خۇدانىڭ دەۋاسى
6
‏1 پەرۋەردىگار نېمە دەۋاتقىنىنى ئاڭلاڭلار: «ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، تاغلار ئالدىدا دەۋالاشقىن، دۆڭلۈكلەر ئاۋازىڭنى ئاڭلىسۇن». ‏2 ئەي تاغلار، پەرۋەردىگارنىڭ دەۋاسىنى ئاڭلاڭلار، ئەي يەرنىڭ مۇستەھكەم ئۇللىرى، بۇنىڭغا قۇلاق سېلىڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز خەلقىگە قارشى دەۋاسى بار، ئۇ ئىسرائىل بىلەن دەۋالىشىدۇ.
‏3 «ئەي مېنىڭ خەلقىم، مەن ساڭا نېمە قىلدىم؟ نېمە قىلىپ سىلەرنى بىزار قىلدىم؟ ماڭا جاۋاب بەرگىن. ‏4 مەن سېنى مىسىر زېمىنىدىن ئېلىپ چىقىپ، قۇللۇق ئۆيىدىن قۇتۇلدۇردۇم ئەمەسمۇ؟ سىلەرگە يول باشلاشقا مۇسا، ھارۇن ۋە مەريەمنى ئەۋەتتىم ئەمەسمۇ؟ ‏5 ئەي مېنىڭ خەلقىم، ئەمدى سەن موئاب پادىشاھى بالاقنىڭ نېمە قەستلىگىنىنى، بېئورنىڭ ئوغلى بىلېئام ئۇنىڭغا نېمە جاۋاب بەرگىنىنى، شىتتىمدىن تارتىپ گىلگالغىچە نېمە بولغىنىنى يادىڭغا كەلتۈرۈپ، بۇنىڭدىن پەرۋەردىگارنىڭ ئەمەللىرىنى ئادىل ئىكەنلىكىنى بىلگىن».
‏6 مەن بولسام نېمىنى كەلتۈرۈپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا كېلەي، نېمە ئېلىپ كېلىپ ئۇلۇغ خۇداغا سەجدە قىلاي؟ كۆيدۈرمە قۇربانلىق كەلتۈرۈپ، بىر ياشلىق موزايلارنى ئېلىپ كېلىپ ئۇنىڭ ئالدىغا بارايمۇ؟ ‏7 پەرۋەردىگار مىڭلەرچە قوچقاردىن، ئون مىڭلەرچە ياغ بىلەن تولغان دەريا-ئېقىنلاردىن رازى بولامدۇ؟ ئاسىيلىقىم ئۈچۈن تۇنجىمنى، گۇناھىم ئۈچۈن ئۆز ئۇرۇق-پۇشتۇمنى قۇربانلىق قىلايمۇ؟
‏8 ئەي ئادەم، ئۇ ساڭا نېمە ياخشى ئىكەنلىكىنى ۋە پەرۋەردىگار سەندىن نېمىنى تەلەپ قىلىۋاتقىنىنى بىلدۈردى. ئۇ سەندىن ئادالەتنى ياقلاش، سەمىمىي-ساداقەتمەن بولۇش ۋە خۇدايىڭنىڭ ئالدىدا كەمتەرلىك بىلەن مېڭىشنى تەلەپ قىلىدۇ، خالاس!
 
يېرۇسالېم شەھىرى ۋە ئاھالىسىنىڭ ۋەيران بولۇشى
‏9 پەرۋەردىگار جاراڭلىق ئاۋاز بىلەن شەھەرگە سۆزلەيدۇ! — سېنىڭ نامىڭغا ئىززەت كۆرسىتىش دانالىقتۇر. — ھۆكۈم تايىقىغا ۋە ئۇنى بېكىتكۈچىگە قۇلاق سېلىڭلار:    ‏10 «يامان ئادەمنىڭ ئۆيىدە ھارامدىن تاپقان بايلىقلار يىغىلغان ئەمەسمۇ؟ كەم ئۆلچەيدىغان يىرگىنچلىك ئېفا ئۆلچىمىمۇ بار ئەمەسمۇ؟    ‏11 مەن يالغان تارازا ۋە ساختا تارازا تاشلىرى بىلەن تولغان خالتىنى ساقلىغۇچىنى ئاقلامدىمەن؟ ‏12 مانا، ئۇ يەردىكى بايلار زوراۋانلىققا تولغان. ئۇنىڭدا ياشاۋاتقانلار يالغان گەپ قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرىدىكى تىل ئالدامچىدۇر.
‏13 بۇنىڭ ئۈچۈن مەن سېنى ئۇرۇپ زەخىملەندۈرىمەن، گۇناھلىرىڭنىڭ سەۋەبىدىن سېنى ۋەيران قىلىمەن. ‏14 سەن يەيسەن، لېكىن تويمايسەن، قورسىقىڭ ئاچ تۇرۇپ قالىدۇ. سەن يوشۇرۇپ قويغىنىڭنى ساقلىيالمايسەن، ساقلىغىنىڭنى قىلىچقا تاپشۇرىمەن. ‏15 سەن تېرىيسەن، لېكىن ئورالمايسەن. زەيتۇندىن ياغ سىقىپ چىقىرىسەن، لېكىن ياغنى سۈرتۈپ ئۆزۈڭنى مايلىيالمايسەن. يېڭى شاراب سىقىپ تەييارلايسەن، لېكىن ئۆزۈڭ شاراب ئىچەلمەيسەن. ‏16 چۈنكى ئومرىنىڭ قائىدە-تۈزۈمىنى ساقلاپ تۇرۇپ، ئاخابنىڭ جەمەتىنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىگە ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ مەسلىھەتىگە كىرىپ ماڭىسىلەر. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن سېنى خارابىگە ئايلاندۇرىمەن، سەندە ياشاۋاتقانلارنى ھاقارەتكە دۇچار قىلىمەن. شۇنداق قىلىپ، سىلەر مېنىڭ خەلقىمنىڭ شەرمەندىچىلىكىنى كۆتۈرىسىلەر».