خۇدانىڭ بەيتىنىڭ كەلگۈسى شان-شەرىپى
2
‏1 يەتتىنچى ئاينىڭ يىگىرمە بىرىنچى كۈنى ھاگاي پەيغەمبەر ئارقىلىق پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى يەنە كەلدى:
‏2 «شالتىئەلنىڭ ئوغلى يەھۇدانىڭ ۋالىيسى زەرۇببابەل ۋە يەھوسادىقنىڭ ئوغلى باش كاھىن يەشۇئادىن ۋە خەلقنىڭ قالغانلىرىدىن: ‏3 ‹بۇ بەيتنىڭ ئىلگىرىكى شان-شەرىپىنى كۆرگەن كىشىلەر ئاراڭلاردا بارمۇ؟ ئەمدى سىلەر بەيتنى كۆرۈپ باقساڭلار قانداق؟ ئۇ نەزىرىڭلاردا ھېچنېمىدەك ئەمەسمۇ؟› دەپ سورىغىن. ‏4 لېكىن ھازىر، سەن، ئەي زەرۇببابەل، جۈرئەتلىك بولغىن» دەيدۇ پەرۋەردىگار، «سەن، ئەي يەھوسادىقنىڭ ئوغلى باش كاھىن يەشۇئا، جۈرئەتلىك بولغىن. ئەي زېمىندىكى بارلىق خەلق، سىلەرمۇ جۈرئەتلىك بولۇڭلار» دەيدۇ پەرۋەردىگار. «مەن سىلەر بىلەن بىللە بولغاچقا، ئىشقا قول سېلىڭلار» دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگار، ‏5 «سىلەر مىسىردىن چىققان ۋاقتىڭلاردا سىلەرگە ۋەدە قىلغىنىمدەك مەن سىلەر بىلەن بىللە بولۇپ، مېنىڭ روھىم ئاراڭلاردا تۇرغاچقا، قورقماڭلار». ‏6 ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئازغىنە ۋاقىتتىن كېيىن مەن يەنە بىر قېتىم ئاسمان بىلەن يەرنى، دېڭىز بىلەن قۇرۇقلۇقنى تەۋرىتىمەن».
‏7 «مەن بارلىق ئەللەرنى تەۋرىتىمەن. ئۇلار بايلىقلىرىنى ئېلىپ كېلىدۇ ۋە مەن بۇ بەيتنى شان-شەرەپكە تولدۇرىمەن» دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگار. ‏8 ‹چۈنكى كۈمۈش مېنىڭكى، ئالتۇنمۇ مېنىڭكىدۇر» دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگار. ‏9 «بۇ كېيىنكى بەيتنىڭ شان-شەرىپى ئىلگىرىكىنىڭكىدىن چوڭراق بولىدۇ» دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگار. «مەن بۇ جايغا ئامانلىقنى ئاتا قىلىمەن» دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگار.
 
خۇدانىڭ بەيتىنى قۇرۇلغاندىن كېيىن بەرىكەت ئاتا قىلىنىدۇ.
‏10 دارىيۇسنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئىككىنچى يىلى توققۇزىنچى ئاينىڭ يىگىرمە تۆتىنچى كۈنى ھاگاي پەيغەمبەر ئارقىلىق پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى كەلدى.
‏11 ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سەن كاھىنلاردىن تەۋرات قانۇنى توغرىسىدا سوئال سوراپ:    ‏12 ‹ئەگەر بىر كىشى مۇقەددەس قۇربانلىق گۆشنىڭ بىر پارچىنى تونىنىڭ پېشىگە ئېلىپ كېتىپ بارغىنىدا، ئۇنىڭ پېشى نان، بىر پىشۇرۇلغان نەرسە، شاراب، ياغ ياكى باشقا بىر يېمەكلىككە تېگىپ كەتسە، بۇ نەرسىلەر مۇقەددەس بولۇپ قالامدۇ؟› دەپ سورىغىن». ئۇ شۇنى سورىسا، كاھىنلار: «ياق» دەپ جاۋاب بەردى. ‏13 ئاندىن كېيىن ھاگاي يەنە سوئال قويۇپ: «ئەگەر بىر كىشى بىر ئۆلۈككە تېگىپ قېلىپ، ناپاك بولۇپ قالسا، بۇنداق يېمەكلىكلەرنىڭ بىرىگە تېگىپ كەتسە، ئۇ نەرسە ناپاك بولامدۇ؟» دەپ سورىغاندا، كاھىنلار: «شەكسىز ناپاك بولىدۇ» دەپ جاۋاب بەردى.
‏14 ئاندىن ھاگاي سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «‹بۇ خەلق، بۇ نەسىل مېنىڭ ئالدىمدا ناپاكتۇر› دەيدۇ پەرۋەردىگار، ‹شۇنداقلا ئۇلارنىڭ قوللىرىنىڭ ئىشلىرى ۋە ئۇ يەردە سۇنغان قۇربانلىقلىرىمۇ ناپاكتۇر. ‏15 پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى ئۈچۈن تاش ئۈستىگە تاش قويۇلۇشتىن ئىلگىرى بۈگۈنكى كۈنگىچە قانداق بولغىنىنى ئەمدى ئويلاڭلار. ‏16 ئۇ كۈنلەردە بىر كىشى يىگىرمە كۈرە ئاشلىق بارلىقى مۆلچەرلەنگەن ئاشلىق دۆۋىسى ئالدىغا كەلگەندە، پەقەت ئون كۈرە چىقاتتى. بىرى ئەللىك كوزا شاراب ئالغىلى شاراب تۇڭىنىڭ يېنىغا كەلسە، پەقەت يىگىرمە كوزا چىقاتتى.    ‏17 مەن سىلەر ئۆستۈرگەن ھەممە زىرائەتلىرىڭلارنى چاۋىرىش، ھال ۋە مۆلدۈر ئاپىتى بىلەن ئۇرۇۋەتتىم. بىراق سىلەر يەنىلا ماڭا قايتىپ كەلمىدىڭلار› دەيدۇ پەرۋەردىگار، ‏18 ‹شۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ئۇلى قايتا سېلىنغان ۋاقتىدىن تارتىپ بۈگۈنكى توققۇزىنچى ئاينىڭ يىگىرمە تۆتىنچى كۈنىگىچە قانداق بولغىنىنى ئويلاڭلار. ‏19 ئامباردا ئۇرۇق قالدىمۇ؟ ئۈزۈم تېلى، ئەنجۈر، ئانار ۋە زەيتۇن دەرەخلىرى مېۋە بەرمىدى. لېكىن بۈگۈندىن باشلاپ بەرىكەت بېرىمەن›».
 
زەرۇببابەلگە بېرىلگەن ۋەدە
‏20 شۇ ئاينىڭ يىگىرمە تۆتىنچى كۈنى پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى يەنە ھاگاي پەيغەمبەرگە كەلدى. ئۇ ھاگايغا مۇنداق دېدى: ‏21 «سەن بېرىپ، يەھۇدانىڭ ۋالىيسى زەرۇببابەلگە مۇنداق دېگىن: ‹«مەن ئاسمان بىلەن يەرنى تەۋرىتىپ، ‏22 پادىشاھلىقلارنىڭ تەختلىرىنى ئۆرۈۋېتىمەن ۋە ئەللەرنىڭ پادىشاھلىقلىرىنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى يوق قىلىۋېتىمەن. مەن ئۇلارنىڭ جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئۇلاردا ئولتۇرغۇچىلارنى يىقىتىۋېتىمەن. ئاتلار بىلەن مىنگۈچىلىرى يىقىلىپ، ئۇلارنىڭ ھەربىرى قېرىندىشىنىڭ قىلىچى بىلەن ئۆلتۈرۈلىدۇ. ‏23 ئۇ ۋاقىتتا» دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگار، «ئەي شالتىئەلنىڭ ئوغلى بولغان مېنىڭ خىزمەتكارىم زەرۇببابەل، ئۇ ۋاقىتتا مەن سېنى ئېلىپ، مۆھۈر ئۈزۈكى قىلىمەن» دەيدۇ پەرۋەردىگار. «چۈنكى مەن سېنى تاللىدىم» دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگار›».