ئاخىرقى كۈنلەردىكى خۇدانىڭ پادىشاھلىقى
4
1 لېكىن ئاخىرقى كۈنلەردە پەرۋەردىگارنىڭ بەيتىنىڭ تېغى مۇستەھكەم تۇرۇپ، تاغلارنىڭ ئارىسىدا بىرىنچىسى بولۇپ، باشقا ئېگىزلىكلەردىن يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن بولىدۇ. خەلقلەر ئۇنىڭغا ئېقىپ كېلىدۇ. 2 نۇرغۇن ئەل-مىللەتلەر يىغىلىپ: «كېلىڭلار، بىز پەرۋەردىگارنىڭ تېغىغا چىقىپ، ياقۇبنىڭ خۇداسىنىڭ بەيتىگە بارايلى. بىز ئۇنىڭ يوللىرىدا ماڭالىشىمىز ئۈچۈن ئۇ ئۆز يوللىرى توغرىسىدا بىزگە تەلىم بەرسۇن» دېيىشىدۇ. چۈنكى قانۇن-تەلىم سىئوندىن ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى يېرۇسالېمدىن چىقىدۇ. 3 ئۇ كۆپ خەلقلەر ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىدۇ ۋە يىراقتىكى كۈچلۈك ئەللەرگە تەنبىھ بېرىدۇ. ئۇ چاغدا ئۇلار ئۆز قىلىچلىرىنى ساپان چىشلىرى قىلىپ، نەيزىلىرىنى پۇتاش پىچاقلىرى قىلىپ سوقىدۇ. بىر ئەل يەنە بىر ئەلگە قارشى قىلىچ كۆتۈرمەيدۇ، ئۇلار بىر-بىرى بىلەن جەڭ قىلىشنىمۇ ئۆگەنمەيدۇ. 4 ھەربىر كىشى ئۆز ئۈزۈم تېلى ۋە ئۆز ئەنجۈر دەرىخىنىڭ تۈۋىدە ئولتۇرىدۇ. ھېچكىم ئۇنى قورقۇتمايدۇ. مانا، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگار ئۆز ئاغزى بىلەن شۇنداق ئېيتقان! 5 مانا، ئەللەرنىڭ ھەربىرى ئۆز ئىلاھىنىڭ نامىدا ماڭىدۇ، لېكىن بىز ئەبەدىلئەبەدكە ئۆز پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ نامىدا ماڭىمىز. پەرۋەردىگار يېرۇسالېمنى قۇتقۇزىدۇ
6 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئۇ كۈندە توكۇرلارنى توپلايمەن، تارىلىپ كەتكەنلەرنى يىغىمەن، ئۆزۈم ئازاب-ئوقۇبەتكە سالغانلارنى جەم قىلىمەن. 7 مەن توكۇرلارغا نەسىل قالدۇرىمەن، يىراققا ھەيدىۋېتىلگەنلەرنى كۈچلۈك بىر خەلق قىلىمەن. پەرۋەردىگار سىئون تېغىدا ئۇلارغا شۇ كۈندىن تارتىپ ئەبەدكىچە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. 8 سەن، ئەي پادىنى كۆزەتكۈچى مۇنار، سىئون قىزىنىڭ دۆڭلۈكى، ئىلگىرىكى سەلتەنەت ساڭا كېلىدۇ، يەنى يېرۇسالېم قىزىنىڭ پادىشاھلىقى ئەسلىگە كېلىدۇ».
9 نېمىشقا قاتتىق چىرقىرىۋاتىسەن؟ سەندە پادىشاھ يوقمۇ؟ مەسلىھەتچىڭ ھالاك بولدىمۇ؟ بولمىسا نېمىشقا تۇغىدىغان ئايالدەك سېنى تولغاق تۇتتى؟ 10 ئەي سىئون قىزى، تۇغىدىغان ئايالدەك تولغاقتىن تۇتۇلۇپ، ئاھ ئۇرۇپ نالە قىلغىن، چۈنكى ئەمدى سەن شەھەردىن چىقىپ دالادا تۇرىسەن. سەن بابىلغىچە بارىسەن، ئەمما ئۇ يەردە نىجاتلىق تاپىسەن. ئۇ يەردە پەرۋەردىگار سېنى دۈشمەنلىرىڭنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرىدۇ.
11 ھازىر نۇرغۇن ئەللەر ساڭا قارشى توپلىنىپ: «سىئوننىڭ بۇلغىنىشىنى ئۆز كۆزلىرىمىز بىلەن كۆرەيلى» دېيىشىدۇ. 12 لېكىن ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئويلىرىنى بىلمەيدۇ، ئۇنىڭ ئۇلارنى خامانغا بۇغداي باغلاملىرىنى يىغقاندەك يىغقىنىدا نېمە مەقسەتلىرى بار ئىكەنلىكىنى ئۇقمايدۇ.
13 «ئەي سىئون قىزى، قوپۇپ خاماننى تەپكىن، چۈنكى مەن مۈڭگۈزلىرىڭنى تۆمۈردەك، تۇياقلىرىڭنى مىستەك قىلىمەن. سەن نۇرغۇن ئەللەرنى دەپسەندە قىلىپ ئېزىسەن».
ئۇلارنىڭ ئولجىلىرى پەرۋەردىگارغا، ئۇلارنىڭ خەزىنىلىرى پۈتۈن جاھاننىڭ ئىگىسىگە بېغىشلىنىدۇ.
14 ئەي قوشۇن قىزى، ئەمدى قوشۇنلىرىڭنى يىغقىن، چۈنكى بىز مۇھاسىرە قىلىندۇق. ئۇلار ئىسرائىلنىڭ ھاكىمىنىڭ ئېڭىكىگە ھاسا بىلەن ئۇرىدۇ.