ھاگاي
خۇدانىڭ بەيتىنى قۇرۇش ۋاقتى كەلدى
1
1 دارىيۇس پادىشاھنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئىككىنچى يىلى ئالتىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ھاگاي پەيغەمبەر ئارقىلىق شالتىئەلنىڭ ئوغلى يەھۇدانىڭ ۋالىيسى زەرۇببابەل ۋە يەھوسادىقنىڭ ئوغلى باش كاھىن يەشۇئاغا كەلدى. 2 ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «بۇ خەلق: ‹پەرۋەردىگارنىڭ بەيتىنى قۇرۇش ۋاقتى تېخى كەلمىدى› دەپ يۈرىدۇ».
3 ھاگاي پەيغەمبەر ئارقىلىق پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى يەنە كەلدى:
4 «بۇ بەيت تېخىچىلا ۋەيران بولۇپ تۇرسا، سىلەرنىڭ ئۆگزىسى بار ھەشەمەتلىك ئۆيلىرىڭلاردا ئولتۇرىدىغان ۋاقتىڭلارمۇ؟ 5 ئەمدى ئۆز يوللىرىڭلارنى ياخشى ئويلىنىڭلار» دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگار، 6 «سىلەر كۆپ تېرىپ، ئاز ھوسۇل ئالدىڭلار. غىزالانغىنىڭلار بىلەن تويمىدىڭلار، ئىچكىنىڭلار بىلەن قانمىدىڭلار، كىيىم كىيگىنىڭلار بىلەن ئىسسىمىدىڭلار. ئىش ھەققىنى ئالغانلار بولسا ئۇنى بىر تۆشۈك خالتىغا سالغاندەكتۇر». 7 ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگار يەنە ئېيتىدۇكى: «ئۆز يوللىرىڭلارنى ياخشى ئويلىنىڭلار».
8 «سىلەر تاغلارغا چىقىپ، ياغاچ ئېلىپ كېلىپ، بۇ بەيتنى قۇرساڭلار، مەن ئۇنىڭدىن خۇرسەن بولۇپ، شان-شەرەپ تاپىمەن» دەيدۇ پەرۋەردىگار. 9 «سىلەر كۆپ يىغىشنى ئۈمىد قىلدىڭلار، لېكىن ئاز تېپىپ، ئۇنى ئۆيگە ئېلىپ كىرگىنىڭلاردا مەن ئۇنى ئۇچۇرۇۋەتتىم. بۇ نېمە ئۈچۈن بولدى؟» دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگار، «ھەممىڭلار مېنىڭ بەيتىم ۋەيران بولۇپ تۇرغىنى بىلەن كارى بولماي، ئۆز ئۆيۈڭلارنى ياساش بىلەن بەند بولۇپ يۈرىسىلەر. 10 شۇنىڭ ئۈچۈن ئاسماندىن شەبنەم چۈشمەيدۇ، يەرمۇ ھوسۇلىنى بەرمەيدۇ. 11 مەن زېمىن، تاغلار، زىرائەتلەر، يېڭى شاراب، ياغ ۋە يەرنىڭ پۈتۈن ھوسۇلى ئۈستىگە، شۇنداقلا ئادەملەر، چارۋا-مال ۋە قوللارنىڭ قىلغان ھەممە مېھنىتى ئۈستىگە قۇرغاقچىلىق ئاپىتىنى ئەۋەتتىم».
12 ئۇ ۋاقىتتا شالتىئەلنىڭ ئوغلى زەرۇببابەل ۋە يەھوسادىقنىڭ ئوغلى باش كاھىن يەشۇئا ۋە ئۇ يەردىكى بارلىق خەلقنىڭ قالغانلىرى ئۆز خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى تىڭشاپ، ئۆز خۇداسى پەرۋەردىگار ئەۋەتكەن ھاگاي پەيغەمبەرنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالدى. خەلق پەرۋەردىگار ئالدىدا قورقۇشتى.
13 ئۇ زامان پەرۋەردىگارنىڭ ئەلچىسى ھاگاي پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى خەلقنىڭ ھەممىسىگە يەتكۈزۈپ: «‹مەن سىلەر بىلەن بىللىدۇرمەن› دەيدۇ پەرۋەردىگار» دېدى. 14 ئاندىن كېيىن پەرۋەردىگار شالتىئەلنىڭ ئوغلى يەھۇدانىڭ ۋالىيسى زەرۇببابەلنىڭ روھىنى، يەھوسادىقنىڭ ئوغلى باش كاھىن يەشۇئانىڭ روھىنى ۋە بارلىق خەلقنىڭ قالغانلىرىنىڭ روھىنى ئۇرغۇتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار كېلىپ، ئۆز خۇداسى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگارنىڭ بەيتىنى قايتىدىن ياساشقا باشلىدى. 15 بۇ ۋەقە دارىيۇس پادىشاھنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئىككىنچى يىلى ئالتىنچى ئاينىڭ يىگىرمە تۆتىنچى كۈنى بولدى.