ئىنجىل مەتتا
ئەيسا مەسىھنىڭ نەسەبنامىسى
1
‏1 ئىبراھىمنىڭ ئوغلى بولغان داۋۇدنىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھنىڭ نەسەبنامە كىتابى.   
‏2 ئىبراھىمدىن ئىسئھاق تۆرەلدى، ئىسئھاقتىن ياقۇب تۆرەلدى، ياقۇبتىن يەھۇدا ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى تۆرەلدى. ‏3 يەھۇداغا تاماردىن پەرەز ۋە زېراھ تۇغۇلدى، پەرەزدىن خەزرون تۆرەلدى، خەزروندىن رام تۆرەلدى. ‏4 رامدىن ئامىناداب تۆرەلدى، ئامىنادابتىن ناھشون تۆرەلدى، ناھشوندىن سالمون تۆرەلدى. ‏5 سالمونغا راھابتىن بوئاز تۇغۇلدى، بوئازقا رۇتتىن ئوبەد تۇغۇلدى، ئوبەدتىن يىشاي تۆرەلدى. ‏6 يىشايدىن داۋۇد پادىشاھ تۆرەلدى، داۋۇدقا ئۇرىيانىڭ ئايالىدىن سۇلايمان تۇغۇلدى.
‏7 سۇلايماندىن رېھابېئام تۆرەلدى، رېھابېئامدىن ئابىيا تۆرەلدى، ئابىيادىن ئاسا تۆرەلدى. ‏8 ئاسادىن يەھوشافات تۆرەلدى، يەھوشافاتتىن يورام تۆرەلدى، يورامدىن ئۇززىيا تۆرەلدى. ‏9 ئۇززىيادىن يوتام تۆرەلدى، يوتامدىن ئاھاز تۆرەلدى، ئاھازتىن خىزقىيا تۆرەلدى. ‏10 خىزقىيادىن ماناسسە تۆرەلدى، ماناسسەدىن ئامون تۆرەلدى، ئاموندىن يوشىيا تۆرەلدى. ‏11 بابىلغا سۈرگۈن قىلىنغاندا يوشىيادىن يەكونيا ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى تۆرەلدى.
‏12 بابىلغا سۈرگۈن بولغاندىن كېيىن يەكونيادىن شېئالتىئەل تۆرەلدى، شېئالتىئەلدىن زەرۇببابەل تۆرەلدى. ‏13 زەرۇببابەلدىن ئابىھۇد تۆرەلدى، ئابىھۇدتىن ئېلياقىم تۆرەلدى، ئېلياقىمدىن ئازور تۆرەلدى. ‏14 ئازوردىن سادوق تۆرەلدى، سادوقتىن ئاخىم تۆرەلدى، ئاخىمدىن ئەلىھۇد تۆرەلدى. ‏15 ئەلىھۇدتىن ئەلىئازار تۆرەلدى، ئەلىئازاردىن ماتان تۆرەلدى، ماتاندىن ياقۇب تۆرەلدى. ‏16 ياقۇبتىن مەريەمنىڭ ئېرى يۈسۈپ تۆرەلدى، مەريەمدىن مەسىھ دەپ ئاتالغان ئەيسا تۇغۇلدى.
‏17 نەسىللەرنىڭ ھەممىسى ئىبراھىمدىن داۋۇدكىغە ئون تۆت نەسىل، داۋۇدتىن بابىلغا سۈرگۈن قىلىنغۇچە ئون تۆت نەسىل ۋە بابىلغا سۈرگۈن بولغاندىن مەسىھ دۇنياغا كەلگۈچە ئون تۆت نەسىلدۇر.
 
ئەيسا مەسىھنىڭ تۇغۇلۇشى
‏18 ئەيسا مەسىھنىڭ تۇغۇلۇشى مۇنداق بولدى: ئۇنىڭ ئانىسى مەريەم يۈسۈپكە ياتلىق بولۇشقا ۋەدە قىلىنغانىدى. ئۇلار نىكاھلىنىپ بىر ياستۇققا باش قويۇشتىن ئىلگىرى مەريەمنىڭ مۇقەددەس روھتىن ھامىلىدار بولغانلىقى مەلۇم بولدى. ‏19 ئۇنىڭ بولغۇسى ئېرى يۈسۈپ دۈرۈس ئادەم بولغاچقا، ئۇنىڭغا بەدنام چاپلاشنى خالىماي، ئۇنىڭدىن پىنھان ئايرىلىپ كەتمەكچى بولدى.    ‏20 لېكىن ئۇ شۇنى نىيەت قىلىپ يۈرگەندە، مانا، پەرۋەردىگارنىڭ بىر پەرىشتىسى ئۇنىڭغا چۈشىدە كۆرۈنۈپ: «ئەي داۋۇدنىڭ ئوغلى يۈسۈپ، ئايالىڭ مەريەمنى ئۆز ئەمرىڭگە ئېلىشتىن قورقمىغىن، چۈنكى ئۇنىڭ ھامىلىسىنى مۇقەددەس روھتىندۇر. ‏21 ئۇ بىر ئوغۇل تۇغىدۇ. سەن ئۇنىڭغا ئەيسا دەپ ئىسىم قويغىن، چۈنكى ئۇ ئۆز خەلقىنى گۇناھلىرىدىن قۇتقۇزىدۇ» دېدى.   
 
‏22 بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبەر ئارقىلىق:
‏23 «مانا، پاك قىز ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغىدۇ.
ئۇ ئىممانۇئەل، يەنى ‹خۇدا بىز بىلەن بىللىدۇر› دەپ ئاتىلىدۇ»
دېگەن سۆزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇش ئۈچۈن بولدى.   
‏24 يۈسۈپ ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ، پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭغا بۇيرۇغىنى بويىچە قىلىپ، مەريەمنى ئەمرىگە ئالدى.    ‏25 لېكىن تا مەريەم ئوغۇلنى يەڭگىگىچە ئۇ ئۇنىڭغا يېقىنچىلىق قىلمىدى. يۈسۈپ ئۇنىڭغا ئەيسا دەپ ئىسىم قويدى.