ئىسرائىلنىڭ پاكلىنىشى
13
‏1 «ئۇ كۈنى داۋۇد جەمەتى ۋە يېرۇسالېم ئاھالىسى ئۈچۈن ئۇلارنى گۇناھلىرىدىن ۋە ناپاكلىقلىرىدىن پاكلايدىغان بىر بۇلاق ئېچىلىدۇ.
‏2 ئۇ شۇنداق بىر كۈن بولىدۇكى» دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگار، «مەن بۇتلارنىڭ ناملىرىنى زېمىندىن يوقىتىمەن، ئۇلار قايتا خاتىرىلەنمەيدۇ. يالغان پەيغەمبەرلەرنى ۋە ناپاك روھنى ھەم زېمىندىن قوغلىۋېتىمەن. ‏3 ئەگەر يەنە بىرى چىقىپ پەيغەمبەرلىك قىلماقچى بولسا، ئۆز ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭغا: «سەن تىرىك قالمايسەن، چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا يالغان سۆزلەۋاتىسەن› دەيدۇ. ئۇ يەنىلا پەيغەمبەرلىك قىلىۋاتقاندا ئۆزىنى دۇنياغا كەلتۈرگەن ئاتا-ئانىسى ئۇنى سانجىپ ئۆلتۈرىدۇ. ‏4 ئۇ شۇنداق بىر كۈنكى، ھەربىر پەيغەمبەر ئۆزلىرىنىڭ يەتكۈزگەن ۋەھىيلىرىدىن خىجىل بولىدۇ. ئۇلار ئىنسانلارنى ئالداش ئۈچۈن يەنە يۇڭلۇق پەيغەمبەرلىك تونىنى كىيمەيدۇ ‏5 ۋە: ‹مەن پەيغەمبەر ئەمەس، تېرىقچىمەن. ياش ۋاقتىمدىن تارتىپ كىشىگە قۇل بولۇپ ئىشلىگەنمەن› دەيدۇ. ‏6 بىرى ئۇنىڭدىن: ‹مەيدەڭدىكى بۇ يارىلار نەدىن كەلگەن؟› دەپ سورىسا، ئۇ: ‹دوستلىرىمنىڭ ئۆيىدە يارىلانغانىدىم› دەپ جاۋاب بېرىدۇ».   
 
‏7 «ئەي قىلىچ، پادىچىمغا، ھەمراھىمغا قارشى ئويغان» دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگار، «پادىچىنى ئۇرغىنكى، قويلىرى تارقىلىپ كەتسۇن. مەن ئەمدى قولۇمنى كىچىكلىرىگە قارشى كۆتۈرىمەن».
‏8 «پۈتكۈل زېمىندا شۇنداق بولىدۇكى، ئۈچتىن ئىككى قىسمى قىرىلىپ تۈگەيدۇ، پەقەت ئۈچتىن بىر قىسمى ساق قالىدۇ» دەيدۇ پەرۋەردىگار، ‏9 «ئاندىن قالغان ئۈچتىن بىرىنى ئوتتىن ئۆتكۈزىمەن، ئۇلارنى كۈمۈش تاۋلىغاندەك تاۋلايمەن، ئالتۇن سىنىغاندەك سىنايمەن. ئۇلار مېنىڭ نامىمنى چاقىرىپ ئىلتىجا قىلىدۇ، مەن ئۇلارغا جاۋاب بېرىمەن. مەن: ‹بۇلار مېنىڭ خەلقىم› دەيمەن، ئۇلار: ‹پەرۋەردىگار مېنىڭ خۇدايىم› دېيىشىدۇ».