ھەققانىي ئادەم قالمىغان
7
1 ھالىمغا ۋاي! يازلىق مېۋىلەر يىغىلىپ بولغاندا ۋە ئۈزۈم ئۈزۈلۈپ تۈگىگەندە مېۋە ئىزدەيدىغان بىرىدەك بولۇپ قالدىم. يېگىلى ھېچ ساپاق قالمىدى، كۆڭلۈم تارتقان دەسلەپ پىشقان ئەنجۈرمۇ يوقتۇر. 2 چۈنكى سەمىمىي-سادىق قىشى دۇنيادىن يوق بولۇپ كەتتى. خەلقنىڭ ئارىسىدا دۇرۇس ئادەم قالمىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى قان تۆككىلى مۆكۈپ ياتىدۇ. ھەربىرى تور سېلىپ، ئۆز قېرىندىشىنى تۇتۇشنى قەستلەيدۇ. 3 ئۇلارنىڭ قوللىرى يامانلىق قىلىشتا ئۇستا. ئەمىر پارا سورايدۇ، ھاكىم بولسا ھەدىيە تەلەپ قىلىدۇ. چوڭلار ئۆز نەپسى بويىچە سۆزلەيدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئەمەلىيەتنى بۇرمىلايدۇ. 4 ئۇلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى تىكەنلىككە ئوخشايدۇ، ئەڭ دۇرۇسى تىكەنلىك چىتلاقتىن بەتتەردۇر. مانا، كۆزەتچىلىرىڭ جاكارلىغان كۈن، يەنى سېنىڭ جازا كۈنۈڭ يېقىنلىشىۋاتىدۇ. ئەمدى ئۇلار پەرىشان بولۇپ كېتىدۇ. 5 ھېچبىر دوستقا ئىشەنمىگىن، ئەڭ يېقىن ئاغىنەڭگە تايانمىغىن. ھەتتا قوينۇڭدا ياتقان ئايالىڭ ئالدىدا ئاغزىڭنىڭ ئىشىكىنى ئېتىپ قويغىن. 6 چۈنكى ئوغۇل ئۆز ئاتىسىنى كەمسىتىدۇ، قىز ئۆز ئانىسىغا قارشى ۋە كېلىن قېينانىسىغا قارشى چىقىدۇ. بىر كىشىگە ئۆز ئۆيىدىكىلەر دۈشمەن بولىدۇ.
نىجاتلىق بېرىدىغان خۇداغا ئۈمىد باغلاش
7 لېكىن مەن بولسام پەرۋەردىگارغا ئىنتىزار بولىمەن، ماڭا نىجاتلىق بېرىدىغان خۇداغا ئۈمىد باغلايمەن. مېنىڭ خۇدايىم ماڭا قۇلاق سالىدۇ.
8 ئەي مېنىڭ دۈشمەنلىرىم، مېنىڭ ئۈستۈمدىن خۇشال بولۇپ كەتمەڭلار. چۈنكى مەن يىقىلىپ كەتكەن بولساممۇ، يەنە قوپۇپ ئۆرە تۇرىمەن. قاراڭغۇلۇقتا ئولتۇرۇپ قالغان بولساممۇ، پەرۋەردىگار مەن ئۈچۈن نۇر بولىدۇ.
9 پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىگە چىداپ تۇرىمەن، چۈنكى ئۇنىڭ ئالدىدا گۇناھ قىلدىم. ئۇ مېنىڭ دەۋايىمنى سوراپ، مەن ئۈچۈن ئادىل ھۆكۈم چىقىرىپ، ئۆز ئادالىتىنى ماڭا كۆرسىتىش ئۈچۈن مېنى يورۇقلۇققا چىقارغۇچە ساقلاپ تۇرىمەن. 10 ماڭا: «پەرۋەردىگار خۇدايىڭ قېنى؟» دېگەن دۈشمەنلىرىم شۇنى كۆرۈپ شەرمەندە بولىدۇ. مېنىڭ كۆزلىرىم ئۇلارنىڭ كوچىلاردىكى لايدەك دەسسىلىپ كەتكىنىنى كۆرىدۇ. ■
11 سېنىڭ سېپىللىرىڭ قايتا قۇرۇلىدىغان كۈن بولىدۇ. ئۇ كۈن سېنىڭ زېمىنىڭ كېڭىيىپ كېتىدۇ. ■ 12 ئۇ كۈن ئاسسۇردىن تارتىپ مىسىرغىچە، مىسىردىن تارتىپ فىرات دەرياسىغىچە، دېڭىزدىن دېڭىزغىچە، تاغلىقتىن تاغلىققىچە بولغان يەرلەردىن ئادەملەر سېنىڭ يېنىڭغا كېلىدۇ. 13 لېكىن يەر يۈزى ئۇنىڭدا ياشايدىغانلارنىڭ سەۋەبىدىن، ئۇلارنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىنىڭ مېۋىسى تۈپەيلىدىن ۋەيران بولىدۇ.
14 سەن ھاساڭنى ئېلىپ، كارمەل ئورمانلىقىنىڭ ئوتتۇرىسىدا يالغۇز تۇرۇۋاتقان، ئۆز مىراسىڭ بولغان پادىنى، يەنى ئۆز خەلقىڭنى باققىن. ئۇلار ئىلگىرىكىدەك باشان ۋە گىلېئادتا ئوتلىسۇن. ■ 15 «سەن مىسىر زېمىنىدىن چىققان كۈنلەردىكىدەك، مەن ئەمدىمۇ ئۇلارغا ئاجايىپ ئىشلارنى كۆرسىتىمەن». 16 ئەللەر بۇنى كۆرىدۇ ۋە قانچىلىك كۈچ-قۇدرەتلىك بولسىمۇ شەرمەندىچىلىككە ئۇچراپ، قولىنى ئاغزىغا قويىدۇ، قۇلاقلىرى پاڭ بولۇپ قالىدۇ. 17 ئۇلار يىلاندەك توپا يالايدۇ، ئۆمىلىگۈچىلەردەك قورغانلىرىدىن تىترەپ چىقىدۇ. ئۇلار ۋەھىمە ئىچىدە پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ ئالدىغا كېلىدۇ ۋە ئۇلار سەندىن قورقىدۇ.
18 گۇناھنى ئەپۇ قىلىپ، ئۆز مىراسى بولغان خەلقىنىڭ قالغانلىرىنىڭ ئاسىيلىقىدىن ئۆتىدىغان، غەزىپىنى ئەبەدكىچە ساقلىمايدىغان، بەلكى مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىشنى ئەۋزەل كۆرىدىغان ساڭا ئوخشاش باشقا خۇدا بارمۇ؟ 19 ئۇ بىزگە يەنە رەھىم قىلىپ، خاتالىرىمىزنى دەسسەپ چەيلەيدۇ. دەرۋاقە، سەن ئۇلارنىڭ ھەممە گۇناھلىرىنى چوڭقۇر دېڭىزنىڭ تېگىگە تاشلايسەن. 20 سەن قەدىمكى كۈنلەردە قەسەم بىلەن ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا ۋەدە قىلغاندەك، ياقۇبقا ۋاپادارلىق قىلىسەن ۋە ئىبراھىمغا مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىسەن.