ھاكىملار ۋە پەيغەمبەرلەرنى ئەيىبلەش توغرىسىدا
3
‏1 مەن مۇنداق دېدىم «ئەي ياقۇبنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ئىسرائىل جەمەتىنىڭ ئەمىرلىرى، ئاڭلاڭلار. ئادالەت نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىش سىلەرگە لازىم ئەمەسمۇ؟ ‏2 لېكىن سىلەر ياخشىلىقنى يامان كۆرىسىلەر، يامانلىقنى ياخشى كۆرىسىلەر. سىلەر ئادەملەرنىڭ تېرىلىرىنى سويۇپ، سۆڭەكلىرىدىن گۆشىنى ئاجرىتىسىلەر. ‏3 سىلەر مېنىڭ خەلقىمنىڭ گۆشىنى يەپ، تېرىلىرىنى سويۇپ ئاجرىتىپ، سۆڭەكلىرىنى سۇندۇرىسىلەر، ئۇلارنى كورا ياكى قازانغا سالىدىغان گۆشتەك پارچىلايسىلەر. ‏4 شۇنىڭ ئۈچۈن مۇنداقلار پەرۋەردىگارغا نالە قىلسا، ئۇ ئۇلارغا قۇلاق سالمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى يامان بولغاچقا، ئۇ چاغدا ئۇ يۈزىنى ئۇلاردىن يوشۇرىدۇ».
‏5 مېنىڭ خەلقىمنى ئازدۇرۇپ، بىر لوقما نان ئۇلارغا بېرىلسە: «ھەممىسى تىنچ-ئامان» دەپ جاكارلايدىغان، لېكىن بىر كىشى ئۇلارغا ئوزۇق بەرمىسە، ئۇنىڭغا قارشى ئۇرۇش ئېلان قىلىدىغان پەيغەمبەرلەرگە پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‏6 «مانا، سىلەر ۋەھىيلەر كۆرمەيدىغان بىر كېچە كېلىدۇ، پال سالغىلى بولمايدىغان قاراڭغۇلۇق سىلەرنى باسىدۇ. پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۈستىدىن كۈن ئولتۇرۇپ كېتىدۇ، كۈندۈز ئۇلار ئۈچۈن قاراڭغۇ بولىدۇ. ‏7 غايىبنى كۆرگۈچىلەر شەرمەندە بولىدۇ، پالچىلار خىجالەت تارتىدۇ. خۇدادىن جاۋاب ئالمىغاچقا ئۇلار كالپۇكلىرىنى توساپ يۈرىدۇ».
‏8 مەن بولسام ياقۇبقا ئۆز ئاسىيلىقى ۋە ئىسرائىلغا ئۆز گۇناھىنى كۆرسىتىپ ئاشكارىلاش ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ روھىدىن كەلگەن كۈچ-قۇۋۋەتكە، ئادالەت ۋە جۈرئەتكە تولۇپ كەتتىم.
 
‏9 ئەي ياقۇب جەمەتىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ئىسرائىل جەمەتىنىڭ ئەمىرلىرى، بۇنى ئاڭلاڭلار. سىلەر ئادالەتنى يامان كۆرۈپ، ھەقىقەتنى بۇرمىلايسىلەر. ‏10 سىلەر سىئوننى قان بىلەن بىنا قىلىسىلەر، يېرۇسالېمنى زۇلۇم بىلەن قۇرىسىلەر. ‏11 ئۇنىڭ رەھبەرلىرى پارا ئېلىپ ھۆكۈم چىقىرىدۇ، كاھىنلىرى ئىش ھەققى ئۈچۈن تەلىم بېرىدۇ، پەيغەمبەرلىرى بولسا پۇل ئېلىپ پال ئاچىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇلار تېخى پەرۋەردىگارغا تايىنىۋاتقاندەك: «پەرۋەردىگار ئارىمىزدا ئەمەسمۇ؟ بېشىمىزغا ھېچ بالا كەلمەيدۇ» دەيدۇ. ‏12 شۇنىڭ ئۈچۈن سىئون سىلەرنىڭ سەۋەبىڭلاردىن ئېتىزدەك ئاغدۇرۇلىدۇ، يېرۇسالېم خارابىلىككە ئايلاندۇرۇلىدۇ، بەيتنىڭ تېغى چاتقاللىق بېسىپ كەتكەن دۆڭدەك بولۇپ قالىدۇ.