زەكەرىيا
پەرۋەردىگارنىڭ خەلقىنى ئۆزىگە چاقىرىشى
1
‏1 ​پادىشاھ دارىيۇسنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئىككىنچى يىلى سەككىزىنچى ئېيىدا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئىددونىڭ نەۋرىسى، بەرەكيانىڭ ئوغلى پەيغەمبەر زەكەرىياغا كەلدى. ئۇ زەكەرىياغا مۇنداق دېدى:
‏2 ‹پەرۋەردىگار ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا قاتتىق غەزەپلەندى. ‏3 شۇڭا خەلققە دېگىنكى، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگار: «ماڭا قايتىڭلار» دەيدۇ. «شۇندىلا مەنمۇ سىلەرگە قايتىمەن» دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگار، ‏4 «سىلەر ئاتا-بوۋىلىرىڭلاردەك بولماڭلار. ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەر ئۇلارغا: ‹ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگار: «يامان يوللىرىڭلاردىن يېنىڭلار. يامان ئىشلىرىڭلارنى تاشلاڭلار» دەيدۇ› دەپ جاكارلىغان. لېكىن ئۇلار تىڭشىمىدى، ماڭا قۇلاق سالمىدى. ‏5 ئاتا-بوۋىلىرىڭلار ھازىر قېنى؟ پەيغەمبەرلەر ئەبەدكىچە ھايات تۇرامدۇ؟ ‏6 مېنىڭ خىزمەتكارلىرىم بولغان پەيغەمبەرلەرگە بۇيرۇغان سۆزلىرىم ۋە قانۇن-بەلگىلىمىلىرىمدې كۆرسىتىلگەن ھۆكۈملەر ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ بېشىغا كەلدى ئەمەسمۇ؟ ئۇلار بولسا توۋا قىلىپ: ‹ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگار يوللىرىمىز ۋە ئىش-ئەمەللىرىمىزگە قاراپ ئۆزىنىڭ ئېيتقىنى بويىچە ھۆكۈمىنى ئىجرا قىلدى› دېيىشتى»›».
 
بىرىنچى ۋەھىي: تۆت ئات
‏7 دارىيۇسنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئىككىنچى يىلى ئون بىرىنچى ئاي، يەنى شەبات ئېيىنىڭ يىگىرمە تۆتىنچى كۈنى پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى يەنە ئىددومنىڭ نەۋرىسى، بەرەكيانىڭ ئوغلى زەكەرىيا پەيغەمبەرگە كەلدى.
‏8 مەن كېچىدە ۋەھىي كۆردۈم: چوڭقۇر جىلغىدا ھاداس دەرەخلىرى ئارىسىدا قىزىل ئاتقا مىڭگەن بىر ئادەمنى كۆردۈم. ئۇنىڭ ئارقىسىدا قىزىل، ئالا-چىپار ۋە ئاق ئاتلار تۇراتتى. ‏9 «ئەي خوجام، بۇلار كىم؟» دەپ سورىدىم. مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتە: «ئۇلارنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ساڭا كۆرسىتىمەن» دېدى. ‏10 خاداس دەرەخلىرى ئارىسىدا تۇرغان كىشى جاۋاب بېرىپ : «بۇلار پەرۋەردىگار تەرىپىدىن يەر يۈزىنى كېزىشكە ئەۋەتىلگەنلەردۇر» دېدى. ‏11 ئاندىن ئۇ ئاتلىقلار خاداس دەرەھلىرى ئارىسىدا تۇرغان پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىگە: «بىز پۈتۈن يەر يۈزىنى كېزىپ چىقتۇق. مانا، ھەممە يەر تىنچ-ئامانلىقتا» دېدى.   
 
‏12 بۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى: «ئەي ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگار، سەن يەتمىش يىلدىن بېرى غەزەپلەنگەن يېرۇسالېم ۋە يەھۇدا شەھەرلىرىگە قاچانغىچە رەھىم قىلمايسەن؟» دەپ سورىدى. ‏13 پەرۋەردىگار مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتىگە مۇلايىم ۋە تەسەللى بېرىدىغان سۆزلەر بىلەن جاۋاب قايتۇردى. ‏14 ئاندىن مېنىڭ بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتە مۇنداق دېدى: «جاكارلاپ دېگىنكى: ‹ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگار: «يېرۇسالېم ۋە سىئون ئۈچۈن ئوتلۇق غەيرەت بىلەن كۈرىشىمەن. ‏15 مەن غەمسىز ياشاۋاتقان ئەللەرگە قاتتىق گەزەپلەندىم. چۈنكى مەن خەلقىمگە ئازغىنە غەزەپلەنگىنىمدە ئۇلار خەلقىمگە ھەددىدىن ئارتۇق زۇلۇم سالدى» دەيدۇ. ‏16 شۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن شەپقەتلىرىم بىلەن يېرۇسالېمغا قايتىمەن». «مېنىڭ بەيتىم ئۇ يەردە قايتا قۇرۇلىدۇ ۋە يېرۇسالېم ئۈستىگە يەنە ئۆلچەش تانىسى تارتىلىدۇ» دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگار›. ‏17 يەنە شۇنىمۇ جاكارلىغىن: ‹«مېنىڭ شەھەرلىرىم يەنە ياخشىلىق بىلەن تولىدۇ، مەنكى پەرۋەردىگار يەنە سىئونغا تەسەللى بېرىمەن، يەنە يېرۇسالېمنى تاللايمەن» دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگار›».