ھاباقۇقنىڭ دۇئاسى
3
‏1 ھاباقۇق پەيغەمبەرنىڭ «شىگيونوت» دېگەن ئاھاڭدا ئېيتىلغان دۇئاسى:
 
‏2 ئەي پەرۋەردىگار، مەن خەۋىرىڭنى ئاڭلاپ، ئەيمىنىپ قالدىم.
ئەي پەرۋەردىگار، بۇ يىللاردا ئۆز ئىشلىرىڭنى قايتىدىن كۆرسەتكىن،
بىزنىڭ زامانىمىزدا ئۇلارنى ئاشكارىلىغىن.
لېكىن غەزىپىڭ كەلگەندە
رەھىمدىللىقىڭنى ئېسىڭدىن چىقارمىغىن.   
‏3 خۇدا تېماندىن كېلىپ،
مۇقەددەس بولغۇچى پاران تېغىدىن كېلىپ ئاشكارا بولدى. سېلاھ.
ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقى ئاسمانلارنى قاپلىدى،
يەر يۈزى ئۇنىڭ شان-شەرىپى بىلەن تولدى.   
‏4 كۈننىڭ نۇرىدەك پارلاقلىق پەيدا بولدى.
ئۇنىڭ قولىدىن نۇر چېچىلدى.
ئۇنىڭ قۇدرىتى بۇنىڭ ئىچىدە يوشۇرۇنۇپ تۇردى.
‏5 ۋابا ئۇنىڭ ئالدىدا ماڭدى،
تەپنىڭ ئوتى ئۇنىڭ پۇتلىرىدىن چىقتى.
‏6 ئۇ قوپقاندا يەر يۈزى تەۋرىنىپ كەتتى.
ئۇ نەزەر سالغاندا، خەلقلەر پاراكەندە بولدى،
قەدىمىي تاغلار پارە-پارە قىلىندى
ۋە ئەزەلدىن بار بولغان ئېگىزلىكلەر چۈشۈپ كەتتى.
ئۇنىڭ يوللىرى ئەبەدىيدۇر.
‏7 كۇشاننىڭ چېدىرلىرىنىڭ بالا-قازاغا ئۇچرىغىنىنى،
مىدىيان زېمىنىدىكى چېدىر يوپۇقلىرىنىڭ سىلكىنىپ كەتكىنىنى كۆردۈم.
‏8 ئەي پەرۋەردىگار، دەريالارغا غەزەپلەندىڭمۇ؟
ئېقىنلارغا ئاچچىقىڭ كەلدىمۇ؟
قەھرىڭ دېڭىزغا قارشى قوزغالدىمۇ؟
شۇڭا ئاتلىرىڭغا،
غەلىبىلىك جەڭ ھارۋىلىرىڭغا مىندىڭمۇ؟
‏9 سېنىڭ ئوقيايىڭ سۇغۇرۇلدى،
قەسەم بىلەن قىلغان سۆزۈڭنىڭ ئوقلىرى چىقىرىلدى. سېلاھ.
سەن يەر يۈزىنى ئېقىنلار بىلەن يېرىۋەتتىڭ.
‏10 تاغلار سېنى كۆرگەندە تىترەپ كەتتى.
سۇلار كەلكۈن بولۇپ ئېقىپ كەتتى.
چوڭقۇر دېڭىز ئاۋازىنى چىقىرىپ، قوللىرىنى يۇقىرىغا كۆتۈردى.
‏11 سېنىڭ ئۇچۇۋاتقان ئوقلىرىڭنىڭ چاقنىشىدا
ۋە سېنىڭ پارقىراۋاتقان نەيزەڭنىڭ چېقىشىدا
كۈن بىلەن ئاي ئۆز ماكانىدا توختاپ قالدى.
‏12 سەن قەھرىڭدە يەر يۈزىنى كېزىپ ئۆتتۈڭ،
غەزىپىڭدە ئەللەرنى دەپسەندە قىلىۋەتتىڭ.
‏13 سەن ئۆز خەلقىڭنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن،
تاللاپ مەسىھلىگىنىڭنىڭ نىجاتلىقى ئۈچۈن چىقتىڭ.
سەن يامان كىشىنىڭ ئۆيىنىڭ ئۆگزىسىنى يىقىتىۋېتىپ،
ئۇلىنى تامامەن ئېچىپ چىقىرىۋەتتىڭ. سېلاھ.
 
‏14 سەن ئۆز نەيزىسى بىلەن پالۋانلىرىنىڭ بېشىغا سانجىۋەتتىڭ.
ئۇلار مېنى پاراكەندە قىلغىلى قۇيۇندەك چىقىپ كەلدى.
ئۇلارنىڭ خۇشاللىقى بىچارىنى يوشۇرۇن جايدا يۇتۇۋېلىشتۇر.
‏15 لېكىن سەن ئاتلىرىڭغا مىنىپ دېڭىزنى دەسسەپ،
دولقۇنلاپ ئېقىۋاتقان چوڭ سۇلارنى كېسىپ ئۆتتۈڭ.
‏16 مەن بۇلارنى ئاڭلىغىنىمدا، ئىچىم تىت-تىت بولدى.
بۇ ئاۋازدىن لەۋلىرىم دىرىلداپ تىتراپ كەتتى.
سۆڭەكلىرىم چىرىپ كەتكەندەك بوشاپ،
تۇرغان جايىمدا جۇغۇلداپ قالدىم.
لېكىن شۇندىمۇ بىزگە ھۇجۇم قىلغۇچى خەلق ئۈستىگە بالايىئاپەت كېلىدىغان كۈننى سەۋرچانلىق بىلەن كۈتىمەن.   
 
ھاباقۇقنىڭ پەرۋەردىگاردىن شادلىنىشى
‏17 ئەنجۈر دەرىخى چېچەكلىمىسىمۇ،
ئۈزۈم تېلىدا مېۋە تېپىلمىسىمۇ،
زەيتۇن دەرىخىنىڭ ھوسۇلى يوق بولۇپ كەتسىمۇ،
ئېتىزلىقلار ھېچ ھوسۇل بەرمىسىمۇ،
قوتاندىكى قويلار يوقىلىپ كەتسىمۇ
ۋە ئېغىلدا كالىلار قالمىغان بولسىمۇ،
‏18 مەن يەنىلا پەرۋەردىگاردىن شادلىنىمەن،
نىجاتكارىم بولغان خۇدادىن سۆيۈنىمەن.
‏19 رەب پەرۋەردىگار مېنىڭ كۈچ-قۇدرىتىم.
ئۇ پۇتلىرىمنى كېيىكنىڭكىدەك قىلىدۇ،
مېنى ئېگىز جايلىرىمغا كۆتۈرىدۇ.
 
‹بۇ نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، تارلىق سازغا تەڭكەش قىلىپ ئېيتىلسۇن›.