مالاكى
خۇدا ئىسرائىلنى سۆيىدۇ
1
‏1 پەرۋەردىگارنىڭ مالاكى ئارقىلىق بەرگەن ھۆكۈم ۋەھىيسى.
‏2 پەرۋەردىگار ئېيتىدۇكى: «مەن سىلەرگە شۇنچە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكەن بولساممۇ، سىلەر: ‹سەن نېمە قىلىپ بىزگە مېھىر مۇھەببەت كۆرسەتتىڭ؟› دەپ سورايسىلەر». پەرۋەردىگار جاۋابەن: «ئەساۋ ياقۇبنىڭ ئاكىسى ئەمەسمۇ؟ بىراق مەن ياقۇبنى سۆيدۈم، ‏3 ئەمما ئەساۋنى يامان كۆردۈم. مەن ئۇنىڭ تاغلىرىنى چۆلگە ئايلاندۇردۇم، ئۇنىڭ مىراس يېرىنى باياۋاندىكى چىلبۆرىلەرگە تاپشۇرۇپ بەردىم» دەيدۇ. ‏4 ئېدوم: «بىز ۋەيران قىلىندۇق، بىراق ۋەيران بولغاننى قايتا ياساپ چىقىمىز» دەيدۇ، لېكىن ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەيلى، ئۇلار ئوڭلاپ ياسىسۇن، لېكىن مەن يەنە ۋەيران قىلىۋېتىمەن. ئۇلارنىڭ زېمىنى ‹رەزىللىكنىڭ زېمىنى› ۋە ئۇلار ئۆزى ‹پەرۋەردىگار ھەمىشە غەزەپلىنىدىغان خەلق› دەپ ئاتىلىدۇ. ‏5 سىلەر ئۆز كۆزلىرىڭلار بىلەن بۇنى كۆرۈپ: ‹پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلۇغلۇقى ئىسرائىلنىڭ زېمىنىنىڭ سىرتىدىمۇ ئايان بولسۇن› دەيسىلەر».
 
ئادەملەر خۇدانى ھۆرمەتلىمەيدۇ
‏6 «ئوغۇل ئاتىسىغا ھۆرمەت قىلمامدۇ؟ خىزمەتكار خوجايىنىغا ئىززەت قىلمامدۇ؟ ئەگەر مەن ئاتا بولسام، مېنىڭ ھۆرمىتىم قېنى؟ ئەگەر مەن خوجايىن بولسام، مەندىن ئەيمىنىش قېنى؟ لېكىن سىلەر، ئەي مېنىڭ نامىمنى كەمسىتكەن كاھىنلار: ‹سېنىڭ نامىڭنى قانداق قىلىپ كەمسىتتۇق؟› دەيسىلەر» دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگار. ‏7 «سىلەر قۇربانلىق سۇپامغا ناپاق ھەدىيەلەرنى كەلتۈرۈپ تۇرۇپ، يەنىلا: ‹قانداق قىلىپ ساڭا ھاقارەت قىلدۇق؟› دەپ سورايسىلەر. سىلەر ‹پەرۋەردىگارنىڭ داستىھىنىنىڭ ئېتىبارى يوق› دېگىنىڭلار بىلەن ماڭا ھاقارەت قىلدىڭلار ئەمەسمۇ؟ ‏8 سىلەر بىر كور ھايۋاننى قۇربانلىق قىلساڭلار، بۇ يامان ئىش ئەمەسمۇ؟ توكۇر ياكى كېسەل ھايۋاننى قۇربانلىق قىلساڭلار، بۇ يامان ئىش ئەمەسمۇ؟ ئەمدى بۇنداقنى ئۆز ھاكىمىڭغا ھەدىيە قىلىپ كۆرۈپ باققىن. ئۇ سەندىن رازى بولۇپ، سېنى قوبۇل قىلامدۇ؟» دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگار.
‏9 «ئەمدى، قېنى، خۇدانى رازى قىلغىلى: ‹بىزگە شەپقەت كۆرسەتكەيسەن› دەپ ئۇنىڭغا يالۋۇرۇپ بېقىڭلار! قوللىرىڭلارنىڭ ئىشى شۇ بولسا، خۇدا سىلەردىن رازى بولامدۇ؟» دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگار. ‏10 «كاشكى ئاراڭلاردىن بىر كىشى چىقىپ، مېنىڭ قۇربانلىق سۇپامدا بىكار ئوت قالىماسلىقىڭلار ئۈچۈن دەرۋازىنى ئېتىپ قويسا بولاتتى. مەن سىلەردىن رازى بولمايمەن، ھەم قولۇڭلارنىڭ ھەدىيەلىرىنى قوبۇل قىلمايمەن» دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگار. ‏11 «چۈنكى كۈن چىقىشتىن كۈن پېتىشىغىچە ئەللەر ئارىسىدا مېنىڭ نامىم ئۇلۇغلىنىدۇ. مېنىڭ نامىم خەلقلەر ئارىسىدا ئۇلۇغ بولغاچقا، ھەر جايدا مېنىڭ نامىم ئۈچۈن خۇشبۇي ئىسرىق كۆيدۈرۈلىدۇ ۋە پاك ھەدىيەلەر سۇنۇلىدۇ» دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگار.
‏12 «لېكىن سىلەر: ‹پەرۋەردىگارنىڭ داستىخىنى بۇلغانغان ۋە تائامى يىرگىنچلىكتۇر› دەپ ئۇنى ھاقارەت قىلىسىلەر.    ‏13 سىلەر: ‹بۇ پايدىسى يوق بىر ئىش ئىكەن› دەپ دىمىغىڭلارنى قاقتىڭلار» دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگار. «مانا، سىلەر ھەدىيە سۇنغىنىڭلاردا بۇلىغان، توكۇر ۋە كېسەل ماللارنى ئېلىپ كېلىسىلەر. مەن مۇنداق ھەدىيەلەرنى قولۇڭلاردىن قوبۇل قىلامدىمەن؟» دەيدۇ پەرۋەردىگار. ‏14 «قوتىنىدا ئەركەك مال تۇرسىمۇ، قاسام يۈزىسىدىن رەبكە يارىماس مالنى قۇربانلىق قىلغان ئالدامچى كىشى لەنەتكە قالسۇن. چۈنكى مەن ئۇلۇغ پادىشاھتۇرمەن، ئەللەر ئارىسىدا مېنىڭ نامىم ھەيۋەتلىكتۇر» دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگار.