خۇدانىڭ ئىككىنچى جاۋابى
2
‏1 مەن نەزەرگاھىمغا چىقىپ، كۆزىتىش مۇنارىنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ، ئۇنىڭ ماڭا نېمە سۆزلەيدىغىنىنى ئاڭلاپ، مېنىڭ شىكايىتىم توغرىسىدا نېمە جاۋاب تاپىمەن دەپ، كۈتۈپ تۇرىمەن.
 
‏2 پەرۋەردىگار ماڭا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «سەن بۇ ۋەھىينى خاتىرىلەپ قويغىن، ئاسان ئوقۇيالايدىغان قىلىپ تاختىلارغا ئېنىق پۈتكىن. ‏3 چۈنكى بۇ ۋەھىي بېكىتىلگەن بىر ۋاقىت ئۈچۈن. ئۇ ئەمەلگە ئېشىپ، يالغان بولۇپ چىقمايدۇ. دەرھال كەلمىسىمۇ، ئۇنى كۈتۈپ تۇرغىن. چۈنكى ئۇ چوقۇم ئورۇنلىنىدۇ، ھەرگىز كېچىكمەيدۇ. ‏4 تەكەببۇر ئادەمنىڭ ئىچىدىكى قەلب توغرا ئەمەس، ئەمما ھەققانىي ئادەم ئۆز ساداقەتلىكى بىلەن ياشايدۇ.
‏5 تەكەببۇر ئادەم شارابتەك ئىشەنچسىز ۋە تىنىمسىز. ئۇ ئۆلۈكلەر دىيارىدەك ئاغزىنى ئېچىپ تۇرىدۇ، ئۆلۈمگە ئوخشاش ھېچقاچان تويمايدۇ. ئۇ ھەممە ئەللەرنى ئۆزىگە يىغىپ، ھەممە خەلقلەرنى ئۆزىگە تارتىۋالىدۇ. ‏6 لېكىن ئەللەرنىڭ ھەممىسى ئۇ توغرۇلۇق ماقال-تەمسىل يارىتىپ، ئۇنى مەسخىرە قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ‹ئۆزىنىڭ بولمىغاننى قولغا كەلتۈرۈپ ئېلىپ، مال-مۈلۈك توپلىغۇچىنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۆزىگە ئامانەت قويغان مال-مۈلۈك بىلەن باياشات تۇرمۇش كەچۈرگۈچىنىڭ ھالىغا ۋاي! قاچانغىچە بۇ قىلمىشلىرى داۋاملىشىدۇ؟›
‏7 سېنى چىشلىغۇچىلار تۇيۇقسىز ساڭا ھۇجۇم قىلمامدۇ؟ سېنى تىترەتكۈچىلەر ئويغانغاندا سېنى ئولجا ئالمامدۇ؟ ‏8 سەن نۇرغۇن ئەللەرنى تالان-تاراج قىلغىنىڭ، نۇرغۇنلارنىڭ قېنىنى تۆككىنىڭ ۋە زېمىنغا، شەھەرلەرگە ھەم ئۇنىڭدا ياشاۋاتقان ئادەملەرنىڭ ھەممىسىگە زۇلۇم سالغىنىڭ ئۈچۈن ساقلىنىپ قالغان ئەللەرنىڭ ھەممىسى سېنى تالان-تاراج قىلىدۇ.
‏9 ئۆز ئۆيىگە ناھەق پايدا يىغىپ، ھالاكەت چاڭگىلىدىن قۇتۇلاي دەپ ئۇۋىسىنى ئېگىزلىكتە قۇرغۇچىنىڭ ھالىغا ۋاي! ‏10 سەن نۇرغۇن ئەللەرنى يوقاتقىنىڭ بىلەن ئۆز ئۆيۈڭگە شەرمەندىلىك كەلتۈردۈڭ، ئۆز جېنىڭنى گۇناھقا سالدىڭ. ‏11 چۈنكى تامدىكى تاشلار توۋلايدۇ، تورۇستىكى لىملار جاۋاب بېرىدۇ.
‏12 شەھەرنى قان بىلەن ياسىغۇچىنىڭ ھالىغا ۋاي! شەھەرنى ناھەقلىق بىلەن قۇرغۇچىنىڭ ھالىغا ۋاي! ‏13 مانا، خەلقلەر جاپا تارتىپ تاپقان مال-دۇنياسى ئوتقا يەم بولىدىغانلىقى ۋە ئەللەر بىكارغا ئىشلەپ ھېرىپ كەتكەنلىكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگارنىڭ تەقدىر قىلغىنى ئەمەسمۇ؟ ‏14 لېكىن سۇ دېڭىزنى تولدۇرغاندەك، پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى توغرىسىدىكى بىلىم-مەرىپەت يەر يۈزىنى تولدۇرىدۇ.
‏15 سېنىڭ ھالىڭغا ۋاي! يەنى ئۆز قوشنىسىغا زەھەر قوشۇلغان شاراب قۇيۇپ بېرىپ، ئۇنىڭ ئۇياتىنى كۆرەي دەپ، ئۇنى مەست قىلغۇچىنىڭ ھالىغا ۋاي! ‏16 سەن شان-شەرەپ ئورنىغا شەرمەندىلىككە تولدۇرۇلىسەن. ئۆزۈڭمۇ شاراب ئىچىپ خەتنىسىزلىكىڭنى ئاشكارىلىغىن. مانا، پەرۋەردىگارنىڭ ئوڭ قولىدىكى قەدەھ ساڭا يېتىپ كەلگەندە چوڭ شەرمەندىلىك شان-شەرىپىڭ ئۈستىگە تۆكۈلىدۇ. ‏17 چۈنكى ئادەملەرنىڭ قېنىنى تۆكۈپ، زېمىن، شەھەر ۋە ئىچىدىكى خەلققە زۇلۇم سالغىنىڭ ئۈچۈن لىۋانغا قىلغان زۇلۇمۇڭ ئۆزۈڭگە يېنىپ سېنى قاپلايدۇ، ئۇ يەردىكى ھايۋانلارنى ۋەيران قىلغىنىڭ ئۈچۈن ئەمدى سەن دەھشەتلىك ئەھۋالغا چۈشىسەن.
‏18 بىر ئويما بۇت ھەيكىلىنىڭ نېمە پايدىسى بار؟ بىر ئۇستا ئۇنى ئۆزى ياساپ ئويغانغۇ! يالغان يېتەكچى بولغان بىر قۇيما بۇت ھەيكىلىنىڭ نېمە مەنپەئەتى بار؟ مۇنداق زۇۋانسىز بۇتلار ياسىغۇچى ئۆز ياسىغىنىغا چوقۇنىدۇ! ‏19 ياغاچقا: ‹ئويغان!› دېگەن ئادەمگە، زۇۋانسىز تاشقا: ‹تۇر!› دېگەن كىشىنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇنداق بىر نەرسە يېتەكچىلىك قىلالامدۇ؟ بۇ ئۆزى ئالتۇن-كۈمۈش بىلەن قاپلانغان بولسىمۇ، ئىچىدە جان يوق.
‏20 لېكىن پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ مۇقەددەس بەيتىدىدۇر. پۈتۈن جاھان ئۇنىڭ ئالدىدا شۈك بولسۇن».