ناھۇم
نىنەۋە توغرىسىدىكى ۋەھىي
1
1 نىنەۋە شەھىرى توغرىسىدىكى ھۆكۈم ۋەھىيسى. ئەلقوشلۇق ناھۇمغا كەلگەن ۋەھىي خاتىرىلەنگەن كىتاب. 2 پەرۋەردىگار قىزغىنىدىغان ۋە ئىنتىقام ئالىدىغان خۇدا، دەرۋەقە پەرۋەردىگار ئىنتىقام ئالغۇچى ۋە قەھر-غەزەپ قىلغۇچى. پەرۋەردىگار ئۆزىگە قارشى تۇرغۇچىلاردىن ئىنتىقام ئالغۇچى. ئۇ دۈشمەنلىرىگە بولغان غەزىپىدىن يانمايدۇ.
3 پەرۋەردىگار ئاسان غەزەپلەنمىسىمۇ، ئۇنىڭ كۈچ-قۇدرىتى چوڭ. ئۇ گۇناھكارنى ھەرگىز جازاسىز قويمايدۇ. پەرۋەردىگارنىڭ يولى قۇيۇن ۋە بوران ئىچىدە، بۇلۇتلار بولسا ئۇنىڭ ئاياغلىرى ئاستىدىكى چاڭ-توزاڭدۇر. 4 ئۇ دېڭىزغا تەنبىھ بېرىپ ئۇنى قۇرۇق قىلىدۇ، بارلىق دەريالارنىمۇ قۇرۇتۇۋېتىدۇ. باشان ۋە كارمەل قاغجىراپ كېتىدۇ، لىۋاننىڭ گۈللىرى سولىشىپ كېتىدۇ. 5 تاغلار ئۇنىڭ ئالدىدا تىترىشىدۇ، دۆڭلۈكلەر ئېرىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ ئالدىدا يەر يۈزى كۆتۈرۈلىدۇ، دۇنيا بىلەن ئۇنىڭدا ياشاۋاتقانلارمۇ تەۋرەپ كېتىدۇ. 6 ئۇنىڭ ئاچچىقى كەلسە، كىم تىك تۇرالايدۇ؟ كىم ئۇنىڭ غەزىپىنىڭ ئوتىغا قارشى تۇرالايدۇ؟ ئۇنىڭ قەھرى ئوتتەك تۆكۈلىدۇ، قورام تاشلار ئۇنىڭ ئالدىدا يېرىلىدۇ.
7 پەرۋەردىگار مېھرىبان بولغاچقا، ئاپەتلىك كۈندە باشپاناھتۇر. ئۇ ئۆزىگە تايانغانلارنى بىلىدۇ.
8 ئۇ بىر ئېشىپ تاشقان كەلكۈن بىلەن نىنەۋەنى پۈتۈنلەي يوقىتىۋېتىدۇ، ئۇ دۈشمەنلىرىنى قاراڭغۇلۇق ئىچىگە سۈرۈپ قوغلايدۇ. 9 سىلەر پەرۋەردىگارغا قارشى قانداق تەدبىر ئېلىشنى ئويلاۋاتىسىلەر؟ ئۇ ھەممىسىنى پۈتۈنلەي يوقىتىدۇ. شۇنداقكى، يەنە بالايىئاپەت ئەۋەتىش لازىم بولمايدۇ. 10 ئۇلار چىرمىشىپ قالغان تىكەنلىكلەرگە، مەست بولۇپ قالغان ھاراقكەشلەرگە ئوخشايدۇ. ئۇلار قۇرۇق پاخالدەك پۈتۈنلەي كۆيدۈرۈلۈپ كېتىدۇ. 11 سېنىڭ ئىچىڭدىن پەرۋەردىگارغا قارشى يامان نىيەتتە بولغۇچى، شۇم مەقسەت كۆزلەيدىغان كىشى چىقتى. ■
12 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار قانچە كۈچ-قۇدرەتلىك بولسىمۇ، قانچە چوڭ قوشۇن بولسىمۇ، ئۇلار قىرىپ تاشلىنىپ يوق بولۇپ كېتىدۇ.
مەن ئىلگىرى ساڭا ئېغىرچىلىك سالغان بولساممۇ، ئەمدى ساڭا ئېغىرچىلىك سالمايمەن. ■ 13 چۈنكى ئەمدى مەن ئۇنىڭ ساڭا قويغان بويۇنتۇرۇقىنى سۇندۇرۇپ تاشلايمەن، زەنجىرلىرىڭنى ئۈزۈپ تاشلايمەن».
14 لېكىن پەرۋەردىگار سەن توغرۇلۇق مۇنداق بۇيرۇق بەرگەن: «سېنىڭ نامىڭ بىلەن ئاتىلىدىغان نەسلىڭ قالمايدۇ. مەن سېنىڭ بۇتخانىلىرىڭدىكى ئويما بۇت ھەيكەللىرى ۋە قۇيما بۇت ھەيكەللىرىنى يوقىتىۋېتىمەن. سەن پەسەندە بولغىنىڭ ئۈچۈن گۆرۈڭنى تەييارلاۋاتىمەن». ■