زەفانيا
1
‏1 يەھۇدا پادىشاھى ئاموننىڭ ئوغلى يوشىيانىڭ كۈنلىرىدە زەفانياغا پەرۋەردىگاردىن كەلگەن سۆز. زەفانيا خىزقىيانىڭ چەۋرىسى، ئاماريانىڭ ئەۋرىسى، گېداليانىڭ نەۋرىسى، كۇشىنىڭ ئوغلى ئىدى.
 
خۇدا دۇنيانى ھۆكۈم قىلىدۇ
‏2 «مانا، مەن يەر يۈزىدىن ھەممە نەرسىنى يوق قىلىۋېتىمەن» دەيدۇ پەرۋەردىگار. ‏3 «ئىنسانلار ۋە ھايۋانلارنى، ئاسماندىكى قۇشلار ۋە دېڭىزدىكى بېلىقلارنى ھالاك قىلىمەن، پۇتلىشىدىغان تاشلارنى يامانلار بىلەن بىللە يوقىتىۋېتىمەن. ئىنسانلارنى يەر يۈزىدىن يوق قىلىۋېتىمەن» دەيدۇ پەرۋەردىگار. ‏4 «مەن يەھۇداغا ۋە يېرۇسالېمدىكى ھەممە خەلققە قارشى قولۇمنى كۆتۈرىمەن. بائالنىڭ خاتىرىسىنى ۋە بۇتپەرەس روھانىيلارنىڭ نامىنى ۋاپاسىز كاھىنلار بىلەن بىللە بۇ جايدىن چىقىرىۋېتىمەن.    ‏5 ئۆگزىلەرگە چىقىپ ئاسمان جىسىملىرىغا باش ئەگكۈچىلەرنى ۋە پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلغىلى ئەھدە تۈزۈپ تۇرۇپ، مىلكوم بۇتىنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلغۇچىلارنى يوقىتىمەن. ‏6 پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈگەنلەرنى، پەرۋەردىگارنى ئىزدىمىگەن ۋە ئۇنىڭدىن مەسلىھەت سورىمىغانلارنىمۇ قويماي ھالاك قىلىمەن».
پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى يېقىنلىشىپ قالدى.
‏7 رەب پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا جىمجىتلىق بولسۇن، چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى يېقىنلىشىپ قالدى. مانا، پەرۋەردىگار بىر قۇربانلىق تەييارلىدى ۋە مېھمانلىرىنى تاللىدى.
‏8 «پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانلىق كۈنىدە مەن ئەمىرلەر ۋە شاھزادىلەرنى، شۇنداقلا يات خەلقلەرنىڭ كىيىملىرىنى كىيىۋالغانلارنىڭ ھەممىسىنى جازالايمەن. ‏9 ئۇ كۈنى مەن بوسۇغىدىن سەكرەپ كىرىپ، ئۆز خوجايىنلىرىنىڭ ئۆيلىرىنى زۇلۇم ۋە ھىيلە بىلەن تولدۇرغانلارنى جازالايمەن.
‏10 ئۇ كۈنى بېلىق دەرۋازىسىدىن يىغا-زار ئاۋازى چىقىدۇ، يېڭى شەھەردىن ھۆركىرەش ۋە ئېگىزلىكلەردىن چوڭ تاراش-تۇرۇش ئاۋازلار ئاڭلىنىدۇ» دەيدۇ پەرۋەردىگار. ‏11 «ئەي ئويمانلىق مەھەللىسىدە تۇرۇۋاتقانلار پەرياد قىلىڭلار، چۈنكى ھەممە سودىگەرلەر ھالاك بولىدۇ ۋە پۇل تارتىپ يۈرگەنلەر يوقىتىلىدۇ. ‏12 ئۇ چاغدا مەن يېرۇسالېمنى چىراغلار بىلەن ئاختۇرۇپ چىقىمەن. ئۆز دۇرى ئۈستىدە قۇيۇقلىشىپ قالغان شارابتەك بولۇپ، كۆڭلىدە: ‹پەرۋەردىگار ياخشىلىقنىمۇ، يامانلىقنىمۇ قىلمايدۇ› دېگەنلەرنى جازالايمەن.    ‏13 ئۇلارنىڭ مال-دۇنيالىرى تالان-تاراجغا كېتىدۇ، ئۆيلىرىنى خارابىلىككە ئايلىنىدۇ. ئۇلار ئۆي سالغىنى بىلەن ئۇلاردا ئولتۇرالمايدۇ، ئۈزۈمزارلىقلارنى بەرپا قىلغىنى بىلەن، ئۇنىڭ شارابىنى ئىچەلمەيدۇ.
‏14 پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلۇغ كۈنى يېقىندۇر. ئۇ يېقىنلىشىۋاتىدۇ، تېزلىك بىلەن يېتىپ كېلىدۇ. مانا، پەرۋەردىگارنىڭ كۈنىنىڭ ساداسىنى ئاڭلاڭلار! ئۇ چاغدا پالۋانلارمۇ ۋارقىراپ قاتتىق پەرياد قىلىدۇ. ‏15 ئۇ كۈن قەھر-غەزەپ كۈنى بولىدۇ، دەھشەت ۋە دەرد-ئەلەمگە تولغان كۈن، ۋەيرانچىلىق ۋە ھالاكەتكە ئۇچرايدىغان كۈن، زۈلمەتلىك ۋە سۈرلۈك كۈن، قويۇق تۇمان ۋە قارا بۇلۇتلار بىلەن قاپلانغان كۈن بولىدۇ. ‏16 ئۇ كۈن مۇستەھكەم شەھەرلەر ۋە ئېگىز مۇنارلارغا قارشى بۇرغا چېلىنىدىغان ۋە چۇقان كۆتۈرۈلىدىغان كۈن بولىدۇ.   
‏17 ئۇ ۋاقىتتا مەن ئادەملەرنى شۇنداق ئازابقا سالىمەنكى، ئۇلار كۆزى كوردەك يۈرىدۇ. ئۇلار پەرۋەردىگارغا قارشى گۇناھ قىلغىنى ئۈچۈن قانلىرى يۇندىدەك تۆكۈلىدۇ، ئۇلارنىڭ بەدەنلىرى قىغدەك تاشلىنىدۇ. ‏18 پەرۋەردىگارنىڭ غەزەپ كۈنىدە ئالتۇن-كۈمۈش ئۇلارنى قۇتقۇزالمايدۇ، بەلكى پۈتۈن يەر-يۈزى ئۇنىڭ ئوتلۇق غەيرىتىنىڭ ئوتىدىن كۆيۈپ كېتىدۇ. چۈنكى ئۇ يەر يۈزىدە ياشايدىغانلارنىڭ ھەممىسى ئۈستىگە دەھشەتلىك ھالەكەت چۈشۈرۈپ، ئۇلارنى يوقىتىدۇ».