پەرۋەردىگارنىڭ ئەلچىسىنىڭ كېلىشى
3
‏1 «مانا، مەن ئالدىمدا يولنى ھازىرلايدىغان ئەلچىمنى ئەۋەتىمەن. ئاندىن كېيىن سىلەر ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتۈۋاتقان رەب، يەنى سىلەر خۇشاللىقىڭلار دەپ بىلگەن ئەھدە ئەلچىسى، تۇيۇقسىز ئۆز ئىبادەتخانىسىغا كېلىدۇ» دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگار.   
‏2 لېكىن ئۇ كېلىدىغان كۈندە كىم چىداپ تۇرالايدۇ؟ ئۇ ئاشكارا بولغىنىدا كىم تىك تۇرالايدۇ؟ چۈنكى ئۇ زەرگەرنىڭ ئالتۇن-كۈمۈش تاۋلايدىغان ئوتىغا ئوخشايدۇ، ئاقارتقۇچىلارنىڭ سوپۇنىدەك بولىدۇ. ‏3 ئۇ كۈمۈشنى تاۋلاپ، ساپ كۈمۈشنى ئايرىغۇچىدەك، لاۋىينىڭ ئوغۇللىرىنى ئالتۇن-كۈمۈشتەك تاۋلاپ پاكلايدۇ. ئاندىن كېيىن ئۇلار پەرۋەردىگارغا ھەققانىيلىق بىلەن ھەدىيەلەرنى سۇنىدۇ.
‏4 يەھۇدا ۋە يېرۇسالېمنىڭ ھەدىيەلىرى، قەدىمكى كۈنلەردىكىدەك، بۇرۇنقى يىللاردىكىدەك پەرۋەردىگارنى خۇرسەن قىلىدۇ. ‏5 «مانا، مەن سىلەرنى سوراققا تارتىش ئۈچۈن كېلىمەن. مەن جادۇگەرلەرگە، زىناخورلارغا، يالغان قەسەم قىلغۇچىلارغا، مەدىكارغا ئۇنىڭ ئىش ھەققىنى بەرمىگۈچىلەرگە، تۇل خوتۇن ۋە يېتىملارغا زۇلۇم سالغۇچىلارغا، خۇدادىن قورقماي، مۇساپىرلارنى خورلىغۇچىلارغا قارشى گۇۋاھچى بولىمەن» دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگار.
 
خۇدادىن ئوغرىلاشقا بولمايدۇ
‏6 «مەن پەرۋەردىگار ھەرگىز ئۆزگەرمەستۇرمەن. شۇڭا سىلەر، ياقۇبنىڭ ئەۋلادلىرى، يوقىتىلمىغانسىلەر. ‏7 ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ كۈنلىرىدىن تارتىپ قانۇن-بەلگىلىمىلىرىمدىن چەتنەپ كېتىپ، ئۇلارنى تۇتماي كەلدىڭلار. ئەمدى سىلەر ماڭا قايتىپ كەلسەڭلار، مەنمۇ سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا قايتىمەن» دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگار.
«يەنىلا سىلەر: ‹بىز قانداق قىلىپ قايتساق بولىدۇ؟› دەپ سورايسىلەر. ‏8 بىر كىشى خۇداغا خىيانەت قىلسا بولامدۇ؟ ئەمما سىلەر ماڭا خىيانەت قىلدىڭلار. يەنىلا سىلەر: ‹قانداق قىلىپ ساڭا خىيانەت قىلدۇق؟› دەپ سورايسىلەر. ئوندىن بىر ئۈلۈش ۋە كۆتۈرمە ھەدىيە جەھەتتىن ماڭا خىيانەت قىلدىڭلار ئەمەسمۇ؟ ‏9 مانا، سىلەر، خەلقنىڭ ھەممىسى، ماڭا خىيانەت قىلغىنىڭلار ئۈچۈن، لەنەتكە قالدىڭلار. ‏10 مېنىڭ بەيتىمدە ئاشلىق تېپىلسۇن دەپ، ئوندىن بىر ئۈلۈشۈڭلارنىڭ ھەممىسىنى ئامبارغا ئېلىپ كېلىڭلار. شۇنىڭ بىلەن مېنى سىناڭلار. شۇنداق قىلساڭلار مەن ئاسماننىڭ دەرۋازىلىرىنى ئېچىۋېتىپ، ئۈستۈڭلارغا قانداق كەڭرىچىلىك بىلەن بەرىكەت ياغدۇرىدىغانلىقىمنى كۆرۈپ بېقىڭلار» دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگار. ‏11 «شۇنداق قىلساڭلار، ئېتىزدىكى زىرائەتلەرگە زىيان يەتكۈزمىسۇن دەپ، مەن سىلەر ئۈچۈن چېكەتكىلەرنى زېمىنىڭلاردىن ھەيدىۋېتىمەن، سىلەرنىڭ بېغىڭلاردىكى ئۈزۈم تاللىرىدىن مېۋىلىرى پىشمىغۇچە يەرگە تۆكۈلۈپ كەتمەيدۇ» دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگار. ‏12 «شۇنىڭ بىلەن سىلەرنىڭ زېمىنىڭلار خۇزۇرلۇق زېمىن بولغاچقا، بارلىق ئەللەر سىلەرنى بەختلىك دەپ سانايدۇ» دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگار.
 
ھەققانىي بىلەن ياماننىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پەرق
‏13 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر ماڭا قارشى قاتتىق سۆز قىلىپ تۇرۇپ، يەنىلا سىلەر: ‹بىز ساڭا قارشى نېمە سۆز قىلدۇق؟› دەپ سورايسىلەر. ‏14 سىلەر: ‹خۇداغا ئىبادەت قىلىشىمىز بىھۇدىدۇر. ئۇنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئورۇنلىشىمىز ۋە ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا قارىلىق تۇتۇپ يۈرۈشىمىزنىڭ ھېچ پايدىسى يوق› دەيسىلەر. ‏15 ‹مانا، تەكەببۇرلارنى بەختلىك دەپ قارايمىز. يامانلىق قىلغۇچىلار خۇدانى سىنىسىمۇ، قۇتۇلۇپ قېلىپ، روناق تاپىدۇ› دەيسىلەر».
‏16 پەرۋەردىگاردىن قورقىدىغانلار بىر-بىرى بىلەن شۇنداق سۆزلىشىپ تۇرغىنىدا، پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلىدى. پەرۋەردىگاردىن قورقۇپ ئۇنىڭ نامىنى ياد ئەتكەن كىشىلەر ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىدا بىر خاتىرە كىتابى يېزىلدى. ‏17 ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مانا، مەن ئىشىمنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان كۈندە ئۇلار مېنىڭكى بولىدۇ. بىر ئاتا ئۆز خىزمىتىنى قىلغان ئوغلىغا رەھىم قىلغاندەك، مەن ئۇلارغا رەھىم قىلىمەن. ‏18 ئۇ ۋاقىتتا سىلەر ھەققانىي بىلەن ياماننىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى ۋە خۇداغا خىزمەت قىلغان كىشى بىلەن قىلمىغان كىشى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى بىلىسىلەر».
 
‏19 ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مانا، تونۇردەك يېنىپ تۇرىدىغان كۈن كېلىدۇ! ئۇ ۋاقىتتا تەكەببۇرلار ۋە يامانلىق قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ساماندەك بولىدۇ. شۇ كېلىدىغان كۈن ئۇلارنى يىلتىز ۋە شاخلىرىنىمۇ قالدۇرماي كۆيدۈرۈۋېتىدۇ».
‏20 «لېكىن، ئەي مېنىڭ نامىمدىن ئەيمىنىدىغانلار، ئۈستۈڭلارغا ئادالەتنىڭ قۇياشى چىقىپ، شىپالىق قاناتلىرىنى ئېچىپ يايغىنىدا، ئېغىلدىن قويۇۋېتىلغان موزايلاردەك سەكرىشىپ، ‏21 يامانلارنىڭ ئۈستىگە دەسسەيسىلەر، چۈنكى مەن ئىشىمنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان كۈندە ئۇلار پۇتلىرىڭلار ئاستىدا كۈلدەك بولۇپ قالىدۇ» دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگار.
‏22 «سىلەر ئەمدى خىزمەتكارىم مۇسا ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن تەۋرات قانۇنىنى، يەنى مەن خورېب تېغىدا ئۇ ئارقىلىق پۈتكۈل ئىسرائىل خەلكىگە بەرگەن قانۇن-بەلگىلىمىلەر ۋە ئەھكاملىرىمنى يادىڭلاردا ساقلاڭلار. ‏23 مانا، پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلۇغ ۋە دەھشەتلىك كۈنى كەلمەستىن بۇرۇن، مەن سىلەرگە ئەلىيا پەيغەمبەرنى ئەۋەتىمەن. ‏24 ئۇ ئاتىلارنىڭ دىللىرىنى بالىلىرىغا، بالىلارنىڭ دىللىرىنى ئاتىلىرىغا مايىل قىلىدۇ. بولمىسا مەن كەلسەم، زېمىنغا لەنەت ياغدۇراتتىم».