ئادەملەرنىڭ يامان ئويلىرى - خۇدانىڭ ياخشى نىيەتلىرى
2
‏1 بۇزۇقچىلىق قىلىشنى ئويلىغۇچىلارنىڭ ھالىغا، ئورۇنلىرىدا ياتقاندا يامانلىق قىلىشنى خىيال قىلغۇچىلارنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇلارنىڭ قولىدىن كەلگەچكە، ئۇلار ئەتىسى تاڭ ئاتقاندا قوپۇپ، ئويلىغىنىنى قىلىدۇ. ‏2 ئۇلار ئېتىزلارنى تەمە قىلىپ، زوراۋانلىق بىلەن ئىگىلەيدۇ، ئۆيلەرنىمۇ ئۆزىگە تارتىۋالىدۇ. ئۇلار ئىنسان ۋە ئۇنىڭ ئۆيىگە زۇلۇم قىلىدۇ، ئادەم ۋە ئۇنىڭ مىراس يېرىنى بېسىۋالىدۇ.
‏3 شۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مانا، مەن بۇ نەسىل ئۈستىگە بالايىئاپەت چۈشۈرمەكچىمەن. سىلەر شۇ بالايىئاپەتتىن ئۆز گەدىنىڭلارنى تارتىۋالالمايسىلەر. ئۇ ۋاقىت يامان ۋاقىت بولغاچقا، ئەمدىكىدەك يوغانچىلىق قىلىپ يۈرەلمەيسىلەر. ‏4 شۇ كۈنى ئادەملەر سىلەر توغرۇلۇق بىر مەسخىرىلىك ناخشىنى چىقىرىپ، مەرسىيە ئوقۇغاندەك غەمكىن ئاۋازدا: ‹بىز ھالاك بولۇپ پۈتۈنلەي تۈگەپ كەتتۇق. خەلقىمىزنىڭ نېسىۋىسى باشقىلارغا بۆلۈنۈپ بېرىلدى. ئۇ بىزدىن قانداق تارتىۋېلىندى!؟ ئۇ ئېتىزلىرىمىزنى ئاسىيلارغا تەقسىم قىلىپ بەردى› دېيىشىدۇ. ‏5 شۇڭا پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتىدە چەك ۋە ئۆلچەش تانىسىنى تاشلايدىغان كىشى ئاراڭلاردا قالمايدۇ.
‏6 ئۇلار: ‹بېشارەت بېرىۋەرمەڭلار!› دەپ ئۆزلىرى بېشارەت بېرىۋېرىدۇ. ‹ھېچكىم مۇنداق نەرسىلەر توغرىسىدا بېشارەت بەرمىسۇن. ھاقارەتنىڭ چېكى يوقمۇ؟› دەيدۇ.   
‏7 ئەي ياقۇب جەمەتى، بۇ نېمە گەپ؟ پەرۋەردىگار تېز غەزەپلىنەمدۇ؟ ئۇنىڭ ئەمەللىرى شۇنداق كۆرسىتەمدۇ؟ مېنىڭ سۆزلىرىم دۇرۇس ماڭغانلارغا ياخشىلىق كەلتۈرمەمدۇ؟ ‏8 لېكىن ھېلى مېنىڭ خەلقىم بىر دۈشمەندەك قوپتى. سىلەر ئۇرۇش خالىماي تىنچ ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلارنىڭ تونى ۋە يېپىنچىسىنى سالدۇرۇۋالىسىلەر. ‏9 سىلەر خەلقىمنىڭ ئاياللىرىنى ئامراق ئۆيىدىن قوغلىۋېتىسىلەر ۋە ئۇلارنىڭ بالىلىرىنى مېنىڭ شان-شەرىپىمدىن مەڭگۈگە مەھرۇم قىلىسىلەر. ‏10 بۇ يەر سىلەرگە ئەمدى ئارامگاھ بولمىغاچقا، قوپۇپ كېتىڭلار. چۈنكى زېمىن بۇلغىنىپ كەتكىنى ئۈچۈن ئۇ سىلەرگە ھالاكەت كەلتۈرىدۇ، ئېغىر ۋەيرانچىلىق ئېلىپ كېلىدۇ. ‏11 ئەگەر بىر پوچى يالغان ئېيتىپ لاپ ئۇرۇپ: ‹مەن شاراب ۋە ھاراق توغرىسىدا بېشارەت بېرىۋېرىمەن› دېسە، ئۇ ئەلۋەتتە شۇ خەلققە بېشارەت بەرگۈچى بولۇپ قالىدۇ».   
 
‏12 «ئەي ياقۇب، مەن چوقۇم سېنىڭ ھەممە خەلقىڭنى جەم قىلىمەن، ئىسرائىل خەلقىنىڭ قالغانلىرىنى يىغىمەن. مەن ئۇلارنى قوتاندىكى قويلار ۋە يايلاقتىكى پادىلاردەك بىر جايغا يىغىمەن. ئۇ چاغدا خەلقنىڭ كۆپلۈكىدىن چۇرقىراشنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىدۇ. ‏13 بىر تامنى ‹بۆسۈپ ئۆتكۈچى› ئۇلارنىڭ ئالدىدا ماڭىدۇ. ئۇلار تامنى بۆسۈپ، دەرۋازىدىن ئۆتۈپ چىقىدۇ. ئۇلارنىڭ پادىشاھى ئۇلارنىڭ ئالدىدا ماڭىدۇ، پەرۋەردىگار ئۇلارنى باشلايدۇ».