مەسىخنىڭ تۇغۇلۇشى توغرىسىدا
5
1 لېكىن سەن، ئەي بەيتلەھەم ئەفراتا، يەھۇدانىڭ جەمەتلىرىنىڭ ئارىسىدا كىچىك بولساڭمۇ، مەن ئۈچۈن ئىسرائىلدا ئەمىر بولىدىغان بىرى سەندىن چىقىدۇ. ئۇ ئەزەلدىن بار بولغان، قەدىمدىن چىقىپ تۇرغان. 2 ئەمما بالا تۇغىدىغان ئايالنىڭ تۇغۇش ۋاقتى كەلگۈچە بەنى ئىسرائىل ئۆزىگە قويۇپ بېرىلىدۇ. ئاندىن ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ قالغانلىرى بەنى ئىسرائىلغا قايتىپ كېلىدۇ. 3 ئۇ قوپۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ كۈچ-قۇدرىتى بىلەن پادىسىدىن خەۋەر ئالىدۇ، ئۇ پەرۋەردىگار خۇداسىنىڭ ئۇلۇغ نامى بىلەن ئۇلارنى باقىدۇ. ئۇلار ئامان-ئېسەن ياشايدۇ، چۈنكى ئۇ چاغدا ئۇ يەر يۈزىنىڭ چەتلىرىگىچە ئۇلۇغ دەپ بىلىنىدۇ. 4 ئۇ بىزنىڭ ئامانلىقىمىز بولىدۇ. ئەگەر ئاسسۇر زېمىنىمىزغا كېلىپ، ئوردىلىرىمىزغا كىرىۋالسا، بىز ئۇنىڭغا قارشى يەتتە پادىچى ۋە خەلقنىڭ ئارىسىدىن سەككىز سەردەرنى تاللاپ ئەۋەتىمىز. 5 ئۇلار ئاسسۇر زېمىنىنى قىلىچ بىلەن بويسۇندۇرىدۇ، نىمرود زېمىنىغا بېسىپ كىرىدۇ. ئاسسۇر چېگرىمىزدىن ئۆتۈپ زېمىنىمىزغا كىرگەندە، ئۇ ئۆزى بىزنى ئاسسۇردىن خالاس قىلىدۇ.
ياقۇب ئامان قالغانلىرى قۇتقۇزۇلىدۇ
6 ياقۇب جەمەتىنىڭ ئامان قالغانلىرى نۇرغۇن خەلقلەر ئارىسىدا ئىنسانغا ئۈمىد باغلىمايدىغان، ئادەم بالىلىرىدىن ياردەم كۈتمەيدىغان خەلق بولۇپ، پەرۋەردىگاردىن كەلگەن شەبنەمدەك، يەر ئوت-گىياھلارنىڭ ئۈستىگە چۈشكەن يامغۇردەك بولىدۇ. 7 ئۇ زامان ياقۇب جەمەتىنىڭ ئامان قالغانلىرى ئەللەر ئارىسىدا، نۇرغۇن خەلقلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئورمانلىقتىكى ھايۋانلار ئارىسىدىكى شىردەك، قوي پادىلىرى ئارىسىدا تۇرغان، ھەر ئۆتكەندە ھۇجۇم قىلىپ ئوۋنى دەسسەپ يىرتىۋەتكەن ئارسلاندەك بولىدۇ. ھېچكىم ئۇلارنى ئۇنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزالمايدۇ. 8 سېنىڭ قولۇڭ ساڭا قارشى چىققانلارنىڭ ئۈستىگە كۆتۈرۈلىدۇ. ھەممە دۈشمەنلىرىڭ يوقىتىلىدۇ. ■
9 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ كۈندە مەن سېنىڭ زېمىنىڭدىن ھەممە جەڭ ئاتلىرىڭنى يوقىتىمەن ۋە جەڭ ھارۋىلىرىڭنى بۇزۇۋېتىمەن. 10 زېمىنىڭدىكى شەھەرلەرنى يوق قىلىمەن، ھەممە قورغانلىرىڭنى بۇزۇپ تاشلايمەن. 11 پالچىلىقنى سېنىڭ قولۇڭدىن ئېلىپ يوق قىلىمەن، جادۇگەرلەر سەندە يەنە تېپىلمايدۇ. 12 مەن بۇت ھەيكەللىرىڭ ۋە بۇت تۈۋرۈكلىرىڭنى ئاراڭدىن يوقىتىمەن ۋە ئۆز قوللىرىڭ بىلەن ياسىغىنىڭغا يەنە باش ئەگمەيسەن. 13 ئايال ئىلاھ ئاشېرا بۇتلىرىڭنى يۇلۇپ تاشلاپ، ئاراڭدىن يوقىتىمەن ۋە شەھەرلىرىڭنى ۋەيران قىلىمەن. ■ 14 ماڭا قۇلاق سالمىغان ئەللەردىنمۇ قەھر-غەزەپ بىلەن ئىنتىقام ئالىمەن».