نىنەۋەنىڭ ۋەيران قىلىنىشى
2
1 مانا، تاغلار ئۈستىدە ئامانلىقنى جاكارلاپ خۇش خەۋەر ئېلىپ كەلگۈچىنىڭ ئاياغلىرىنى كۆرگىن! ئەي يەھۇدا، ھېيتلىرىڭنى ئۆتكۈزگىن، بەرگەن ۋەدىلىرىڭنى ئادا قىلغىن، چۈنكى شۇ ۋەيران قىلغۇچى پۈتۈنلەي ھالاك بولۇپ كەتكەچكە، يەنە زېمىنىڭدىن ئۆتمەيدۇ. 2 مانا، پاراكەندە قىلغۇچى ساڭا قارشى چىقتى. قورغاننى قوغدىغىن، يولنى كۆزىتىپ تۇرغىن، بېلىڭنى چىڭ باغلىغىن، كۈچۈڭنى يىغىپ مۇستەھكەم بولغىن. 3 چۈنكى بۇلاڭچىلار ئۇنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ، ئۇنىڭ ئۈزۈم تاللىرىنى ۋەيران قىلغان بولسىمۇ، پەرۋەردىگار يەنە ياقۇبنىڭ شان-شەرىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ، دەرھەقىكەت ئىسرائىلنىڭ شان-شەرىپىنى قايتا تىكلەيدۇ. 4 ئۇنىڭ پالۋانلىرىنىڭ قالقانلىرى قىزىل بويالغان، ئۇنىڭ باتۇر ئادەملىرى توق قىزىل كىيىم كىيگەن. تەييارلىق كۈنىدە جەڭ ھارۋىلىرى ئوتتەك پارقىرايدۇ، نەيزىلەر ئوينىتىلىدۇ.
5 جەڭ ھارۋىلىرى كوچىلاردا چېپىپ ئالغا باسىدۇ، كەڭ يوللاردا بىر-بىرىدىن ئۇچۇپ ئۆتىدۇ. ئۇلار مەشئەللەردەك كۆرۈنىدۇ، چاقماقلاردەك ماڭىدۇ. 6 سەردار پالۋانلىرىنى قوزغايدۇ. ئۇلار ئالدىراپ بارغىنىدا يىقىلىپ قوپۇپ، شەھەرنىڭ سېپىلىغا قاراپ يۈگۈرىدۇ. ئۇ يەردە مۇھاسىرە قالقىنى تەييارلاپ قويۇلغان.
7 دەريالارنىڭ دەرۋازىلىرى ئېچىلىدۇ. ئوردا سۇدا ئېرىپ كېتىدۇ. 8 مۇنداق بېكىتىلگەن: ئۇ يالىڭاچ قىلىنىپ ئېلىپ كېتىلىدۇ. ئۇنىڭ دېدەكلىرى مەيدىلىرىگە ئۇرۇپ كەپتەردەك بۇقۇلدايدۇ. ■
9 نىنەۋە ئىلگىرىدىن بېرى سۇغا تولغان كۆلدەك بولغان بولسىمۇ، ئەمدى ئۇنىڭ ئاھالىسى قېچىپ كېتىدۇ. بىركىم «ئەي، توختاڭلار، توختاڭلار» دېسىمۇ، ھېچكىم بۇرۇلۇپ قايتمايدۇ. 10 ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى بۇلىۋېلىڭلار! چۈنكى ھەشەمەتلىك خەزىنىنىڭ قىممەتلىك بۇيۇملىرىنىڭ سانى يوق. 11 ئەمدى ئۇ قۇرۇقدالغان، ۋەيران قىلىنغان، خارابە بولۇپ كەتكەن. يۈرەك ئېرىپ كېتىدۇ، تىزلار سۇسلىشىپ قالىدۇ، ھەربىرىنىڭ بېلى تولغاقتا بولغاندەك ئاغرىيدۇ، ھەممەيلەننىڭ يۈزلىرى تاتىرىپ كېتىدۇ.
12 شىرلارنىڭ ئۇۋىسى قېنى؟ ياش شىرلار ئوۋ يەيدىغان جاي، ئەركەك شىر، چىشى شىر بىلەن شىر بالىلىرى ھېچكىمدىن قورقماي يۈرگەن جاي ئەمدى قېنى؟
13 ئۆز بالىلىرى ئۈچۈن ئوۋنى تۇتۇپ يىرتقان، چىشى شىرلىرى ئۈچۈن ئوۋنى بوغقان شىر ئەمدى قېنى؟ ئۆز ئۇۋىلىرىدا ئوۋنى دۆۋىلەپ قويغان، غارلىرىنى يىرتىپ ئۆلتۈرۈلگەن مال بىلەن تولدۇرغان شىر ئەمدى قېنى؟
14 «مانا، مەن ساڭا قارشى تۇرۇپ، جەڭ ھارۋىلىرىڭنى كۆيدۈرۈۋېتىپ تۈتۈن قىلىۋېتىمەن، ئارسلانلىرىڭنى قىلىچتىن ئۆتكۈزىمەن، ئوۋلىرىڭنى يەر يۈزىدىن يوقىتىۋېتىمەن. ئەلچىلىرىڭنىڭ ئاۋازى يەنە ئاڭلانمايدۇ» دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگار.