ھاباقۇق
ھاباقۇقنىڭ خۇداغا ئېيتقان نالىسى
1
1 ھاباقۇق پەيغەمبەر كۆرگەن ھۆكۈم ۋەھىيسى. 2 ئەي پەرۋەردىگار، قاچانغىچە سەن مېنىڭ پەريادىمنى ئاڭلىمايسەن؟ «زۇلۇم-زوراۋانلىق!» دەپ ساڭا نالە قىلىپ تۇرىمەن، بىراق سەن قۇتقۇزمايسەن. 3 نېمىشقا سەن مېنى شۇنچە ئادالەتسىزلىك كۆرۈشكە مەجبۇر قىلىسەن؟ نېمىشقا شۇنچە ئىنساپسىزلىققا پەرۋاسىز قاراپ تۇرىسەن؟ چۈنكى ۋەيرانچىلىق ۋە زوراۋانلىق كۆز ئالدىمدا، تالاش-تارتىش ۋە ئۇرۇش-جېدەل چىقىپ تۇرىدۇ. 4 شۇڭا تەۋرات قانۇنى كۈچىنى يوقاتقان ۋە ئادالەت ھېچ ئوتتۇرىغا چىقمايدۇ، چۈنكى يامانلار ھەققانىيلارنى قىستاققا ئالىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئادالەت بۇرمىلىنىدۇ. ■
خۇدانىڭ جاۋابى
5 «ئەللەر ئارىسىدا بولغانلىقىنى كۆرۈپ بېقىڭلار، كۆرگىنىڭلاردىن ھەيران قېلىپ ئالاقزادە بولىسىلەر! چۈنكى سىلەرنىڭ كۈنلىرىڭلاردا مەن شۇنداق بىر ئىش قىلىمەنكى، ئەگەر بۇ ئىش توغرىسىدا خەۋەر بېرىلسىمۇ، ئىشەنمەيسىلەر. 6 مانا، مەن ئۆزىنىڭكى بولمىغان جايلارنى ئىگىلەش ئۈچۈن يەرنىڭ چەتلىرىگىچە بارىدىغان رەھىمسىز ۋە زومىگەر كالدىيلارنى مەيدانغا چىقىرىمەن. 7 ئۇلار قورقۇنچلۇق ۋە دەھشەتلىكتۇر. ئۇلار ئۆزلىرىنى خەممىدىن ئۈستۈن تۇتۇپ، خالىغانچە ھۆكۈم قىلىدۇ. 8 ئۇلارنىڭ ئاتلىرى يىلپىزدىنمۇ چاققان، ئاخشامدا ئوۋغا چىقىدىغان بۆرىلەردىن ئەشەددىي. ئۇلارنىڭ ئاتلىقلىرى يىراقتىن چېپىپ كېلىپ، ئوۋغا ئېتىلغان بۈركۈتتەك ئۇچۇپ چۈشىدۇ. 9 ئۇلارنىڭ ھەممىسى زوراۋانلىق قىلىش ئۈچۈن كېلىدۇ، ئالدىغا ئۇدۇل بېسىپ كېلىدۇ. ئۇلار قۇمدەك كۆپ كىشىلەرنى ئەسىر ئالىدۇ. 10 ئۇلار پادىشاھلارنى زاڭلىق قىلىدۇ، ئەمىرلەرنى مەسخىرە قىلىدۇ ۋە ھەممە قورغانلار ئۈستىدىن كۈلىدۇ. چۈنكى ئۇلار توپا دۆۋىلەپ قويۇپ ئۇلارنى ئىگىلىۋالىدۇ. 11 ئۇلار ئۆز كۈچىنى ئىلاھ دەپ ساناپ، گۇناھىنى ئاشۇرۇپ تۇرۇپ، بوراندەك ئۆتۈپ كېتىدۇ».
ھاباقۇقنىڭ ئىككىنچى نالىسى
12 ئەي پەرۋەردىگار، مۇقەددەس خۇدايىم، سەن ئەزەلدىن تارتىپ بار بولغۇچى ئەمەسمۇ؟ بىز يوقالمايمىز! ئەي پەرۋەردىگار، سەن ئۇلارنى ھۆكۈم قىلىش ۋاسىتىسى قىلىپ بېكىتتىڭ. ئەي قورام تاش بولغۇچى، سەن ئۇلارنى جازالاشقا تەيىنلىدىڭ. 13 سېنىڭ كۆزلىرىڭنىڭ پاكلىقى ئۈچۈن يامانلىققا چىداپ تۇرالمايسەن، زۇلۇمغىمۇ قارىيالمايسەن. ئۇنداق بولسا، بۇ خىيلىگەرلەرگە قانداقمۇ قاراپ تۇرالايسەن؟ يامان كىشى ئۆزىدىن ياخشى بولغان كىشىنى يۇتۇپ كەتسە، قانداقمۇ شۈك تۇرالايسەن؟ 14 بۇ تەرىقىدە سەن ئادەملەرنى دېڭىزدىكى بېلىقلاردەك، پادىشاھى بولمىغان قۇرت-قوڭغۇزدەك قىلىپ قويىسەن.
15 بۇ كالدىيلار ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى قارماققا ئىلىندۇرىدۇ، ئۆز تورى بىلەن ئۇلارنى تۇتۇۋېلىپ، تور خالتىسىغا سېلىپ يىغىدۇ، شۇنىڭ بىلەن خۇشال بولۇپ شادلىنىدۇ. 16 شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئۆز تورىغا قۇربانلىق سۇنىدۇ، تور خالتىسىنىڭ ئالدىدا خۇشبۇي ئىسرىق كۆيدۈرىدۇ. چۈنكى بۇ ئەسۋابلار ئارقىلىق ئۇلارنىڭ نېسىۋىسى كۆپەيىدۇ، تائاملىرى ياغلىق بولىدۇ. 17 ئەمدى ئۇلار توختىماي تورىنى تولدۇرۇپ بوشىتامدۇ؟ خەلقلەرنى رەھىم قىلماي قىرغىن قىلىشتىن توختىمامدۇ؟