پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى
14
‏1 «مانا، پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى كېلىدۇ. سېنىڭ مال-مۈلكۈڭ كۆز ئالدىڭلاردا تالان-تاراج قىلىنىپ بۆلۈشۈۋېلىنىدۇ. ‏2 چۈنكى مەن بارلىق ئەللەرنى يېرۇسالېمغا قارشى جەڭ قىلىشقا يىغىمەن. شەھەر ئىشغال قىلىنىپ، ئۆيلەر بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىدۇ، قىز-ئاياللار ئاياغ-ئاستى قىلىنىدۇ. ئاھالىسىنىڭ يېرىمى سۈرگۈن قىلىنىدۇ، خەلقنىڭ قالغانلىرى شەھەردىن ھەيدەلمەيدۇ. ‏3 ئاندىن پەرۋەردىگار بۇرۇن ئۇرۇش ۋاقتىدا قىلغاندەك چىقىپ، بۇ ئەللەرگە قارشى ئۇرۇش قىلىدۇ. ‏4 ئۇنىڭ پۇتلىرى ئۇ كۈنى يېرۇسالېمنىڭ شەرق تەرىپىدىكى زەيتۇن تېغىنىڭ ئۈستىدە تۇرىدۇ. ئۇ چاغدا زەيتۇن تېغى ئىككىگە يېرىلىپ، يېرىمى شىمالغا، يېرىمى جەنۇبقا سۈرۈلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئوتتۇرىسىدا شەرقتىن غەرپكە ئىنتايىن چوڭ بىر جىلغا پەيدا بولىدۇ. ‏5 سىلەر تاغلىرىمنىڭ ئۇشبۇ جىلغىسى بىلەن قاچىسىلەر، چۈنكى بۇ جىلغا ئازەلغىچە تۇتىشىدۇ. سىلەر يەھۇدا پادىشاھى ئۇززىيا زامانىدا يەر تەۋرىگەندە قاچقىنىڭلاردەك قاچىسىلەر. ئاندىن پەرۋەردىگار خۇدايىم كېلىدۇ، بارلىق مۇقەددەسلەرمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە كېلىدۇ.   
‏6 ئۇ كۈنى يورۇقلۇق بولمايدۇ، پارلاق يۇلتۇزلار قاراڭغۇلىشىدۇ. ‏7 ئۇ پەقەتلا پەرۋەردىگارغا مەلۇم ئالاھىدە بىر كۈن بولىدۇ، يا كېچە يا كۈندۈز بولمايدۇ. شۇنداق بولىدۇكى، ئاخشام يورۇق بولىدۇ».
 
پەرۋەردىگارنىڭ پادىشاھلىقى
‏8 «ئۇ كۈنى يېرۇسالېمدىن تىرىك سۇلار ئېقىپ-ئېقىپ چىقىدۇ، ئۇلارنىڭ يېرىمى شەرقىي دېڭىزغا، يېرىمى غەربىي دېڭىزغا قاراپ ئاقىدۇ. قىش-ياز شۇنداق بولىدۇ.
‏9 پەرۋەردىگار پۈتۈن يەر يۈزىنىڭ پادىشاھى بولىدۇ. ئۇ كۈنى يالغۇزلا پەرۋەردىگار، يالغۇزلا ئۇنىڭ نامى بولىدۇ. ‏10 گېبادىن يېرۇسالېمنىڭ جەنۇبىدىكى رىممونغىچە بولغان پۈتۈن زېمىن ئارابا كەبى تۈزلەڭلىككە ئايلىنىدۇ. يېرۇسالېم بولسا بېنيامىن دەرۋازىسىدىن بىرىنچى دەرۋازىنىڭ جايىغىچە ۋە بۇلۇڭ دەرۋازىسىغىچە، ھانانەئەل مۇنارىدىن پادىشاھنىڭ شاراب كۆلچەكلىرىگىچە يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، ئۆز جايىدا تۇرىدۇ. ‏11 ئادەملەر ئۇ يەرگە يەرلىشىدۇ ۋە شەھەر قايتا لەنەتكە ئۇچراپ ۋەيران قىلىنمايدۇ. يېرۇسالېم خاتىرجەملىككە ئېرىشىدۇ.
‏12 يېرۇسالېمغا قارشى جەڭ قىلغان بارلىق ئەللەرنى پەرۋەردىگار شۇنداق ۋابا بىلەن ئۇرىدۇكى: تىرىك تۇرۇپ، تېنىدا گۆشلىرى، چاناقلىرىدا كۆزلىرى، ئېغىزلىرىدا تىللىرى چىرىپ كېتىدۇ. ‏13 ئۇ كۈنى پەرۋەردىگار ئۇلارنى دەھشەتلىك ساراسىمىگە چۈشۈرىدۇ. ئۇلار ئۆز-ئارا تۇتۇشۇپ قېلىپ، بىر-بىرىگە قارشى قول كۆتۈرۈشىدۇ. ‏14 يەھۇدامۇ يېرۇسالېمدا جەڭ قىلىدۇ. ئەتراپىدىكى بارلىق ئەللەرنىڭ بايلىقى، سان-ساناقسىز ئالتۇن-كۈمۈش ۋە كىيىم-كېچەكلەر توپلىنىدۇ. ‏15 ئات، قېچىر، تۆگە، ئېشەك، شۇنداقلا بارگاھلىرىدىكى بارلىق مال-ۋارانلار ئوخشاش ۋاباغا مۇپتىلا بولىدۇ.
‏16 شۇنداق بولىدۇكى، يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلىشقا كەلگەن ئەللەردىن ساق قالغانلىرىنىڭ ھەممىسى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگار پادىشاھقا سەجدە قىلىش ۋە كەپە تىكىش ھېيتىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن ھەر يىلى يېرۇسالېمغا كېلىدۇ. ‏17 شۇنداق بولىدۇكى، يەر يۈزىدىكى خەلقلەردىن قايسى بىرى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگار پادىشاھقا سەجدە قىلىش ئۈچۈن يېرۇسالېمغا كەلمىسە، ئۇلارنىڭ زېمىنىغا يامغۇر ياغمايدۇ. ‏18 مىسىرلىقلار چىقىپ كەلمىسە، ئۇلارنىڭ زېمىنىغىمۇ يامغۇر ياغمايدۇ. پەرۋەردىگار كەپە تىكىش ھېيتىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن كەلمىگەن بارلىق ئەللەرنى جازالىغاندەك، ئۇلارنىمۇ ئوخشاش ۋابا بىلەن جازالايدۇ. ‏19 بۇ مىسىرنىڭ جازاسى، شۇنداقلا كەپە تىكىش ھېيتىنى تەبرىكلەشكە بارمىغان بارلىق ئەللەرنىڭ جازاسىدۇر.
‏20 ئۇ كۈنى ئاتلارنىڭ قوڭغۇراقلىرىغا ‹پەرۋەردىگارغا ئاتالغان› دەپ يېزىلىدۇ. پەرۋەردىگارنىڭ بەيتىدىكى قازانلار قۇربانلىق سۇپىسى ئالدىدىكى جاۋۇرلارغا ئوخشاش مۇقەددەس بولىدۇ. ‏21 يېرۇسالېم ۋە يەھۇدادىكى ھەممە قازانلار ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگارغا ئاتىلىپ مۇقەددەس بولىدۇ. قۇربانلىق قىلغىلى كەلگەنلەر قۇربانلىق گۆشلىرىنى بۇ قازانلاردا پىشۇرىدۇ. ئۇ كۈنى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگارنىڭ بەيتىدە ئەمدى يەنە كەنئانلار بولمايدۇ.