىلغۇچىنى يەنە سېنىڭ ئۈستۈڭگە ئەۋەتىمەن. ئىسرائىلنىڭ شان-شەرىپى بولغانلار ئادۇللامغا قېچىپ كېتىدۇ. ‏16 ئامراق بالىلىرىڭ ئۈچۈن ماتەم تۇتۇپ، چېچىڭنى چۈشۈرۈۋەتكىن. ئۆزۈڭنى تاقىر باش قىلغىن، بۈركۈتتەك تاقىرلىقىڭنى كەڭەيتكىن. چۈنكى ئۇلار سەندىن ئايرىلىپ، سۈرگۈن قىلىنغان.