نىنىۋەنىڭ ۋەيران بولۇشىنىڭ سەۋەبلىرى
3
1 ھالىڭغا ۋاي، ئەي يالغان ۋە زۇلۇمغا تولغان، توختىماي بۇلاپ-تالاپ يۈرىدىغان قانلىق شەھەر! 2 مانا، قامچىلارنىڭ ئاۋازى، چاقلارنىڭ غۇچۇرلىشى، ئاتلارنىڭ سەكرىشى ۋە جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ تاراق-تۇرۇق قىلىپ مېڭىشى ئاڭلىنىۋاتىدۇ. 3 مانا، ئاتلىقلار ھۇجۇم قىلىدۇ، قىلىچلار پارقىرايدۇ، نەيزىلەر يالتىرايدۇ. ئۆلتۈرۈلگەنلەر ناھايىتى كۆپ بولىدۇ، ئۆلۈكلەر دۆۋىلەپ توپلىنىدۇ، ئۇلار سانى يوق جەسەتلەرگە پۇتلىشىپ يىقىلىدۇ. 4 ئۇ ئۆز پاھىشىلىكى بىلەن ئەللەرنى، ئۆز جادۇگەرلىكى بىلەن قەبىلىلەرنى قۇللۇققا ساتقۇچى بولغىنى ئۈچۈن ۋە شۇ جادۇگەرلىككە ماھىر بولغان چىرايلىق مەھلىيا قىلغۇچى پاھىشىنىڭ نۇرغۇن بۇزۇقچىلىقلىرى سەۋەبىدىن، 5 ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مانا، مەن ساڭا قارشى تۇرۇپ، كۆڭلىكىڭنىڭ ئېتىكىنى يۈزۈڭگىچە كۆتۈرۈپ، ئەللەرگە يالىڭاچلىقىڭنى ئاشكارىلايمەن، پادىشاھلىقلارغا شەرمەندىلىكىڭنى كۆرسىتىمەن. 6 ئۈستۈڭگە نىجاسەت تاشلايمەن. سېنى رەسۋا قىلىپ، بىر ئىبرەت جايى قىلىمەن. 7 شۇنداقكى، ھەركىم سېنى كۆرسە، سەندىن قېچىپ: ‹ۋاي ۋاي، نىنەۋە خاراب بولدى! كىم ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىدۇ؟ مەن ساڭا تەسەللى بەرگۈچىلەرنى قەيەردىن تاپاي؟› دەيدۇ».
8 سەن دەريالارنىڭ ئارىسىدا جايلاشقان، چۆرىسىدە سۇلار بولغان، نىل دەرياسى ئۇنىڭ قورغىنى، دېڭىز ئۇنىڭ سېپىلى بولغان نو-ئامون شەھىرىدىن ئەۋزەلمۇسەن؟ 9 كۇش ۋە مىسىر ئۇنىڭ تۈگىمەس كۈچ-قۇدرىتى ئىدى، پۇتىيلار ۋە لىۋىيەلەر ئۇنىڭ ياردەمچىلىرى ئىدى. 10 شۇنداق بولسىمۇ، ئۇ ئەسىر قىلىنىپ ئېلىپ كېتىلدى. ئۇنىڭ بوۋاقلىرى ھەر كوچا بېشىدا ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلدى، ئۇنىڭ ئېسىلزادىلىرى ئۈستىگە چەك تاشلاندى ۋە ئۇنىڭ ھەممە چوڭلىرى زەنجىر بىلەن باغلاندى.
11 سەنمۇ مەست ئادەمدەك بولۇپ مۆكۈنۈۋالىسەن. دۈشمەن تۈپەيلى پاناھ ئىزدەپ يۈرىسەن. 12 سېنىڭ ھەممە قورغانلىرىڭ تۈنجى مېۋىسى پىشقان ئەنجۈر دەرىخىدەكتۇر. بىر سىلكىگەندە ئەنجىرلىرى يېگۈچىنىڭ ئاغزىغا چۈشىدۇ. 13 مانا، سېنىڭ ئىچىڭدىكى ئەر كىشىلەر ئايال كىشىدەك بولۇپ قالىدۇ، زېمىنىڭنىڭ دەرۋازىلىرى دۈشمەنلىرىڭگە ئېچىلىدۇ، ئوت تاقاقلىرىڭنى يەپ كېتىدۇ.
14 سەن قورشاۋغا چۈشىدىغان ۋاقتىڭ ئۈچۈن سۇ توشتۇرۇۋالغىن، قورغانلىرىڭنى مۇستەھكەملىگىن. سېغىز دەسسەپ لاي ئېتىپ، خىش قېلىپىنى قولۇڭغا ئالغىن. 15 شۇنداق قىلساڭمۇ، شۇ يەردە ئوت سېنى يەپ كېتىدۇ، قىلىچ سېنى چېپىپ تاشلايدۇ. سەن چېكەتكە لىچىنكىلىرىدەك كۆپەيسەڭمۇ، چېكەتكىلەردەك كۆپ بولساڭمۇ، چېكەتكە لىچىنكىلىرى تەرىپىدىن يەپ كېتىلگەندەك بولىسەن. 16 سەن سودىگەرلىرىڭنى ئاسماننىڭ يۇلتۇزلىرىدىن زىيادە قىلغان بولساڭمۇ، ئۇلار چېكەتكە لىچىنكىلىرىدەك قانات چىقىرىپ ئۇچۇپ كېتىدۇ. 17 سېنىڭ ئەمەلدارلىرىڭ چېكەتكىلەردەكتۇر، سەردارلىرىڭ سوغۇق كۈندە تامغا قونۇپ ئولتۇرۇشۇپ، كۈن چىققاندا ئۇچۇپ كېتىشىپ ئىز-دېرەك قالدۇرمايدىغان چېكەتكىلەرنىڭ قوشۇنىدەكتۇر. 18 ئەي ئاسسۇرنىڭ پادىشاھى، پادىچىلىرىڭ مۈگدەپ ياتىدۇ، رەھبەرلىرىڭ ئۇخلاپ قالغان. سېنىڭ خەلقىڭ تاغلاردا تارقىلىپ كەتتى ۋە ئۇلارنى يىغىدىغان كىشى يوق.
19 سېنىڭ جاراھىتىڭ داۋاسىز، سېنىڭ ياراڭ ساقايماس. سېنىڭ توختاۋسىز يامانلىقىڭ بېشىغا كەلمىگەن ھېچ كىشى بولمىغاچقا، سېنىڭ توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئاڭلىغانلارنىڭ ھەممىسى چاۋاك چالىدۇ. چۈنكى سېنىڭ تۈگىمەس زۇلۇمۇڭدىن كىم خالاس بولالىدى؟