كاھىنلارغا بېرىلگەن ئاگاھلاندۇرۇش
2
1 «ئەمدى، ئەي كاھىنلار، بۇ ھۆكۈم سىلەر ئۈچۈندۇر: 2 سىلەر قۇلاق سالمىساڭلار ۋە مېنىڭ نامىمغا شان-شەرەپ كەلتۈرۈشكە كۆڭۈل قويمىساڭلار، مەن ئۈستۈڭلارغا لەنەت ياغدۇرىمەن ۋە ھەممە بەرىكەتلىرىڭلارنى لەنەتكە ئايلاندۇرىمەن. بەرھەق، بۇنىڭغا كۆڭۈل قويمىغىنىڭلار ئۈچۈن مەن بۇلارنى لەنەتكە ئايلاندۇردۇم» دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگار. 3 «مانا، مەن نەسلىڭلارنى جازالايمەن، ھېيت قۇربانلىقىڭلارنىڭ ناپاك نىجاسىتىنى يۈزۈڭلارغا چېچىۋېتىمەن. سىلەر شۇ نىجاسەت بىلەن بىللە ئېلىپ كېتىلىسىلەر. 4 ئۇ ۋاقىتتا سىلەر مېنىڭ لاۋىي بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنىڭ ساقلىنىپ قېلىشى ئۈچۈن مەن بۇ ھۆكۈمنى ئەۋەتكىنىمنى بىلىسىلەر» دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگار. ■ 5 «ئۇنىڭ بىلەن تۈزگەن ئەھدەم ھاياتلىق ۋە ئامانلىق ئەھدىسى ئىدى. ئۇ مەندىن قورقسۇن دەپ، ئۇنىڭغا بۇ ئەھدىنى بەردىم. ئۇ مەندىن قورقۇپ مېنىڭ نامىمدىن تىترىدى. 6 ئۇنىڭ ئاغزىدىن توغرا تەۋرات تەلىمى چىقتى، ئۇنىڭ لەۋلىرىدە ناھەقلىق تېپىلمىدى. ئۇ مېنىڭ ئالدىمدا ھاياتىنى تىنچ-ئامان ئۆتكۈزۈپ، دۇرۇس مېڭىپ، نۇرغۇن كىشىلەرنى يامان يوللىرىدىن ياندۇردى. ■ 7 كاھىن ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگارنىڭ ئەلچىسى بولغاچقا، ئۇنىڭ لەۋلىرى مەرىپەتنى ساقلايدۇ ۋە خەلق ئۇنىڭ ئاغزىدىن تەۋرات تەلىمىنى كۈتىدۇ. 8 لېكىن سىلەر يولدىن چەتنەپ كېتىپ، تەلىملىرىڭ بىلەن نۇرغۇن كىشىلەرنى پۇتلاشتۇرۇپ يىقىتىۋەتتىڭلار. لاۋىي بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنى بۇزۇۋەتتىڭلار» دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگار، 9 «شۇنىڭ ئۈچۈن مەن سىلەرنى ھەممە خەلقنىڭ نەزىرىدە ئېتىبارسىز قىلىپ، خارلىققا سالدىم، چۈنكى سىلەر مېنىڭ يوللىرىمنى ساقلىماي، تەۋرات قانۇنىنى ئۆگىتىشتە ئايرىمىچىلىق قىلدىڭلار».
خەلقىڭ ۋاپاسىزلىقى
10 ھەممىمىزنىڭ ئاتىمىز بىر ئەمەسمۇ؟ بىزنى ياراتقان خۇدايىمىز بىر ئەمەسمۇ؟ ئۇنداق بولسا، بىز نېمىشقا ئۆز قېرىنداشلىرىمىزغا ۋاپاسىزلىق قىلىپ، ئاتا-بوۋىلىرىمىز بىلەن تۈزۈلگەن ئەھدىنى بۇزىمىز؟ ■ 11 يەھۇدا ۋاپاسىزلىق قىلىپ، ئىسرائىلدا ۋە يېرۇسالېمدا يىرگىنچلىك ئىشلار قىلدى. چۈنكى يەھۇدا يات ئىلاھنىڭ قىزىنى خوتۇنلۇققا ئېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ سۆيگەن مۇقەددەس جايىنى بۇلغىدى. ■ 12 شۇنداق ئىش قىلغۇچىنى، مەيلى ئازدۇرغۇچى بولسۇن، ئازدۇرۇلغۇچى بولسۇن ياكى پەرۋەردىگارغا ھەرقانداق ھەدىيە سۇنغان كىشى بولسۇن، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگار ياقۇبنىڭ چېدىرلىرىدىن يوقىتىدۇ.
13 سىلەر يەنە شۇنداق قىلىسىلەر: سىلەر نالا-پەرياد قىلىپ پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانلىق سۇپىسىنى كۆز ياشلىرىڭلار بىلەن قاپلايسىلەر، چۈنكى ئۇ قۇربانلىقلىرىڭلارغا نەزەر سالمايدىغان، قولۇڭلارنىڭ ھەدىيەلىرىنى قوبۇل قىلمايدىغان بولدى. 14 سىلەر يەنىلا: «بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟» دەپ سورايسىلەر. مانا، سەۋەب شۇكى، پەرۋەردىگار سەن بىلەن ياشلىقىڭدا ئالغان ئايالىڭنىڭ ئوتتۇرىسىدا گۇۋاخ بولۇپ، ئايال سېنىڭ نىكاھلانغان ئايالىڭ بولسىمۇ، ئۇنىڭغا ۋاپاسىزلىق قىلغىنىڭنى كۆردى. ■ 15 ئۇ ئەر-ئايالنى بىر قىلغان ئەمەسمۇ؟ روھىنى ئۇلارغا قالدۇرغان ئەمەسمۇ؟ نېمە سەۋەبتىن؟ ئۇ خۇداغا لايىق بىر نەسىل پەيدا بولۇشنى خالىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، قەلبىڭلارنى پاك ساقلاڭلار، ھېچبىرىڭلار ياشلىقتا ئالغان ئايالغا ۋاپاسىزلىق قىلماڭلار. ■ 16 چۈنكى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن تالاق قىلىشنى يامان كۆرىمەن». «يېپىنچىسىنى ئاھانەت بىلەن قاپلانغان كىشىدىن نەپرەتلىنىمەن» دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگار، «شۇڭا قەلبىڭلارنى پاك ساقلاپ، ۋاپاسىزلىق قىلماڭلار».
17 سىلەر گەپلىرىڭلار بىلەن پەرۋەردىگارنى ھارغۇزۇۋەتتىڭلار. يەنىلا سىلەر: «قانداق قىلىپ ئۇنى ھارغۇزۇۋەتتۇق؟» دەپ سورايسىلەر. سىلەر: «يامانلىق قىلغۇچىلار پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە ياخشىدۇر، ئۇ ئۇلاردىن خۇرسەن بولىدۇ» ۋە يەنە: «ئادالەتنىڭ خۇداسى قېنى؟» دېگىنىڭلار بىلەن ئۇنى ھارغۇزدىڭلار ئەمەسمۇ؟